خىتايدا بايقىلىپ دۇنيا بويىچە تارقالغان نەپەس يولى ۋىرۇسى يەكشەنبە كۈنىگىچە پەقەت خىتايدىلا ئەڭ ئاز دېگەندە 813 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى. بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەسلى يۇرتى ۋۇخەندىن بولغان بىر ئامېرىكا پۇقراسىمۇ بار.
«نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئادەم سانى پۈتۈن خىتاي بويىچە 37 مىڭ 198 كە يەتكەن.
«ۋۇخەن ۋىرۇسى» دەپ ئاتىلىۋاتقان تاجسىمان يۇقۇملۇق نەپەس يولى ۋىرۇسى ئامېرىكىغىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن. ئامېرىكا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزىنىڭ 7-فېۋرالدىكى مەلۇماتىغا قارىغاندا، 4-فېۋرالغىچە مەزكۇر ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقى دەلىللىگەن ئادەم سانى 11 غا يەتكەن.
ۋاشىنگتون كولومبىيە ئالاھىدە رايونى ۋە ۋىرجىن ئاراللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئامېرىكىنىڭ 36 شتاتىدا ۋىرۇس گۇمانى بىلەن كۆزىتىش ئاستىغا ئېلىنغان ئادەم سانى 293 كە يەتكەن. ئامېرىكىدىكى يۇقۇمدارلاردا ئۆلۈم-يېتىم ئەھۋاللىرى كۆرۈلمىگەن.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ شەنبە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا خىتايغا 18 توننا سەھىيە ياردەم ئەشيالىرى ئەۋەتكەن ۋە 100 مىليون دوللار ئىقتىسادىي ياردەم بەرگەن.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بىر خىزمەت گۇرۇپپىسىنى خىتايغا ئەۋەتىپ ۋىرۇس يۇقۇم ئەھۋالىنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەزكۇر ئەترەت 10-ياكى 11-فېۋرال خىتايغا قاراپ يول ئالىدىكەن.
ھالبۇكى، خىتاي تا ھازىغىچە ئامېرىكا سەھىيە خادىملىرىنىڭ خىتايغا كىرىپ ۋىرۇس ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشىگە رۇخسەت بەرمىگەن.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى