تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشوغلۇ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن سۆھبەتتە. 2018-يىلى 15-ئىيۇن، بېيجىڭ.

گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 56-نۆۋەتلىك خەۋپسىزلىك يىغىنى جەريانىدا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشوغلۇ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇچرىشىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مەۋلۈت چاۋۇشوغلۇ تۈركىيەدىكى «ئا خەۋەر» تېلېۋىزيەسىگە بەرگەن باياناتىدا ۋاڭ يى بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر مەسىلىنى خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان ھەر قېتىملىق ئۇچرىشىشىمىزدا ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىمىز. دۆلەت رەئىسىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۆتكەن يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى ياپونىيەدىكى 20 دۆلەت گۇرۇھى ئالىي رەھبەرلىرى يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بېيجىڭغا ئېلىپ بارغان زىيارىتىدىمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. مەلۇم بولغىنىدەك ئۇيغۇرلار خىتاي پۇقراسى، ئۇلارنىڭ خىتايدا بارلىق كىشىلىك ھەق ۋە ھوقۇقلىرىغا ئىگە پاراۋان ياشىشىنى تەلەپ قىلىمىز.»

خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا ئۆتكەن يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى بېيجىڭدا ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشتا شى جىنپىڭ تۈركىيەدىن بىر ھەيئەتنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى قوبۇل قىلغان. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشوغلۇ 15-فېۋرال كۈنى ميۇنخېندە مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي رەئىسى تۈركىيەدىن بىر ھەيئەتنى ئۇيغۇر دىيارىغا تەكلىپ قىلغانىدى. بىز ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەر دائىم ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىمىز. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 3-يىغىنىدىمۇ ئۇ يەردە تۇرۇشلۇق ئەلچىمىز بۇنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. خىتاي بىزدىن بىر ھەيئەت تەشكىللەپ ئۇيغۇر رايونىنى زىيارەت قىلىشىمىزنى تەلەپ قىلغانىدى. بىز بېرىپ قەيەرلەرنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، كىملەر بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىمىزنى ھەققىدە تەلەپلىرىمىزنى تەييار قىلدۇق. ئەگەر بۇ تەلەپلىرىمىزنى خىتاي قوبۇل قىلسا بارىمىز، بولمىسا خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىش ئۈچۈن بېرىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق.»

مەۋلۈت چاۋۇشوغلۇ باياناتىنىڭ ئاخىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرك قان سىستېمىسىدىن ئەمەسلىكى توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلغانلىقىنى، لېكىن ئۇيغۇرلارنىڭ بىر تۈرك قوۋمى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «مەلۇم بولغىنىدەك خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرك قوۋمى ئەمەسلىكى توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلدى. بىز ئۇلارغا، ئۇيغۇرلار بىلەن ئېتنىك، مەدەنىيەت ۋە دىنىي جەھەتتىن زىچ مۇناسىۋىتىمىز بارلىقىنى ئېيتتۇق. ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈشىمىز نورمال ئىش. بىز خىتاينىڭ ‹بىر خىتاي› سىياسىتىنى قوللايمىز، دەۋاتىمىز. بىز خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى سەمىمىي بىر شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىمىز. خەلقئارادىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئىنسان ھوقۇقلىرى جەھەتتىن ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىمىز. بۇ، خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان بۇرۇنقى ئۇچرىشىشلىرىمىزدىمۇ كۈنتەرتىپكە كەلگەنگە ئوخشاش ميۇنخېندىكى بىخەتەرلىك يىغىنىدىمۇ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا سۆزلەشتۇق.»

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشوغلۇ ئۆتكەن يىلى 2-ئايدا جەنۋەدە چاقىرىلغان ب د تەشكىلاتى يىغىنىدا سۆزلەپ، «خىتاي جازا لاگېرلىرىنى تاقىۋەتسۇن» دېگەنىدى. دەل بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن مۇخبىرلارغا بۇلارنى دېيىشىدىكى سەۋەب نېمە؟ ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇدىرى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالدى.

تۈركىيەدە تونۇلغان ژۇرنالىست مەمەت ئەلى ئۈنال ئەپەندى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ باياناتى ھەققىدىكى كۆز-قارىشىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئەپسۇسكى ئۇلار، خىتايغا قارىتا بەكلا يۇمشاق پوزىتسىيە تۇتماقتا. خىتاي بىلەن مۇناسىۋىتىمىز بۇزۇلۇپ كېتەرمۇ؟ دەپ مۇشۇنداق قىلىۋاتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن تۈركىيە جامائەتچىلىكىنىڭ بۇ ھەقتە ھۆكۈمەتكە بېسىمى بار. قىيىن بىر ئەھۋالدا، نېمە قىلىشىنى بىلەلمەيۋاتىدۇ. جامائەتچىلىكنىڭ بېسىمى بەك مۇھىم.»

تۈركىيە قەيەردە قىيىن ئەھۋالدا چۈشۈپ قالغان مۇسۇلمان بولسا ئۇلارغا ياردەم قىلىمىز دەيدىغان پرىنسىپى بويىچە ئاپەتكە ئۇچرىغان يەرلەرگە ياردەملەرنى ئەۋەتىپ كەلمەكتە. بۈگۈن ئۇيغۇرلار ھەم جازا لاگېرلىرى ھەم ۋۇخەن ۋىرۇسى تۈپەيلىدىن قاتمۇ-قات قىيىنچىلىقلارغا دۇچار بولماقتا. ئۇيغۇرلارغا قېرىنداش دۆلەت ھېسابلىنىدىغان تۈركىيە خىتايغا ئىلتىماس قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا ياردەم بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈشنى تەلەپ قىلسا خىتاي رۇخسەت قىلارمۇ؟ دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاينىڭ بۇنىڭغا رۇخسەت قىلمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

تۈركىيە خەلقى ئۇيغۇرلارنى كەڭ-كۆلەمدە قوللاۋاتقان بولسىمۇ، بىراق، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىن بەزى ئىقتىسادىي مەنپەئەتلەرنى كۈتۈپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىدە سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. ھازىر خىتايدا ۋىرۇس تارقالغاندىن كېيىن، خىتايدىن تۈركىيەگە ساياھەتچىلەر كېلەلمەيۋاتىدۇ، خىتاي بىلەن بولغان تىجارەت مۇناسىۋىتىمۇ ۋاقىتلىق چەكلەندى. بۇنىڭ تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىگە قانداق تەسىرى بولار؟ دوكتور ئەركىن ئەكرەم بۇ ھەقتىكى كۆز-قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتىدىمۇ بۇ ئۇچرىشىش توغرىسىدا خەۋەر ئېلان قىلىنغان بولۇپ، خەۋەردە چاۋۇشوغلۇنىڭ تۈركىيەنىڭ «شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوللايدىغانلىقى» نى، خىتاي ئېلىپ بېرىۋاتقان «دىنىي ئاشقۇنلۇققا قارشى كۈرەشنى قوللايدىغانلىقى» نى تەكىتلىگەنلىكى يېزىلغان.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى