شىنجاڭ گېزىتى تورى ئېلان قىلغان خەۋەردە دېيىلىشىچە، 2- ئاينىڭ 22- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خوتەن ئايرودۇرۇمىدا 171نەپەر ئۇيغۇر ياش جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ھۆددە ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ، خۇنەن چاڭشادىكى زاۋۇت- كارخانىلارغا ئىشلەشكە ماڭغان.سەھىيە تارماقلىرى بۇ قېتىم يولغا چىقىدىغان ئىشلەمچىلەرنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرگەن، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەش بىلىملىرى بويىچە تەربىيەلىگەن ھەم ماسكا تارقىتىپ بەرگەن.

ۋۇخەن شەھىرىدە ئوتتۇرىغا چىققان يېڭى تىپلىق كورونا ۋىرۇسى پۈتكۈل خىتاي مىقياسىدا ۋەھىمە پەيدا قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي دائىرىلىرى خوتەندىن 171 نەپەر ئۇيغۇرنى ۋىرۇس مەركىزى بولغان ۋە ۋىرۇس سەۋەبلىك پۈتۈنلەي قامال قىلىنغان خۇنەن ئۆلكىسىگە ئەۋەتىشنىڭ ئۆزىلا ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىگە قىلىنغان ئەڭ چوڭ زىيانكەشلىك ئىدى.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى تورى