«ۋۇخەن ۋىرۇسى» تارقالغاندىن كېيىن پۈتۈن دۇنيا ئۇنىڭ خەۋپىدىن قوغدىنىش تەدبىرلىرىنى ئېلىۋاتقان مەزگىلدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى بۇ ۋىرۇسنىڭ ئۇيغۇر رايوندىكى لاگېرلارغا تارقىلىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا ۋە خەلقئارا جامائەتنى لاگېرلاردا يۈز بەرگۈسى بىر پاجىئەنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە چاقىرماقتا. ئۇيغۇر رايونىدىن كېلىۋاتقان بۇ ھەقتىكى ھەر خىل ئۇچۇرلارمۇ پائالىيەتچىلەرنىڭ ئەندىشىلىرىنىڭ ئاساسسىز ئەمەسلىكىنى كۆرسەتمەكتە. خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم تۈنۈگۈنكى باياناتىدا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىدىن لاگېرلاردا دەرھال بىر تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.
خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ۋاباسى تارقالغاندىن كېيىن ئۆز تور بېتىدە ئارقا-ئارقىدىن 3 قېتىم بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ ۋىرۇسنىڭ لاگېرلاردا پاجىئە تۇغدۇرۇش خەۋپىدىن خەلقئارا جامائەتنى ۋاقىپلاندۇرغان ۋە لاگېردىكىلەرنى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» دىن قوغداش ھەققىدىكى تەلەپلىرىنى خەلقئارادىكى، جۈملىدىن ئامېرىكادىكى ئالاقىدار ئورگانلارغا يەتكۈزگەن.
رابىيە خانىمنىڭ بۇ ھەقتىكى تۇنجى باياناتىدا لاگېردىكى 3 مىليوندىن ئارتۇق تۇتقۇننىڭ مەزكۇر ۋىرۇسقا تاقابىلچانلىقى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئەڭ ئاجىز كىشىلەر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. ئۇ باياناتىدا رايوننىڭ تارىخىي ۋە سىياسىي ۋەزىيىتى نەزەردە تۇتۇلسا خىتاينىڭ لاگېردىكى بۇ 3 مىليون ئىنساننىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە باش قاتۇرۇپ كەتمەيدىغانلىقىنى، ھەتتا يىللاردىن بۇيان بېشىنى قاتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر مەسىلىسىنى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» دىن ئىبارەت مۇشۇ ۋابا باھانىسىدە بىر تەبىئىي بالايى-قازا سۈپىتىدە بىر تەرەپ قىلىۋېتىش كويىدا بولىدىغانلىقىنىمۇ ئىلگىرى سۈرگەن. خىتاينىڭ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» نىڭ لاگېرلارغا تارقىلىشىغا كۆز يۇمۇش ۋە ھەتتا قەستەن يۇقتۇرۇش ئېھتىماللىقىنىمۇ چەتكە قېقىشقا بولمايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن مەزكۇر باياناتتا خىتاينىڭ لاگېردىكىلەرنى «تېررورلۇققا زەربە بېرىش» شوئارى بىلەن توپلىغانلىقى ۋە ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەت» نى ھايات-ماماتلىق جەڭ دەپ ئېلان قىلغانلىقى ئەسلىتىپ ئۆتۈلگەن.
فىنلاندىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى خالمۇرات ئۇيغۇر ئالدىنقى كۈنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۆزىگە ۋەتەندىن كەلگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسەن «ۋۇخەن ۋىرۇسى» يۇقۇم گۇماندارلىرىنىڭ كورلادا لاگېردىكىلەردىنمۇ بايقالغانلىق ئېھتىماللىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان. بىز پائالىيەتچى خالمۇراتنىڭ يازمىسىدىكى يىپ ئۇچلىرىغا ئاساسەن كورلادىكى پارتىيە مەكتىپىگە تېلېفون قىلدۇق. ئالاقىدار بىر خادىم كورلادا يېڭىدىن بايقالغان يۇقۇم گۇماندارىنىڭ «پارتىيە مەكتىپىنىڭ خىزمەتچىسى ياكى ئوقۇغۇچىسى ئىكەنلىكى» ھەققىدىكى سوئالىمىزغا «پارتىيە مەكتەپتە ئەمەس» دەپ جاۋاب بەردى ۋە بۇ ئارقىلىق يېڭىدىن بايقالغان بىر يۇقۇمدار بارلىقىنى ئىشارەتلىدى.
رابىيە خانىم ئىككىنچى قېتىملىق باياناتىدا لاگېردىكىلەرنىڭ نۆۋەتتە يەر شارىدا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» دېگەن بىر ئاپەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە ئۆزلىرىگە قاراپ يېقىنلىشىۋاتقانلىقىدىن خەۋەرسىزلىكى، ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ لاگېردىكىلەرنى بۇ خەۋپتىن ئاگاھلاندۇرۇش ئىمكانى يوقلۇقىنى ئەسكەرتكەن ئىدى.
كورلادىكى ئالاقىدار يەنە بىر خادىم كورلادا بايقالغان يۇقۇملانغۇچىنىڭ ئۈچ نەپەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ مىللەت تەركىبى ھەققىدە مەلۇماتى يوقلۇقىنى بايان قىلدى. ئەمما ئۇ بۇ 3 كىشى ئىچىدە لاگېردىكىلەر، يەنى تۇتۇلغان ياكى كېسىلگەنلەر يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈردى. كورلادىكى دائىرىلەر ئىلگىرى بايقالغان 3 نەپەر يۇقۇمداردىن باشقا يېڭىدىن بايقالغانلىرىنىڭ يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. ئەمما ئۇيغۇر رايوندىكى دائىرىلەرنىڭ تۈنۈگۈنكى مەلۇماتىدا يېڭىدىن بايقالغان 4 نەپەر يۇقۇملانغۇچىنىڭ بىرىنىڭ بايىنغولىن ئوبلاستىدا ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. بۇ ئۇچۇر پائالىيەتچى خالمۇرات ئۇيغۇر ئېرىشكەن ئۇچۇرنىڭ ئاساسسىز ئەمەسلىكىنى ئىشارەتلىمەكتە.
يەنە تورلاردا ئاشكارىلانغان ئۈرۈمچى سايباغ رايونىدىكى بىر ئاھالىلەر رايونىغا ئائىت ھۆكۈمەت ئۇقتۇرۇشىدا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» شەكىللەندۈرگەن تەھدىتنىڭ پەۋقۇلئاددە ئېغىرلىقى تەكىتلەنگەن. ئۇنىڭدا 2 -ئاينىڭ 3-كۈنىدىن باشلاپ ئاھالىلەر رايوننىڭ تولۇق قامال قىلىنىدىغانلىقى ئېلان قىلىپ، بىر قاتار جىددىي تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. تەدبىرلەر ئارىسىدا ئاھالىلەرنىڭ ئۆيدىن تالاغا چىقماسلىقى، زىيارەتچى قوبۇل قىلماسلىقى، بولۇپمۇ ئۆزئارا توپلانماسلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. رابىيە خانىم ئەڭ دەسلەپكى باياناتىدا لاگېردىكىلەرنىڭ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» دىن مۇداپىيەلىنىش ئۈچۈن ئەڭ ئالدى بىلەن توپلانغان لاگېرىدىن تارقىلىتىلىشى ۋە ئائىلە ئەزالىرى بىلەن جەم بولۇپ، ئۆيلىرىدە سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ۋە كېسەلگە تاقابىلچانلىقىنى كۈچەيتىشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن ئىدى.
بۇ ھەقتە يەنە كانادا ۋە ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ئۆز ئەندىشىلىرىنى ھەر خىل يوللار بىلەن ئوتتۇرىغا قويماقتا. تېببىي تەتقىقاتچى ۋە پائالىيەتچى مەمەت ئىمىن ئەپەندى «پىدائىيلار» تور تېلېۋىزىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت خاتىرىسىدە لاگېردىكى ئادەم زىچلىقىنىڭ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا تاقابىل تۇرۇشتا ئەڭ چوڭ ئاجىزلىق ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان ئىدى.
بىز بۇ ھەپتە ئىچىدە ئاتۇشتا مىرئادىل نۇرئەخمەت قاتارلىق بىر تۈركۈم يۇقۇم گۇماندارلارنىڭ بۇرۇنقى بىر لاگېرغا، يەنى نۆۋەتتىكى مەۋجۇت لاگېرلارغا يېقىن بىر جايغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى خەۋەر قىلغاندىن كېيىن تۈنۈگۈن رابىيە خانىم ئۈچىنچى قېتىملىق باياناتىنى ئېلان قىلدى. ئۇ خەلقئارا سەھىيە تەشكىلاتىدىن ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلاردا جىددىي بىر تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى