چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ رايوندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ۋىرۇسنىڭ لاگېرلارغا تارقالغان-تارقالمىغانلىقىنى ئېنىقلاشنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن. ئۆتكەن ھەپتە ۋىرۇسنىڭ خىتايدىكى تۈرمىلەرگە تارقالغانلىقىنىڭ ئاشكارىلىنىشى ئۇيغۇرلاردىكى ئەندىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەنىدى.
ياخۇ تورىنىڭ ئاشكارلىشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكا بىخەتەرلىك ئورگانلىرى ھەربىي ئىستىخبارات ئورگانلىرىنى ئىشقا سېلىپ، كورونا ۋىرۇسىنىڭ خىتايدىكى ئەھۋالىنى ئېنىقلاشقا كىرىشكەن. بىر ئامېرىكا بىخەتەرلىك ئەمەلدارى، خىتاينىڭ مەزكۇر ۋىرۇسنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى ئامېرىكانى ئىستىخبارات ئورگانلىرىنى ئىشقا سېلىشقا مەجبۇرلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە دائىرىلىرىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ۋىرۇستىن يۇقۇملۇنۇپ ئۆلگەنلەر 2 نەپەر بولۇپ، جەمئىي 44 نەپەر يۇقۇمدار دوختۇرخانىدا داۋالانماقتىكەن.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى