uyghur china concentration camp ile ilgili görsel sonucu

گېرمانىيەدىكى داڭلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە «قاراقاش ھۆججەتلىرى» دا بايان قىلىنغان جازا لاگېرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار كەڭ ئورۇن ئالدى.

17-فېۋرال كۈنى «جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى» دا «ئۇيغۇرلار تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن نېمە ئىشلار يۈز بېرىدۇ؟» ناملىق زور ھەجىملىك بىر ماقالە ئېلان قىلىنغانىدى. 18-فېۋرال كۈنى گېرمانىيەدىكى بارلىق داڭلىق گېزىتلەر، تېلېۋىزىيەلەر ۋە تورلارنى «قاراقاش ھۆججەتلىرى» نىڭ مەزمۇنى ھەم جازا لاگېرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك يېڭى ئۇچۇرلار قاپلىدى.

18-فېۋرال كۈنى «NTV» تېلېۋىزىيە قانىلى «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى جازالاشتىكى دائىملىق ئادەتلىرى»، جەنۇبىي گېرمانىيە تېلېۋىزىيەسى «كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى: ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زىيانكەشلىكنىڭ يېڭى دەلىللىرى»، «فوكۇس» تېلېۋىزىيە قانىلى «ساقال ۋە ئىبادەت شۈبھىلىنىش ئۈچۈن يېتەرلىك. مەخپىي ھۆججەت خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ قانداقلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى» ھەمدە «تۇتقۇنلارنىڭ مەخپىي تىزىملىكى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى مەقسەتلىك باستۇرۇۋاتقانلىقىنى دەلىللىدى»، دۆلەتنىڭ 1-تېلېۋىزىيە قانىلى بولغان «ARD» قانىلى «ئىبادەت، ساقال ياكى يۈزىنى ئوراش خىتاينىڭ تۇتقۇن قىلىشى ئۈچۈن يېتەرلىك سەۋەب بولىدۇ» دېگەن ماۋزۇلاردا خەۋەرلەر ئېلان قىلدى.

يەنە قانچە ئونلىغان گېزىتلەر ۋە تېلېۋىزىيە قاناللىرى ئوخشاش بولمىغان تېمىلار ئاستىدا «قاراقاش ھۆججەتلىرى» دىكى ئاساسىي مەزمۇنلارنى تونۇشتۇردى. بۇنىڭ بىلەن بىر ئايغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان «ۋۇخەن ۋىرۇسى» نىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا قالغان جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى گېرمانىيەدە بىردىنلا مۇنبەرلەرنى قايتىدىن ئىگىلىدى. ميۇنخېندىكى ئۇيغۇر جامائەت ئەربابى ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندى بۇ ھەقتە قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

دىققەتنى بەكرەك تارتىدىغىنى گېرمانىيەدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق گېزىت بولغان «جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى» دا ئېلان قىلىنغان «ئۇيغۇرلار تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن نېمە ئىشلار يۈز بېرىدۇ؟» ناملىق زور ھەجىملىك ماقالە بولۇپ، ماقالە مۇنداق كىرىش سۆزلەر بىلەن باشلىنىدۇ:

«11-ئايدا ئاشكارىلانغان مەخپىي ھۆججەتلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇشلىرىنىڭ نەقەدەر ئېچىنىشلىق ۋە كەڭ كۆلەملىك بولۇۋاتقانلىقىنى دەلىللەپ بەردى. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى شۇنچە ۋاقىتتىن بۇيان لاگېرلارنى ۋە باستۇرۇشلىرىنى ئىنكار قىلىپ، چەتئەللىك زىيارەتچىلەرنىڭ ئۇ يەردىكى بىنورمال ھاياتنى بىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئالدامچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلدى»، «ئەمدىكى مەخپىي ھۆججەتلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قانداق باھانىلەردە لاگېرلارغا قامىغانلىقىنى روشەن كۆرسىتىپ بەردى».

مەزكۇر ماقالىدە خىتاينىڭ ھېچقانداق جىنايى دەلىللەرگە ئېھتىياجسىز ھالدا «گۇمانلىق ياكى ئىشەنچسىز» دەپ قارىغان ھەرقانداق ئۇيغۇرنى قانۇننىڭ سىرتىدا خالىغانچە تۇتۇپ قامايدىغانلىقى، ساقال قويۇش، رومال ئارتىش، ئىبادەت قىلىش، تەبلىغ ئاڭلاشلارنىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە جىنايەت سانىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، «قاراقاش ھۆججەتلىرى» دىن ئېلىنغان تۆۋەندىكى مىساللار بېرىلىدۇ:

1-دېلو ئەھۋالى، جىنسى ئەر. 2017-يىلى 23-ماي 1-تەربىيەلەش مەركىزىگە يوللانغان. 1-سەۋەبى: ئۇنىڭ سابىق ئايالى ئىلگىرى يۈزىنى ئورىغان. 2-سەۋەبى: پىلاندىن سىرت 4 پەرزەنتلىك بولغان.

4-دېلو ئەھۋالى، جىنسى ئەر. 2018-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى 1-تەربىيەلەش مەركىزىگە يوللانغان. سەۋەبى: 1980-يىللاردا تۇغۇلغان كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان ئادەم.

560-دېلو ئەھۋالى، جىنسى ئەر. تەربىيەلىنىش سەۋەبى: ساقال قويغان، كالتە ئىشتان كىيگەن، بۇ ۋاھابىزىملىق ئىدىيەنىڭ بېشارىتى.

568-دېلو ئەھۋالى، «كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان 1990-يىللاردا تۇغۇلغان ئادەم. ئۇ رامزاندا نورمال تىجارەت قىلمىغان.

597-دېلو ئەھۋالى، جىنسى ئايال. 2-تەربىيەلەش مەركىزىدە. تەربىيەلىنىشتىكى سەۋەبى: 1-ئۇ چەتئەلگە چىقىپ باقمىغانلىقى ئۈچۈن پاسپورتقا ئىلتىماس قىلغان. 2. ئۇ ئىككى بالىنى ئارتۇق تۇغقان.

666-دېلو ئەھۋالى، ئۇ «سەزگۈر دۆلەت بىلەن 4 قېتىم تىجارى ئالاقىدە بولغان.»

يۇقىرىقى مىساللار ئارقىلىق خىتاينىڭ قانداق بىمەنە باھانە-سەۋەبلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنى جازا لاگېرلىرىغا قاماۋاتقانلىقى يورۇتۇپ بېرىلگەن مەزكۇر ئەسەردە گېرمانىيەدىكى بەزى گېزىت-ژۇرنال، تېلېۋىزىيە ۋە رادىئو قاناللىرىنىڭ 11-ئايدىن بۇيان ئۆزئارا بىرلىشىپ «قاراقاش ھۆججەتلىرى» ئۈستىدە ئۇزۇن تەكشۈرۈش، تەتقىق قىلىش باسقۇچىنى باشتىن كۆچۈرگەنلىكى تىلغا ئېلىنىدۇ. بۇ بىرلەشمە تەكشۈرۈش، تەتقىق قىلىش ئىشلىرىدا «جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى»، «NDR»، «VDR» تېلېۋىزىيە قاناللىرى، «گېرمانىيە ئاۋازى رادىئوسى» قاتارلىقلار ئۆزئارا ھەمكارلاشقان. ئۇلار مەزكۇر ھۆججەتتە تىلغا ئېلىنغان قاراقاشتىكى 1-ۋە 2-تەربىيەلەش لاگېرلىرىنىڭ ئورنىنى سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق تېپىپ چىققان ۋە 3-4-لاگېرلارنىڭ ئورنىنى پەرەزگە ئاساسەن بېكىتكەن.

د ئۇ ق نىڭ رەئىس ۋەكىلى، «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدىن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، بۇ ئىككى كۈندىن بۇيان ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئېلان قىلىنىۋاتقان جازا لاگېرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنىڭ جەمئىيەتتە زور غۇلغۇلا قوزغىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ماقالىنىڭ خاتىمىسىدە تىلغا ئېلىنىشىچە، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئەرلەر بولۇپ يېشى 25 بىلەن 49 ئارىلىقىدىكى كىشىلەر ئەڭ كۆپ ئىكەن. 1980-يىللىرى ۋە 1990-يىللىرى تۇغۇلغان بىر ئەۋلاد كىشىلەرنى خىتاي ھاكىمىيىتى «خەتەرلىك ئىنسانلار» ياكى «ئىشەنگىلى بولمايدىغان كىشىلەر» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈۋالغان.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى