17-فېۋرال كۈنى خەلقئارا تاراتقۇلاردا ئاشكارلىنىپ، دۇنيادا زور غۇلغۇلا قوزغىغان «قاراقاش ھۆججەتلىرى» كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسىنى قوزغىماقتا.
گېرمانىيەدىكى «تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى» بايانات ئېلان قىلىپ، گېرمانىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «بۇ جىنايەتتە جاۋاپكارلىقى بار شەخسلەر» گە ئىمبارگو قويۇشىنى تەلەپ قىلغان. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ باياناتىدا تەكتىلىشىچە، «گېرمانىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي-ياۋروپا باشلىقلار يىغىنىدا ئۇنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك شېرىكى بولغان خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنى ھەل قىلىشى، بۇ ئىشنى قوشۇمچە تىلغا ئېلىپ قويۇپلا ئۆتۈپ كەتمەسلىكى كېرەك» ئىكەن.
باياناتتا مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ دىرېكتورى ئۇلرېخ دېلىئۇسنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ: «بۇ جىنايەتتە جاۋابكارلىقى بار شەخسلەرنىڭ ياۋروپاغا كىرىشىگە يول قويۇلماسلىقى شۇنداقلا گېرمانىيە شىركەتلىرى ئۆزلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى پائالىيەتلىرىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈشى كېرەك» دېيىلگەن. بۇ نۆۋەتلىك ياۋروپا-خىتاي باشلىقلار يىغىنى بۇ يىل سېنتەبىردە گېرمناىيەنىڭ لايپزىگ شەھرىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
«تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىغىندا ياۋروپا ئىتتىپاقى «ئۆزىنىڭ قىممەت قارشىدا چىڭ تۇرۇپ، رەڭگىنى نامايەن قىلىشى كېرەك» ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە خەلقارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ كېلەر ھەپتىدىكى ب د ت يىغىنىدا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالى كومىسسارىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى قوللىشىنى تەلەپ قىلغان. بۇ پىكىرنى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئالى دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى مايا ۋاڭ 20-فېۋرال ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى ماقالىسىدە ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ «قاراقاش ھۆججەتلىرى» خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى قورقۇنچلۇق قىلمىشلىرىنى تېخىمۇ كۆپ دەلىللەر بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ بۇنىڭدا جاۋاپكارلىقى بار چېن چۈەنگودەك ئەمەلدارلارغا ئىمبارگو يۈرگۈزۈشى كېرەك» لىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ تەكتىلىشىچە، بۇ ئارقىلىق «بېيجىڭغا ئۇنىڭ شىنجاڭدىكى باستۇرۇشىنىڭ جاۋاپكارلىقتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇشى كېرەك،» ئىكەن.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى