مەلۇم بولۇشىچە، پەيزىۋاتتىكى بىر لاگېردا بوينىغا قورقۇنچلۇق بىر ئۆسمە چىقىپ قېلىپ، 3 ئاينىڭ ئالدىدا قويۇپ بېرىلگەن ئابلىز ياسىن دوختۇرخانىغا بېرىپ-كېلىپ داۋالىنىۋاتقان مەزگىلدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبلىك كوچىلار قامال قىلىنىپ، دوختۇرخانىغا بېرىشقا ئامالسىز قالغان ۋە داۋالىنىشى ئۈزۈلۈپ قالغان. نەتىجىدە ئۇنىڭ بوينىدىكى ئۆسمە كۈندىن-كۈنگە يوغىناپ، نەپەس ئېلىش ۋە ھەرىكەت قىلىشىغا توسالغۇ بولغان. ئۇ ئولتۇرۇشلۇق شاپتۇل يېزىسىدىكى ئاھالىلەرنىڭ دېيىشىچە، ئۇنىڭ ھاياتى نۆۋەتتە ئېغىر خەۋپ ئاستىدا تۇرماقتىكەن
ئىنكاس قىلىنىشىچە،» ۋۇخەن ۋىرۇسى «سەۋەبلىك ئۇيغۇر رايونىدا داۋام قىلىۋاتقان جىددىي ھالەت، يەنى ئاھالىلەرنىڭ ئۆي قاماققا ئېلىنىشى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ھەر خىل قىيىنچىلىق ۋە پاجىئەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتىكەن.
بىز بۇ ئەھۋالنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن پەيزىۋاتتىكى ئالاقىدار ئورگانلارغا تېلېفون قىلدۇق. خادىملار يۇقىرىقى ئەھۋاللار ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى قەتئىي رەت قىلدى. ئەمما ئىزچىل ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا 3 ئاي ئاۋۋال لاگېردىن قويۇۋېتىلگەن ۋە دوختۇرخانىغا بېرىپ كېلىپ داۋالىنىۋاتقان ئابلىز ياسىننىڭ كوچا-مەھەللەر قامال قىلىنغان 3 ھەپتىدىن بۇيان داۋالىنىشىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالغانلىقى ۋە كېسىلىنىڭ ئېغىرلىشىپ ھاياتى خەۋپكە دۇچ كەلگەنلىكى ئاشكارىلاندى.
مەلۇم بولۇشىچە، 2017 -يىلى 10 يىللىق جازا مۇددىتىنى ئەمدىلا تۈگەتكەن ئابلىز ياسىن تۈرمىدىن قۇتۇلۇپ لاگېرغا تۇتۇلغان. سابىق مەھبۇسلۇق «گۇناھى» بىلەن لاگېردا ئىككى يېرىم يىلچە ياتقان ئابلىز ياسىننىڭ بوينىدا قورقۇنچلۇق بىر ئۆسمە پەيدا بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەن. ئابلىز ياسىن پەيزىۋات ناھىيەلىك دوختۇرخانىغا بېرىپ كېلىپ داۋالىنىۋاتقان مەزگىلدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبلىك كوچىلار قامال قىلىنىپ، ئۆيدىن تالاغا چىقالمىغان ۋە داۋالىنىشى ئۈزۈلۈپ قالغان. ئىلگىرى ئاتۇشقا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا ئاھالىلەرنىڭ ئىنتايىن جىددىي ئەھۋال ئاستىدا كەنتتىن يول خېتى ئېلىپ سىرتقا چىقالايدىغانلىقى، رۇخسەتسىز سىرتقا چىققان تەقدىردە 15 كۈنلۈك «تەربىيەلەش» كە ئەكىتىلىدىغانلىقى مەلۇم بولغان. ئاھالىلەرنىڭ دېيىشىچە، «تەربىيەلەش» تىن قورقۇپ كەتكەن ئابلىز ياسىن دوختۇرغا تەكشۈرتۈش ئۈچۈن ئۆيدىن سىرتقا چىقىشقا جۈرئەت قىلالمىغان. كەنت كادىرلىرى ئاھالىلەرگە يېمەك-ئىچمەك يەتكۈزۈش ئالدىراشچىلىقىدا كېسەل ئابلىز ياسىننى دوختۇرخانىغا ئاپىرىش ياكى يول خېتى بېرىشكە ۋاقىت چىقىرالمىغان.
ئالاقىدار كەنت كادىرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئارىلىقتا بىر نۆۋەت دوختۇرغا تەكشۈرتۈش پۇرسىتىنى قاچۇرۇپ قويغان ۋە 15 كۈنچە دورىسى ئۈزۈلۈپ قالغان ئابلىز ياسىن يېقىندا بىر قىسىم دورىلارغا ئېرىشكەن. ئەمما كېچىككەن دورىلار ئۇنىڭ بوينىدىكى ئۆسمىنىڭ كۈنسېرى يوغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالالمىغان. نۆۋەتتە بوينىدىكى قوش ئۆسمە كۈندىن-كۈنگە يوغىناپ تۇخۇمدەك چوڭلۇققا يەتكەن ھەمدە نەپەس ئېلىش ۋە ھەرىكەت قىلىشىنى قىيىنلاشتۇرغان.
پەيزىۋاتتىكى ئابلىز ياسىننىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار كىشىلەر ئۇنىڭ تۈرمىدىن چىقىپ لاگېرغا، لاگېردىن چىقىپ ئۆي قاماققا قاپسالغانلىقىغا ئېچىنىش بىلەن بىرلىكتە ئۇنىڭ نۆۋەتتە ھاياتىنىڭ ئېغىر خەۋپ ئاستىدا ئىكەنلىكى ۋە دوختۇرخانىغا ۋاقتىدا ئاپىرىلىپ ئۆسمە ئوپېراتسىيەسى قىلىنمىغان تەقدىردە 45 ياشلىق ئابلىز ياسىننىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىپ قېلىش ئېھتىماللىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى