كورونا ۋىرۇسى خەلقئارا ئاخباراتتا قىزىق تېما بولۇپ قالغان بىر بىر مەزگىلدە، ئامېرىكىغا جايلاشقان «ئاۋاز» ناملىق تور بېتى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تارتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى ۋە ئۇلارنى خىتايغا قاراتمىلىق جازا بېرىشكە چاقىردى.
مەزكۇر تەشكىلات 21-فېۋرال «ئۇيغۇرلارغا ھۆرلۈك» نامىدا تارقاتقان مۇراجىئەتنامىگە ئىمزا قويغۇچىلار ئىككى كۈن ئىچىدە 280 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى.
مۇراجىئەتنامىدە ب د ت گە قارىتىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: «ئاز دېگەندە بىر مىليون بىگۇناھ ئادەمنىڭ ۋەھشىيلەرچە قامىلىشى ۋە مېڭە يۇيۇلۇشقا ئۇچۇرۇشى ئىنسانىيەتكە قارىشى جىنايەتتۇر. بىز بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇشۇڭلارنى تەلەپ قىلىمىز.»
مۇراجىئەتنامىدە يەنە ب د ت خىتاينىڭ جىنايەتلىرىگە قارىشى جازا تەدبىرلىرى قوللىنىشقا چاقىرىلدى.
ئۇنىڭدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «بىز سىلەرنى بۇ جىنايەتلەرنى ئەيىبلەپلا قالماي، خىتاينى نېگىزلىك كىشىلىك ھوقۇق ۋە خەلقئارا قانۇنغا ھۆرمەت قىلىشقا مەجبۇرلاش ئۈچۈن خىتايغا قاراتمىلىق ئىقتىسادىي جازا تەدبىرلىرى قوللىنىشقا ۋە ئۇ يەرگە سېلىنغان مەبلەغلەرنى قايتۇرۇپ چىقىشقا چاقىرىمىز.»
مۇراجىئەتنامىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى لاگېرغا قامىغان بۇ بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ ھەرخىل زوراۋانلىقلارغا يولۇقۇۋاتقانلىقى، ئاياللارنىڭ باسقۇنچىلىققا ئۇچراپ، بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلغانلىقى بايان قىلىنغان.
مۇراجىئەتنامىدە مۇنداق دېيىلگەن: «2020-يىلىدىمۇ بۇنداق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىغا ئىشىنىشمۇ ئىنتايىن قورقۇنچلۇق. ھۆكۈمەتلىرىمىزنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ بۇنىڭغا قارشى زۇۋان سۈرگۈدەك جاسارىتى يوق. ئەمما بىز سۈكۈتتە تۇرالمايمىز.»
«ئاۋاز» ناملىق بۇ ئورگان 2007-يىلى ئامېرىكىدا قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ تور بېتى ئىنگلىزچە، خىتايچە ۋە ئەرەبچە قاتارلىق 15 خىل تىلدا مۇلازىمەت قىلىدۇ.
بۇ ئورگان مەلۇم بىر مەسىلىگە قارىتا ئىنتېرنېت ھەرىكىتى قوزغاش مەقسىتىدە قۇرۇلغان.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى