ئۇيغۇر دىيارىدا دائىرىلەر ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋىرۇستىن مۇداپىئەلىنىش تەشۋىقاتىدىن كۆرۈنۈش. 2020-يىلى يانۋار.

ئاتۇشتىكى بىر «ئون ئائىلە» باشلىقى ئۆز تەۋەلىكىدىكى مىرئادىل نۇرئەخمەت ئىسىملىك بىر ياشنىڭ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» يۇقۇمدارى گۇمانى بىلەن ئاتۇش سانائەت رايونىدىكى 6-رايونغا ئاپىرىلغانلىقى ۋە شۇ يەردە كارانتىن قىلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا ئاتۇشتىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ ئاتۇش سانائەت رايونىدا ئىكەنلىكى ۋە لاگېر نامىنىڭ 1‏-رايون، 2-رايون دېگەندەك نومۇر بىلەن ئاتىلىدىغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى. مەزكۇر ئون ئائىلە باشلىقى ئۆزىنىڭ مەلۇمات دائىرىسىنىڭ چەكلىكلىكىنى ئەسكەرتكەن ھالدا مىرئادىل نۇرئەخمەتنىڭ تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ ئۆزىدە ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭغا قوشنا بىر بىنادا كارانتىن قىلىنىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇنىڭ بايانلىرىدىن مىرادىل نۇراخمەتنىڭ ئۈرۈمچىدىن تەتىل قىلىپ كەلگەن بىر ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكى، 6-رايوندا مىرئادىل بىلەن بىرلىكتە بەلگىلىك ساندا كىشىلەرنىڭ كارانتىن قىلىنغانلىقى مەلۇم بولدى.

خىتاي ئاخباراتلىرىدا ھازىرغا قەدەر بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنىڭ ۋۇخەنگە ياردەمگە ئەۋەتىلگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارىتا «ئەڭ نازۇك نۇقتا» دەپ قارالغان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا قانداق تەدبىرلەر ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىدى. بىز رايوندىكى ئالاقىدار ئورۇنلارغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا قانداق ئورۇنلارنىڭ ۋە قانداق كىشىلەرنىڭ «نازۇك نۇقتا» دەپ قارىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات سورىدۇق. خادىملار بۇ ھەقتە ئېنىق جاۋاب بېرەلمىدى. قەشقەردىكى بىر سەھىيە خادىمى لاگېرغا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبلىك دوختۇر ئەۋەتىلگەنلىكىنى بايان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ داۋالاش ياكى ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يوللانغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى. بىز لاگېردىكىلەرنى قوغداش ئۈچۈن ئېلىنغان تەدبىرلەر ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالمىغاندىن كېيىن، كارانتىن قىلىنىۋاتقان كىشىلەرنىڭ قەيەرلەردە قامال قىلىنغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات سورىدۇق.

ئاتۇشتىكى بىر ئون ئائىلە باشلىقى ئۆزىنىڭ جىددىي ھالەت مەزگىلىدە نېمە ئىشلارنى قىلغانلىقىنى بايان قىلىش جەريانىدا ئۈرۈمچىدىن قايتىپ كەلگەن بىر يۇقۇم گۇماندارىنى كەنت سېكرېتارىغا مەلۇم قىلغانلىقى ۋە سېكرېتارنىڭ مىرئادىل نۇرئەخمەت ئىسىملىك بۇ ياشنى ئاتۇش سانائەت رايونىدىكى6-رايونغا ئاپىرىۋەتكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئۇ مىرئادىل نۇرئەخمەتنىڭ شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى تەنتەربىيە فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىكەنلىكى، ئۈرۈمچىگە 23-يانۋاردىن كېيىن، يەنى 27 ‏-يانۋار كۈنى كەلگەنلىكى ئۈچۈن «يۇقۇم گۇماندارى» دەپ قارالغانلىقىنى ئەسكەرتتى. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ 10 ئائىلە باشلىقى مىرئادىل نۇرئەخمەت كارانتىن قىلىنغاندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن بىر قېتىم تېلېفوندا سۆزلەشكەن. تېلېفوندا مىرئادىل نۇرئەخمەت ئۆزىنىڭ6-رايوندىكى بۇ بىنادا يالغۇز ئەمەسلىكى، ئۆزىگە ئوخشاش ئۈرۈمچىدىن قايتقان باشقا يولۇچىلارنىڭمۇ بارلىقىنى مەلۇم قىلغان.

ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا ئاتۇشتا لاگېرلارنىڭ يېڭىدىن ئېچىلغان سانائەت رايونىدا ئىكەنلىكى ۋە بۇ لاگېرلارنىڭ 1-رايون، 2-رايون دېگەندەك نومۇرلار بىلەن ئاتىلىدىغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى.

شۇڭا بىز بۇ ئون ئائىلە باشلىقىدىن6-رايوننىڭ «تەربىيەلەش مەركىزى» ياكى ئەمەسلىكىنى سورىدۇق. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتە مەلۇماتىنىڭ چەكلىكلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىرلىكتە مىرئادىل نۇرئەخمەتتىن تېلېفوندا ئاڭلىغانلىرىغا ئاساسەن ئۇ تۇرۇۋاتقان بىنانىڭ لاگېرنىڭ ئۆزى بولمىسىمۇ، لېكىن لاگېرغا قوشنا بىر بىنا ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا4-رايون ۋە 5-رايون نامىدىكى لاگېرلاردىن باشقا8-رايون نامىدىمۇ بىر يىغىۋېلىش لاگېرى بارلىقى ئاشكارىلانغان. تور ئارخىپلىرىدىكى ماتېرىياللاردا ئاتۇش سانائەت رايونىنىڭ 1-2-3-دەپ ئۈچلا رايونغا ئايرىلىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان. ئەمما ھازىرغا قەدەر 6-رايون دەپ ئاتىلىدىغان لاگېردىن باشقا بىر ئورۇننىڭ بارلىقى مەلۇم ئەمەس.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى