كىشىلىك ھوقۇقىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاسىيا ئىشلىرى دىرېكتورى سوفىي رىچاردسون خانىمنىڭ «خەۋەر ھەپتىلىكى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان ئوبزورى. 2020-يىلى 7-فېۋرال. ئامېرىكا.

كىشىلىك ھوقۇقىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاسىيا ئىشلىرى دىرېكتورى سوفىي رىچاردسون خىتايدا مەجبۇرىي تۇتقۇن قىلىنغان مۇسۇلمانلارنىڭ تاجسىمان نەپەس يولى ۋىرۇسى ۋەھىمىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، بۇ سۆزلەرنى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» دەپ ئاتالغان يۇقۇملۇق نەپەس يولى ۋىرۇسى تەھدىتى كۈنسايىن ئېشىۋاتقان، مەزكۇر ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلار ئۇيغۇر رايونىدىمۇ كۆپىيىۋاتقان مەزگىلدە قىلدى.

رىچاردسون 7 فېۋرال «خەۋەر ھەپتىلىكى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان ئوبزورىدا خىتاينىڭ ئىچى-سىرتىدىكىلەرنىڭ خىتاينىڭ مەزكۇر ۋىرۇسقا سۆرەلمىلىك بىلەن ئىنكاس قايتۇرغانلىقنى ئەيىبلىگەنلىكنى، نۆۋەتتە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بۇنى «دۇنياۋى جىددىي ۋەزىيەت» دەپ جاكارلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئوبزورىدا، دائىرىلەرنىڭ ۋۇخەندىكى 11 مىليون ئادەمنىڭ 5 مىليونى شەھەردىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن شەھەرنى كارانتىن ئاستىغا ئالغانلىقى، ئۇنىڭدىن باشقا 100 مىليون ئادەمنىڭ كارانتىن رايونى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى كۆرسەتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تاجسىمان ۋىرۇسقا كارانتىن قىلىش، ئاخباراتنى چەكلەش قاتارلىق مۇستەبىتلىك ۋاسىتىلىرى بىلەن ئىنكاس قايتۇرۇشى ئۇنىڭ 13 مىليون ئۇيغۇر ۋە باشقا تۇركىي مۇسۇلمانلار رايونى-شىنجاڭدا ئالغان تەدبىرلىرىدىن ھېچ پەرقسىز. شىنجاڭدا دائىرىلەر يوشۇرۇن سەھىيە ئاپىتىنىڭ شەرتلىرىنى ھازىرلاش بىلەن بىرگە، سىرتقى دۇنيا ئۇ يەردە نېمە بولۇۋاتقانلىقىنى قەتئىي بىلەلمەيدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈردى.»

ئۇ يەنە ئوبزورىدا، ئۇيغۇر رايونىدا تەن جازاسى، ئېغىر چەكلەنگەن دىنىي ئەركىنلىك، مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىش ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان پاراكەندىچىلىك، باشقا ئەللەرنى پاناھلىق تىلىگۈچىلەر خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشكە قىستاش قاتارلىقلارنىڭ دائىملىق ھادىسە ئىكەنلىكىنى، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارغا قاراتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئۆتكەن 20 يىلدىن بۇيان ھۆججەتلەشتۈرۈپ ماڭغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۆتكەن ئۇچ يىلدىن بېرى بىر مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ مەجبۇرىي تۇتۇلۇشى ۋە ھەممىگە ئايان بولغان ئورۋىلچە تەقىبلەشلەرنىڭ يۈرگۈزۈلگەنلىكى نۆۋەتتىكى تاجسىمان نەپەس يولى ۋىرۇسى ۋەھىمىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىشى مۇمكىن.»

ئۇ ماقالىسىنىڭ داۋامىدا خىتاي ئاخباراتلىرىدا رايوندىكى ۋىرۇس يۇقۇم ۋەزىيىتى توغرىسىدا بەزى ئۇچۇرلار بېرىلگەندىن باشقا دائىرىلەرنىڭ بۇ ھەقتە ئاساسەن بىر نەرسە ئاشكارىلىمىغانلىقىنى، بۇنىڭ ۋەتىنىدە قالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ ئىزتىراپ چېكىۋاتقان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ ۋەھىمىگە سالغانلىقنى بايان قىلدى.

ئۇ ئاخىرىدا، خىتاي دائىرىلىرىنى رايوندىكى ۋىرۇس يۇقۇم ۋەزىيىتىنى تولۇق ئاشكارىلاشقا، رايوننى مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىلەر ۋە ئاخباراتقا ئېچىۋېتىشكە چاقىردى.

خىتاي دائىرىلىرى يەكشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئېلىدە نەپەس يولى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار سانىنىڭ 45 يەتكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.

رادىئومىز، پەقەت ئاتۇشتىكى بىر مېھمانخانىدىلا ۋۇخەندىن چىققان 99 ئادەمنىڭ كارانتىن ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى دەلىللىگەن ئىدى.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى