جەنۋەدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، 2-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا، قۇرۇلتاي فوندىنىڭ مۇدىرى ئابدۇجېلىل ئەمەت، قۇرۇلتاينىڭ ئىشخانا مۇدىرى زۇمرەت ئۇيغۇر، قۇرۇلتاينىڭ بېرلىندىكى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ئېۋا خانىم ھەمدە قۇرۇلتاي تەركىبىدىكى «بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى ياشار قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى ب د ت دا جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» نىڭ لاگېرلارغا تارقىلىش خەۋپى توغرىسىدا ب د ت خادىملىرىنى ئاگاھلاندۇرۇشنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان بىر يۈرۈش پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان.
د ئۇ ق ۋەكىللىرىنىڭ بۇ زىيارىتى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 43-نۆۋەتلىك يىغىنى چاقىرىلىشقا ئىككى ھەپتە قالغان بىر پەيتكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، دولقۇن ئەيسا ئەپەندى تەمىنلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ۋەكىللىرى بۇ بىر ھەپتە جەريانىدا 30 دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ ب د ت دىكى ئەلچىلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئۈستىدە سۆھبەتلەر ئېلىپ بارغان.
مەزكۇر پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان د ئۇ ق فوندىنىڭ مۇدىرى ئابدۇجېلىل ئەمەت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ب د ت دىكى ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلغان كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىلىرى ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنىڭ سۆزلىرىگە ئېتىبار بىلەن قارىغان ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتىگە قارىتا ھېسسىداشلىقلىرىنى ئىپادە قىلىشقان.
بۇ پائالىيەتكە د ئۇ ق نىڭ ئىشخانا مۇدىرى زۇمرەت ئۇيغۇرمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ب د ت دىكى بۇ ئۇچرىشىشلاردا ھەرقايسىي دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىلىرىگە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» نىڭ جازا لاگېرلىرىغا تارقىلىش خەۋپى ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىدە كېلىپ چىقىدىغان يامان ئاقىۋەتلەر توغرىسىدىمۇ مەلۇماتلار بېرىلگەن ھەمدە بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەرقايسىي دۆلەتلەرنىڭ ياردىمى تەلەپ قىلىنغان.
د ئۇ ق تەركىبىدىكى «بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى ياشارمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۇ بىر ھەپتىلىك پائالىيەتلەرنىڭ ناھايىتى نەتىجىلىك، تەسىرلىك ئۆتكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ سۆزىدە بۇ بىر ھەپتىلىك پائالىيەت جەريانىدا ئۇچراشقان ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ب د ت دىكى ئەلچىلىرىگە خىتاينىڭ چەتئەللەرگە ئۇزارغان قولى ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىگە قىلىۋاتقان زىيانكەشلىكلىرى توغرىسىدىمۇ مەلۇماتلار بېرىپ ئۆتكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرىشىچە، 2-ئاينىڭ 24-كۈنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 43-نۆۋەتلىك يىغىنى باشلىنىشى بىلەنلا د ئۇ ق نىڭ بىر گۇرۇپپا ۋەكىللىرى قايتىدىن جەنۋەگە يېتىپ كېلىپ، ب د ت نىڭ بىناسى ئالدىدا چوڭ بىر چېدىر قۇرۇپ جازا لاگېرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەر كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزىدىكەن. بۇ پائالىيەت بىر ھەپتىدىن ئارتۇق داۋام قىلىدىكەن.
ئابدۇجېلىل ئەمەت ئەپەندى ب د ت بىناسى ئالدىدا ئۆتكۈزىلىدىغان بۇ كۆلىمى زور سۈرەتلەر كۆرگەزمىسىگە 100 گە يېقىن دۆلەتنىڭ ئەلچىلىرىنى تەكلىپ قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى دۇنيانىڭ ھەرقايسىي ئەللىرىدىكى شارائىتى يار بەرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ پائالىيەتكە كېلىپ قاتنىشىشىنى تەشەببۇس قىلدى.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى