خارۋاتىيە جۇمھۇرىيىتىدىن مەخسۇس يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۈچۈن پايتەخت ۋاشىنگتونغا كەلگەن، يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىدىن ھايات قالغان شاھىتلاردىن بىرى، 82 ياشلىق دورا كلايمەن خانىم 5-فېۋرال كۈنى يەھۇدىي قىرغىنچىلىقى خاتىرە مۇزېيىدا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئۆز ئائىلىسى ۋە باشقا يەھۇدىيلار بېشىدىن ئۆتكۈزگەن تارىخىي قىرغىنچىلىق ھەققىدە نۇتۇق سۆزلىدى.
دورا خانىم نۇتقىدا مۇنداق دەپ چاقىرىق قىلدى: «مېنىڭ ئىسمىم دورا كلايمەن. 1938-يىلى يانۋاردا خارۋاتىيەدە تۇغۇلغان. گېرمان ناتسىستلىرى ئاپام ۋە دادامنى تۇتۇپ، يەھۇدىيلار لاگېرىغا ئېلىپ ماڭغىنىدا ئىنىم تېخى بوۋاق ئىدى. 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندا مەن 7 ياشتا ئىدىم، شۇڭا ھەممە ئىشلار يادىمدا، ئۇ چاغدا مەن بىر كاتولىك قوشنىمىز تەرىپىدىن بېقىۋېلىندىم. بەختكە يارىشا بوۋاق ئىنىمنى ئۆيىمىزنىڭ خىزمەتچىسى قۇتقۇزۇپ قالغان. ئاپام ۋە دادام باشقا-باشقا لاگېرلارغا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئىككىلىسى ئۆلتۈرۈلگەن. شۇ قىيىن دەۋردە بىز كاتولىك قوشنىمىزنىڭ ھىمايىسىدە ياشىدۇق. كېيىن قىرغىنچىلىقتا ھايات قالغان بىردىنبىر تۇغقىنىمىز تاغام بىزنى بېقىۋالدى. بىز شۇ ئۆچمەنلىك، قىيىنچىلىققا تولغان تراگېدىيەلىك مەزگىلدە ھايات قېلىشىمىز بىر مۆجىزە ئىدى. چۈنكى، بۇ مۆجىزە شۇ دەۋردىمۇ ئېتنىك كىملىكى، دىنىي ئارقا كۆرۈنۈشىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قارىماستىن، بىزنىڭ يەھۇدىيلىكىمىزنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ھاياتىنى خەتەرگە قويۇش بەدىلىگە بىزنى قوغداپ قالغان ئىنسانلارنىڭ بار بولغانلىقىدۇر. شۇڭا بىز تارىخنىڭ شاھىتى سۈپىتىدە ساق قالدۇق. ھالبۇكى، تراگېدىيە شۇكى ئېتنىك ۋە دىنىي كىملىكى سەۋەبلىك قىرغىنچىلىققا، باستۇرۇشقا ئۇچراش بۈگۈنمۇ ئاخىرلاشقىنى يوق.
دۇنيا رەھبەرلىرىنىڭ ۋە خەلقلىرىنىڭ بىرلىكتە ‹ئەبەدىي تەكرارلانمىسۇن› دېگەن ئەقىدىمىزنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە قۇدرىتى يېتىدۇ، مەن ۋە ماڭا ئوخشاش بالىلىق مەزگىللىرىدە يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىغا شاھىت بولغانلارنىڭ كەچمىشلىرى يەھۇدىي قەتلىئامىنى ھەر قانداق دىن ۋە ئېتنىك خەلق ئۈستىدە تەكرارلاتماسلىق ئۈچۈن ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشىڭلارغا ئىلھام بولغۇسى».
يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىنىڭ شاھىتى دورا كلايمەن خانىم تەسىرلىك نۇتقىدىن كېيىن ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى:
مۇخبىر: ھۆرمەتلىك دورا خانىم، يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىنى بىز ھەممىمىز بىلىمىز ۋە ئۇنى ئۇنتۇمايمىز. ئەمما كىشىلەر تارىختا سىز ۋە يەھۇدىي خەلقى باشتىن كەچۈرگەن شۇنداقلا «ئەبەدىي تەكرارلانمىسۇن» دېگەن بۇ خىل قەتلىئامنىڭ ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن قايتىلىنىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلماقتا. سىزنىڭچە بۇ قىرغىنچىلىقنى توسۇپ قېلىشتا ئەڭ ئاۋۋال كىملەرنىڭ مەسئۇلىيىتى بار دەپ قارايسىز؟
دورا: پەقەت ھۆكۈمەت ياكى ئورگانلارلا ئەمەس ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى بار، دەپ ئويلايمەن. ھەر قانداق باستۇرۇش ۋە زۇلۇمغا ھەر قانداق بىر ئىنسان قارشى تۇرۇشى لازىم، شۇنداق زۇلۇمنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ بىر ياندا ھېچنېمىگە قۇربى يەتمەسلىك مەن ئۈچۈن تولىمۇ ئازابلىق بىر ئىش، ھۆكۈمەتلەرنىڭ بىر تەدبىر قوللىنىشىنى ئۈمىد قىلىۋاتىمىز، ئەمما مېنىڭچە ھۆكۈمەتنىڭ ھەرىكەت قوللىنىشى ئۈچۈن، بىزگە ئوخشاش خەلق ھېچ بولمىغاندا بىرلىكتە ھۆكۈمەتكە بېسىم ئىشلىتەلەيمىز.
مۇخبىر: سىزنىڭچە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ئەينى دەۋردە يەھۇدىيلار ئۇچرىغان ۋەزىيەتكە ئوخشاپ كېتەمدۇ؟
دورا: مېنىڭچە بىر ئاز پەرقلىق، ئۆز ۋاقتىدا ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەسىلىمىزگە ئارىلاشماسلىقىغا ئۇرۇش ئامىلىنىڭمۇ تەسىرى بولغان. ئەمما ھازىر ئوخشىمايدۇ، ھازىرقى دۆلەتلەر بولسا ئۇرۇشنىڭ بېسىمى ئەمەس يەنە باشقا بىر خىل بېسىمنىڭ تەسىرىگە ئۇچراۋاتىدۇ، يەنى ئىقتىسادىي بېسىمنىڭ.
ئۇرۇش ۋاقتىدا دۆلەتلەر يەھۇدىيلارنى قۇتقۇزۇشقا ھەرىكەت قىلماسلىقىغا، ئۇرۇشقا كىرىپ قېلىشتىن ساقلانغانلىقىنى باھانە قىلغان. ئەمما ھازىر ئۇرۇش يوق، ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزساق ئىقتىسادىي بېسىمغا ئۇچرايمىز دېگەن بىلەنلا بۇ مەسئۇلىيەتتىن قېچىشقا باھانە بولالمايدۇ.
مۇخبىر: سىزنىڭچە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ياكى كىشىلەر ئۇيغۇرلارنى بۇ خىل ۋەزىيەتتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلالايدۇ؟
دورا: ئەگەر قۇربۇم يەتسە ئىدى ھۆكۈمەتلەرگە، خىتايغا قارشى نېمە قىلىشتا، ئۇلارنىڭ خىتاي بىلەن ئىقتىسادىي كېلىشىملەرنى ھازىرلىغاندا ۋە ياكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەردە خىتاينى كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىشى ياكى مۇنداق ئىشلارنى قىلساڭ شەرتىمىزگە خىلاپ بولىدۇ دەپ ئاگاھلاندۇرۇشى ھەققىدە مەسلىھەت بەرگەن بولار ئىدىم.
مۇخبىر: ھازىر كۆپىنچە ھاللاردا ئۇيغۇرلار مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىغا ئۇچرىماقتا دەپ ئەيىبلىنىۋاتىدۇ، سىزنىڭچە ئۇيغۇرلار باشتىن كۆچۈرۈۋاتقىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىقمۇ؟
دورا: ئەگەر بىز بۇ قىرغىنچىلىق يۈز بېرىپ بولغاندىن كېيىن ئۇنى قىرغىنچىلىق دەپ ئېتىراپ قىلغىنىمىزدا تولىمۇ كېچىككەن بولىمىز. ھازىر يۈز بېرىۋاتقانلارنى دۇنيانىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەتتىن خەۋىرى بولغانلىقىدىن دەپ ئويلايمەن. ئىككى يىل ئاۋۋال يەنىلا نۇرغۇن دۆلەتلەر بۇلاردىن تېخى تولۇق خەۋەردار ئەمەس ئىدى، ھازىر ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى ئۈچۈن ئۇلارغا بېسىم ئىشلىتىش مۇمكىنچىلىكى يۇقىرى دەپ قارايمەن، چۈنكى ئۇ جايدا ئىككى يىل ئاۋۋال لاگېرلار قۇرۇلغانلىقى، مىليونلارچە كىشىلەرنىڭ قامالغانلىقى، بەزىلىرى قويۇپ بېرىلدى دېگەنگە ئوخشاش ئەھۋاللاردىن ھەممىنىڭ خەۋىرى بار. شۇڭا ئۇلار چوقۇم بۇ مەسىلىگە ئارىلىشىشى كېرەك.
دورا كلايمەن خانىم ۋاشىنگتوندىكى يەھۇدىي قىرغىنچىلىقى خاتىرە مۇزېيىغا ئۆزىنىڭ كەچمىشلىرى ۋە تارىخىي ئائىلىۋى سۈرەتلىرىنى تەمىنلىگەن يەھۇدىي شاھىت ئىكەن. شۇنداقلا ئۇ بۇ مۇزېينىڭ تەكلىپلىك تارىخىي لېكسىيە بەرگۈچىسى بولۇپ، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ۋە يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىغا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرگە شاھىت سۈپىتىدە قاتنىشىپ كەلمەكتىكەن.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى