تۈركىيەدە ياشاۋاتقان قاراقاشلىق روزىنىسا مەمەتتوختى ئاخباراتلارغا «قاراقاش ھۆججەتلىرى» گە كىرگۈزۈلگەن ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىۋاتقان كۆرۈنۈشلەرنىڭ بىرى. 2020-يىلى يانۋار.

«قاراقاش ھۆججەتلىرى» دەپ ئاتالغان يېڭىدىن ئاشكارىلانغان 137 بەتلىك بۇ ھۆججەت خوتەننىڭ قاراقاش ناھىيەسىگە قاراشلىق بوستان ئىجتىمائىي رايوندىكى 650 دىن ئارتۇق ئائىلىگە چېتىشلىق 3000 دەك كىشىنىڭ ئارخىپى ئىكەن.

ئۇنىڭدا بۇ تەۋەلىكتىكى پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقادى، كۈندىلىك تۇرمۇشى، يۈرۈش-تۇرۇشى، ئىپادىسى، خاراكتېرى، كىملىك نومۇرى، كەسپىي، چەتئەلدىكى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئىسمى، يېقىن قولۇم-قوشنىلىرى ۋە ئۇلار بىلەن بولغان ئالاقىسى، بۇ ئائىلىلەرنىڭ ئىچىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، لاگېرغا قامالغان ۋە كېسىلگەن كىشىلەرنىڭ ئىسىملىرى، ئۇلارنىڭ قامىلىش، كېسىلىش ۋە لاگېرلارغا قايتا ئەۋەتىلىش سەۋەبى قاتارلىق نۇرغۇن ئىنچىكە تەپسىلاتلار خاتىرىلەنگەن ئىكەن.

3 يېرىم يىلدىن بۇيان يۇرتى قاراقاشتىكى ئائىلىسى بىلەن ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەن ئىستانبۇلدىكى 3 بالىنىڭ ئانىسى روزىنىسا مەمەتتوختى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تەرجىمە قىلىپ تارقاتقان «قاراقاش ھۆججەتلىرى» دىكى 358-نومۇرلۇق ئارخىپتىن ئۆز سىڭلىسى پاتەم مەمەتتوختىنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكىنى بىلگەن. ئۇ يەنە ش ھۆججەتلەردىكى 597-نومۇرلۇق ئارخىپتىن ھەدىسى روزىنىياز مەمەتتوختىنىڭ 10 يىل كېسىلگەنلىكىنى بىلىدۇ. ھەتتا روزىنىسا ئۆزىنىڭ ئىسمى ۋە ئۇنىڭ چەتئەلگە چىقىپ كەتكەنلىكىمۇ سىڭلىسى پاتەم ھەققىدىكى 358-نومۇرلۇق ئارخىپقا يېزىلغان.

مەزكۇر ھۆججەت خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە جازا لاگېرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىپ، ئارقىدىنلا ئېلان قىلىندى. بۇ ھۆججەت دۇنيا جامائەتچىلىكىگە خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى جىنايى قىلمىشلىرىغا دائىر مۇھىم دەلىللەرنى تەمىنلىدى. «قاراقاش ھۆججەتلىرى» دىكى لاگېردىكىلەرنىڭ ئارخىپلىرىدا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ناماز ئوقۇغانلىقى، تەبلىغ ئاڭلىغانلىقى، ساقال قويغانلىقى، ھىجابلانغانلىقى، پاسپورت ئالغانلىقى، چەتئەلگە چىققانلىقى ۋە دىنىي يۈزلىنىشى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنغانلىقى خاتىرىلەنگەن. بۇ ھۆججەتلەردە يەنە تۇتقۇنلارنىڭ يۇقىرىقى ئاتالمىش «جىنايەت» لىرىنىڭ ئۇلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ، لاگېرلارغا قامىلىشى ياكى كېسىلىشىگە يېتەرلىك «جىنايى دەلىل» دەپ قارالغانلىقى ئېنىق كۆرسىتىلگەن. ھۆججەتتىكى 358-نومۇرلۇق ئارخىپتا پاتەم مەمەتتوختىنىڭ پىلاندىن ئارتۇق بىر بالا كۆرگەنلىكى سەۋەبلىك 2018-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى قاراقاش 4-لاگېرغا قامالغانلىقى ئاشكارا بولىدۇ.

روزىنىسا «قاراقاش ھۆججەتلىرى» دەپ ئاتالغان بۇ ھۆججەتلەردىن سىڭلىسى پاتەمدىن باشقا يەنە 597-نومۇرلۇق ھۆججەتتىن ئۆز ھەدىسى روزىنىياز مەمەتتوختىنىڭ تۈرمىدە ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپىدۇ.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى