ۋاشىنگتونغا جايلاشقان «Holocaus Mémori’al Museum»، يەنى يەھۇدىي قەتلىئامى خاتىرە مۇزېيىدا 5-فېۋرال ئۆتكۈزۈلگەن «يەھۇدىيلار قەتلىئامغا ئۇچرىغان 75 يىلدىن كېيىنكى دىنىي باستۇرۇشلار» يىغىنىنىڭ يېپىلىش نۇتقىنى سۆزلىگەن «21-ئەسىر ۋىلبېرفورسې» تەشكىلاتىنىڭ پرېزىدېنتى دوكتور راندېل ئېۋېرېت سۆزىنى مۇنداق خۇلاسىلىگەنىدى: «باستۇرۇشقا ئۇچراش ئىنتايىن رېئال ھادىسە، بىز روھىنگا، يەزېدى، ئۇيغۇرلار، ئىراقتىكى خرىستىئانلار ئۇچراۋاتقان باستۇرۇشلاردىن ئىنتايىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز.
ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنى مىسالغا ئالساق، ئېيتىپ ئۆتۈلگەندەك، ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەۋجۇت جازا لاگېرلىرى يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىدىن كېيىنكى ئېتنىك مىللەتلەر ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار قامالغان ئەڭ زور كۆلەملىك جازا لاگېرلىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ ‹2019-يىللىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى» نىڭ ماقۇللىنىشىغا تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىدىن تولىمۇ مەمنۇنمىز. بىز، بۇنىڭ ئۈچۈن كىشىلەرنى، دۆلەت مەجلىسى ۋە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بۇ قانۇننىڭ بالدۇرراق ماقۇللىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈشى ئۈچۈن ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىرىمىز. بىز ھەرىكىتىمىزنىڭ ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز، بىز بىرلىكتە ئىنسانىي غۇرۇرنى ئېتىبارغا ئىگە قىلايلى، بۇ دۇنيادا ياشاۋاتقان ھېچ بىرىمىز ئېتىقادىمىز سەۋەبلىك جازالانماسلىقىمىز ياكى زۇلۇمغا ئۇچرىماسلىقىمىز كېرەك. مەن ياراتقۇچىغا، بۇ دۇنيادا تىنچلىق بولۇشى ۋە بۇ دۇنيادا تىنچلىق بەرپا قىلغۇچىلاردىن بولۇپ ياشىشىمىز ئۈچۈن دۇئا قىلىمەن».
21-ئەسىر ۋىلبېرفورسې تەشكىلاتى، خرىستىئان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى ۋە كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداشنى ۋەزىپە قىلغان بىر تەشكىلات. مەزكۇر تەشكىلات ئامېرىكىدا 2014-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، 19-ئەسىردە ئەنگىلىيەدە قۇللۇق تۈزۈمنىڭ ئاغدۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئەنگلىيە پارلامېنتىدا ھەرىكەت قوزغىغان پارلامېنت ئەزاسى ۋىلبېرفورسېنىڭ ئىسمىنى قوللانغان. بۇ تەشكىلات، يەرشارى مىقياسىدا تىنچلىق بەرپا قىلىشنى ئۆزىنىڭ غايىسى قىلغان، كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىكنى تەرغىب قىلىدىغان تەشكىلات بولۇش سۈپىتى بىلەن ئامېرىكا پارلامېنتىدىمۇ نۆۋەتتە كۈچلۈك قوللىغۇچىلىرى بار بولغان، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىمۇ بەلگىلىك ئىناۋەتكە ئىگە، خەلقئارادىمۇ ئالدىنقى قاتاردىكى خرىستىئان تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
21-ئەسىر ۋىلبېفورسې تەشكىلاتىنىڭ پرېزىدېنتى دوكتور راندېل ئېۋېرېت خۇلاسە نۇتقىدىن كېيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى:
مۇخبىر: كۆپ قېتىم قەيت قىلىنغىنىدەك، يەھۇدىيلار قىرغىنچىلىقىدىن كېيىنكى «ئەسلا تەكرارلانمىسۇن» دېگەن قەسەميادقا قارشى، مىليونلىغان ئۇيغۇرلار بۈگۈنكى كۈندە لاگېرلارغا قامىلىپ بۇ ۋەزىيەت داۋام قىلىۋاتقانلىقىغا 3 يىل بولدى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ۋەزىيىتى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت، مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى دېگەندەك ھەر تۈرلۈك ناملار بىلەن تەرىپلىنىۋاتىدۇ، سىزنىڭچە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان بۇ ۋەزىيەتكە قانداق دەپ تەبىر بەرگەندە مۇۋاپىق بولىدۇ؟
راندېل ئېۋېرېت: بۇ مەسىلىدە بىزنىڭ (تەشكىلاتىمىزنىڭ) مەيدانى پەرقلىق، بىز 6 يىل داۋامىدا ئىراققا كۆپ قېتىم بېرىپ، ئۇ جايدا خرىستىئان ۋە يەزېدى خەلقىگە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان باستۇرۇشلار ئۈستىدىن مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ يوقىتىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە دوكلات تەييارلىدۇق. دوكلاتتا بىز بۇنى قىرغىنچىلىق دەپ ئاتىدۇق، ئۇ چاغدا ھېچكىم تېخى بۇلارنىڭ قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلمىغانىدى. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە بۇنىڭ قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈش يولىدا بىر يىل توختاۋسىز ئېلىپ بارغان خىزمەتلىرىمىز نەتىجىسىدە، ئاخىرى يەزېدى، خرىستىئانلار ۋە باشقىلارغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ يوقىتىش خاراكتېرلىك باستۇرۇشلارنىڭ قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكى ئېتىراپ قىلىندى. بولۇپمۇ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭمۇ ئېتىبارىغا ئېرىشتى. ئۇيغۇر مەسىلىسىدىمۇ ئوخشاش، يەنە نېمىشقا ساقلاۋاتىمىز؟ ئەجەبا دۇنيا بىر ئېتنىك مىللەت پۈتۈنلەي قىرىلىپ تۈگىگەندىن كېيىن بۇنى قىرغىنچىلىق دەپ ئېتىراپ قىلىش كېرەكمۇ؟ ياق! ھازىرنىڭ ئۆزىدە بىر ھەرىكەت قوللىنىشىمىز كېرەك. قىرغىنچىلىق پەقەت بىر قۇرۇق ئىبارە ئەمەس، ئۇ بىر پائال ھەرىكەتنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ ھازىر، ئۇيغۇرلارنى پۈتۈنلەي يوقىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەرىكەت.
مۇخبىر: سىزنىڭچە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن بۇ پاجىئەنىڭ ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن يېتەرلىك ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتامدۇ؟
راندېل ئېۋېرېت: شەخسەن ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى مايك پەنس بىلەن مەخسۇس ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆھبەتلەشكەندە، شۇنى ئېنىق ھېس قىلدىمكى ئۇ ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن بۇ ۋەزىيەتنى ناھايىتى ياخشى بىلىدىكەن ۋە ئىنتايىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى. پرېزىدېنتىمىزنىڭمۇ بۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىدىن گۇمانىم يوق. يېقىندا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى زىيارەتلىرىدە ئاشكارا ۋە قاراتما ھالدا ئۇيغۇرلار مەسىلە ئۈستىدە توختىلىشى، ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزالىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەندىشىلىرىنى ئىپادىلىشى مېنى بۇ مەسىلىدە ئۈمىدلەندۈرىدۇ. مەن بۇنىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇنىنىڭ ماقۇللىنىشى ئۈچۈنمۇ تۈرتكىلىك رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بىزنىڭ ۋەزىپىلىرىمىز تېخى ئاخىرلاشمىدى، بىز ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان بۇ زۇلۇمنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق دەس تۇرۇشىمىز لازىم.
21-ئەسىر ۋىلبېفورسې تەشكىلاتىنىڭ پرېزىدېنتى راندېل ئېۋېرېت ئەپەندىنىڭ زىيارىتىمىزدىن كېيىن چۈشەندۈرۈشىچە، مەزكۇر تەشكىلات ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان پاجىئەنىڭ بالدۇرراق ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى قاتارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان شۇنىڭدەك بۇ تەشكىلاتنىڭ تور بېتىدە مەخسۇس ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ئېغىر ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرىدىغان مەخسۇس بىر سەھىپە ئاجرىتىپ، بۇ سەھىپە ئارقىلىق ھەر قايسى دۇنياۋى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلات ۋە ئورگانلىرى ھەمدە كىشىلەرنى ئۇيغۇرلار يۈزلىنىۋاتقان قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن جىددىي ۋە ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىق قىلماقتىكەن. بۇ چاقىرىققا ماس ھالدا يەنە «2019-يىللىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى» نىڭ ماقۇللىنىشى ئۈچۈن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا توردىن بىۋاسىتە مەكتۇپ يوللاش ھەرىكىتى قوزغىغانىكەن.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى