2006.01.09

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش تەپتىشى، شۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى كۈرەش كۆسەن، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا زىيارەتتە بولدى. ئۇ ئامېرىكىدا خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بىلەن ۋە ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچراشتى. ئۇ ئامېرىكىدىن ئايرىلىش ئالدىدا ئىستانسىمىزدا زىيارەتتە بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئامېرىكا تەسىراتلىرى ھەققىدە توختالدى.