«قاراقاش ھۆججەتلىرى» نامى بىلەن ئاشكارىلانغان قاراقاش ناھىيىسىگە قاراشلىق بوستان ئىجتىمائىي رايوندىكى 650 دىن ئارتۇق ئائىلىنىڭ ئارخىپى ئارىسىدا-2002يىلىدىن باشلاپ تۈركىيىدە ياشاۋاتقان روزىنىسا مەتتوختىنىڭ قېرىنداشلىرىمۇ بار. ئارخىپلاردا ئۇنىڭ سىڭلىسى پاتەم مەتتوختى پىلاندىن سىرت بىر بالا، ھەدىسى روزىنىياز مەتتوختى پىلاندىن سىرت ئىككى بالا تۇغقانلىقى سەۋەبلىك لاگېردا ئىكەنلىكى ئېنىق كۆرسىتىلگەن. ئەمما روزىنىسانىڭ بايان قىلىشىچە، «قاراقاش ھۆججەتلىرى» دىكى597-نومۇرلۇق ئارخىپتا ئۇنىڭ ھەدىسى 44 ياشلىق رۇزىنىياز مەتتوختى بىلەن يېزنىسى 50 ياشلىق مەمەت ساۋۇر ئىككىيلەننىڭ تەڭلا 10 يىللىقتىن كېسىلگەنلىكى تىلغا ئېلىنمىغان. ئۇلار ئەمەليەتتە 2016-يىلى 3-ئايدا تۇتقۇن قىلىنىپ، ئىككى ئايدىن كېيىن كېسىۋېتىلگەن ئىكەن.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى