تۈركىيەدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىدىن تۇتقۇندىكى ئائىلە ئەزالىرى ھەققىدە جاۋاب ئالغان ئۇيغۇر مۇھاجىر جەۋلان شىرمەمەت، ۋە ئۇنىڭ كېسىلىپ كەتكەنلىكى دەلىللەنگەن ئانىسى.

مەلۇم بولۇشىچە، تۇتقۇندىكى ئائىلە-ئەزالىرى ھەققىدە ئاخباراتتا گۇۋاھلىق بەرگەن ئىستانبۇلدىكى ئىككى ئۇيغۇر مۇھاجىر بۇ ھەپتە خىتاي كونسۇلخانىسىدىن كۈتۈلمىگەن بىر تېلېفون تاپشرۇۋالغان. تېلېفوندا بۇلارغا ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان مەزكۇر خادىم ھەر ئىككى مۇھاجىرغا ئائىلە ئەزالىرىدىن بىر قىسمىنىڭ كېسىلىپ كەتكەنلىكىنى رەسمىي ئۇقتۇرغان. ئاندىن تۈرمە سىرتىدىكى ئائىلە-ئەزالىرىنىڭ «ئۇلار چەتئەلدە بۆلگۈنچىلىك بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار بىلەن سۆزلىشىشنى رەت قىلغانلىقى» نى ئېيتقان.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلاردىن ئۆمەر ھەمدۇل بىلەن جەۋلان شىرمەمەت يېقىندا ئىجتىمائىي ئاخباراتلاردا بايانات ئېلان قىلىپ تۇتقۇندىكى ئائىلە ئەزالىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن ئىدى. ئۇلارنىڭ باياناتىدىكى ئۇچۇرلار رادىيومىز ۋە باشقا خەلقئارا تاراتقۇلار تەرىپىدىن خەۋەر قىلىنغان ئىدى. بايانات ئېلان قىلىشتىن ئاۋۋال پۈتۈن سوئاللىرىنى جاۋابسىز قالدۇرغان ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى يېقىندا بۇ ئىككى مۇھاجىرنى ئۆزلىكىدىن ئىزدەپ، ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە قىسمەن جاۋاپ بەرگەن.

بۇ ئىككى مۇھاجىر رادىيومىزغا تەمىنلىگەن تۆۋەندىكى ئاۋاز خاتىرىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، كونسۇلخانا خادىمى ئۆمەر ھەمدۇللاغا بەرگەن جاۋابىدا ئۇنىڭ ئىككى ئاكىسى، كورلادىكى روزا ھاجى سودا شىركىتىنىڭ ۋە چىلانباغ سارىيىنىڭ ساھىبى روزى ھەمدۇللا بىلەن مۇھەممەد ھەمدۇللانىڭ كېسىلگەنلىك ئۇچۇرىنى دەلىلىگەن. مەزكۇر خادىم جەۋلان شىرمەمەتكە بەرگەن جاۋابىدىمۇ ئۇنىڭ ئاپىسىنىڭ ئاتالمىش «تېرورچى» لارغا ياردەم بەرگەنلىكى ئۈچۈن كېسىلىپ كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇرغان. ئەمما ئۇلارنىڭ جازا مۇددىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن.

كونسۇلخانا خادىمى جەۋلان شىرمەمەتكە دادىسى ۋە ئىنىسىنىڭ نۆۋەتتە لاگېردا ئەمەسلىكىنى ئۇقتۇرۇش بىلەن بىرلىكتە ئۇنىڭ «تۈركىيە ۋە مىسىردا بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلىرىگە قېتىلغانلىقى ئۈچۈن ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىشنى رەت قىلغانلىقى» نى ئۇقتۇرغان. جەۋلان ئۆزىنىڭ مىسىرغا بېرىپ باقمىغانلىقى، تۈركىيەدىمۇ ئوقۇش ۋە تىجارەتتىن باشقا ئىشقا ئارىلاشمىغانلىقىنى بىلدۈرگەندە مەزكۇر خادىم ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئۇچۇرنى دۆلەت ئىچىدىكى ئالاقىدار خادىملاردىن ئىگىلىگەنلىكىنى ئۇقتۇرغان.

جەۋلان شىرمەمەت بىلەن ئۆمەر ھەمدۇللا كونسۇلخانا خادىمىدىن تېلېفون تاپشۇرىۋېرىلىش جەريانى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

ئۆمەر ھەمدۇل سۆھبىتىمىز داۋامىدا بىر ئاتا-ئانانىنىڭ ئۆز پەرزەنتى بىلەن سۆزلىشىشنى رەت قىلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى، بۇنىڭ ئىنسان تەبىىتىگە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىرلىكتە خىتاي تەرەپنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئېغىزىنى تۇۋاقلاش ئۈچۈن تەھدىت ئارىلاش ئۇچۇر يەتكۈزىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. جەۋلان شىرمەمەت ئەگەر دادىسى بىلەن ئىنىسىنىڭ ئۆزى بىلەن سۆزلىشىشنى رەت قىلغانلىقى راست بولسا، بۇنىڭ بىر خالىماسلىق ياكى قارشىلىقتىن ئەمەس، بەلكى ۋەھىمىدىن ئىكەنكلىكىنى، ئۇلارنىڭ لاگېردىكى مەزگىلدە ئىلگىرى ئۆزى بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكەنلىكى ئۈچۈن ئېغىر تەن جازاسىغا ئۇچرىغانلىق ئېھتىماللىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ يەنە دادىسىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ئۆزى بىلەن سۆزلەشكۈدەك دەرىجىدە بولمىغانلىقى ئۈچۈن دائىرىلەرنىڭ بۇ يالغاننى توقۇپ چىققانلىق ئېھتىماللىقىنىمۇ تىلغا ئالدى.

ھەر ئىككى مۇھاجىر خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ تەھدىتىگە پەرۋا قىلمايدىغانلىقى، ئائىلە ئەزالىرى ۋە لاگېردىكىلەر ئەركىنلىككە ئېرىشمىگۈچە بۇ زۇلۇمنى دۇنياغا پاش قىلىشنى توختاتمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى