corona virüs ve concentration camp ile ilgili görsel sonucu

كورونا ۋىرۇسىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى بەزى تۈرمىلەرگە تارقىلىشى مۇھاجىرەتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدا ئىچكىرىدىكى تۈرمىلەرگە يۆتكەپ كېتىلگەن ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنىڭ ئاقىۋىتىگە بولغان ئەندىشىلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە غەربلىك مۇتەخەسسىسلەر كورونا ۋىرۇسىنىڭ لاگېر ۋە تۈرمىلەردىكى ئۇيغۇرلارغا تېخىمۇ ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ لاگېر ۋە تۈرمىلەردە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن ئىدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى 21‏-فېۋرال كۈنى ۋىرۇسنىڭ خۇبېي، جېجياڭ، شەندوڭ قاتارلىق ئۆلكىلەردىكى تۈرمىلەرگە تارقىلىپ، نەچچە يۈز مەھبۇسنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى ئېلان قىلغان. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 21‏-فېۋرال كۈنى ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا مەھبۇس يۇقۇمدارلارنىڭ 271 نەپىرىنىڭ ۋىرۇس مەركىزى بولغان خۇبېيدىكى تۈرمىدە، 234 نەپىرىنىڭ جېجياڭ، شەندوڭ ئۆلكىلىرىدىكى تۈرمىلەردە بايقالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ھالبۇكى رادىيومىز ئۆتكەن يىلى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ لاگېردىكى مىڭلىغان تۇتقۇننى مەخپىي سوتلاپ، قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلغانلىقى ۋە تۇتقۇنلارنىڭ خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىكى تۈرمىلەرگە يۆتكىگەنلىكىنى دەلىللىگەن ئىدى.

خىتاي ئەدلىيە مىنىستىرلىقى جۈمە كۈنى خۇبېيدىكى يۇقۇمدارنىڭ ۋۇخەن ئاياللار تۈرمىسىدە ئىكەنلىكى، 200 دەك يۇقۇمدارنىڭ شەندوڭدىكى تۈرمىدە، قالغانلىرىنىڭ جېجياڭدىكى تۈرمىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. خىتاي ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مەزكۇر ئۇچۇرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت بايانات ئېلان قىلىپ، كورونا ۋىرۇسىنىڭ لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە تارقلىش خەۋپىگە دائىر ئەندىشلەرنى رەت قىلغان مەزگىلدە ئېلان قىلىندى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ 17‏-فېۋرال ئېلان قىلغان باياناتىدا لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلىقى رەت قىلىنىپ، بۇ ھەقتىكى ئەندىشىلەرنى «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەركىتىنىڭ تارقاتقان ئۆسەك سۆزى» دەپ ئەيىبلەنگەن ئىدى. خىتاي سەھىيە دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 21‏-فېۋرال كۈنى خىتاي بويىچە 889 نەپەر يېڭى يۇقۇمدار بايقالغان شۇنداقلا 118 نەپەر بىمار ئۆلگەن.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى