گېرمانىيە زېمىنىس (Siemens) شىركىتىنىڭ يىللىق پاي چېكى ھەسسىدارلار يىغىنىدا، د ئۇ ق نىڭ ۋەكىلى ئەسقەر جان(ئېكراندا) كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلماقتا. 2020-يىلى 5-فېۋرال، ميۇنخېن.

گېرمانىيە زېمىنىس (Siemens) شىركىتىنىڭ يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان يىللىق پاي چېكى ھەسسىدارلار يىغىنى 5‏-فېۋرال كۈنى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى 10 مىڭ كىشىلىك ئولىمپىك سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن. تەخمىنەن 7-8 مىڭدەك كىشى قاتناشقان يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەكىلى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ، زېمىنىس شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىككە شېرىك بولۇپ قالماسلىقىنى تەلەپ قىلغان. ئۇ يىغىندا يەنە ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان بەزى خىتاي كارخانىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك قىلمىشلىرىغا چېتىلغانلىقى، بۇنىڭدا زېمىنىسنىڭ سودىدىكى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىگە ئەمەل قىلغان-قىلمىغانلىقى سورالغان.

زېمىنىسنىڭ بۇ يىللىق پايچېكلار يىغىنى ئۇنىڭ ئاۋسترالىيەدە كان ئېچىش پىلانى مۇھىت قوغدىغۇچىلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراۋاتقان شۇنداقلا ئۇنىڭ «خىتاي ئېلېكترون تېخنولوگىيە گۇرۇھى» CETC بىلەن ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىشى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى بىئارام قىلىۋاتقان مەزگىلدە ئۆتكۈزۈلدى. شۇڭا 5‏-فېۋرال كۈنى «يېشىل تىنچلىق تەشكىلاتى» دەك مۇھىت قوغدىغۇچى ئورگانلار، تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىدەك كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچى تەشكىلاتلار يىغىن زالىنىڭ سىرتىدا يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، زېمىنىس شىركىتىگە نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن.

«تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى» نىڭ مەسلىھەتچىسى خاننو شەدلېر ميۇنخېندىكى مەزكۇر يىغىنغا قاتناشقان كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئۇ يىغىندا زېمىنىسنىڭ ‏ «خىتاي ئېلېكترون تېخنولوگىيە گۇرۇھى» بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى قايتا ئويلىشىپ كۆرۈشنى تەلەپ قىلغان. خاننو شەدلېر 5‏-فېۋرال زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىز گېرمانىيە شىركەتلىرىنىڭ خىتاي كارخانىلىرى بىلەن بولغان چەكسىز ھەمكارلىقىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىمىز. بىز بۈگۈن ميۇنخېندىكى ئۇيغۇرلار بىلەن پايچېكلار يىغىنىنىڭ سىرتىدا نارازىلىق بىلدۈردۇق شۇنداقلا يىغىندا نېمە ئۈچۈن زېمىنىسنىڭ خىتاي ئېلېكترون تېخنولوگىيە گۇرۇھىدەك شىركەتلەر بىلەن ھەمكارلىق ئېلىپ بارغانلىقىنى سوراق قىلدۇق. چۈنكى بۇ شىركەت بىر خىل يۇمتال ياساپ چىققان. ئۇ ياساپ چىققان بۇ يۇمتال شىنجاڭ ياكى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە قازاقلارغا دائىر سانلىق مەلۇماتلارنى توپلايدۇ. ئۇنىڭدا توپلانغان سانلىق مەلۇماتلار كىشىلەرنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىلىشىغا سەۋەب بولدى. شۇڭا بىز زېمىنىستىن نۇرغۇن ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىدا جاۋابكارلىقى بار بىر شىركەت بىلەن ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىشنى قايتا ئويلىشىشىنى تەلەپ قىلدۇق.»

خاننو شەدلېرنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇلار زېمىنىسنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىقتا ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشىنى تەلەپ قىلىدىكەن. ئۇ زېمىنىس ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا ياردەملەشكەن ھەرقانداق شىركەت بىلەن ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىشنى دەرھال توختىتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. خاننو شەدلېر مۇنداق دېدى: «بىز زېمىنىسنىڭ خىتاي ئېلېكترون تېخنولوگىيە گۇرۇھىدەك شىركەتلەر بىلەن ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىشىغا قانداق ئامىلنىڭ تۈرتكە بولغانلىقىدا ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشىنى تەلەپ قىلىمىز. ئەگەر زېمىنىس ئۆزىنىڭ بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا شىنجاڭ ياكى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا ھەمدەمدە بولۇۋاتقانلىقىنى بايقىغان ھامان زېمىنىس ئۆزىنىڭ بۇ شىركەت بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى دەرھال ئۈزۈشى كېرەك،» دېدى.

«خىتاي ئېلېكترون تېخنولوگىيە گۇرۇھى» خىتاي ھۆكۈمىتىگە ھەمكارلىشىپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىشتىكى ئاساسلىق دىگىتال نازارەت مېخانىزمى بولغان «بىرلەشمە جەڭ سۇپىسى» نى قۇرۇپ چىققان شىركەتتۇر. ئۆتكەن يىلى زېمىنىسنىڭ خىتاي دۆلەت ئىگىلىكىدىكى مەزكۇر خىتاي شىركىتى بىلەن ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ئاشكارىلىنىپ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقان ئىدى.

زېمىجىسنىڭ 5‏-فېۋرالدىكى پايچېكلار يىغىنىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى ئەسقەر جان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا ۋاكالىتەن سۆزگە چىقىپ، زېمىنىس شىركىتى ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان «خىتاي ئېلېكترون تېخنولوگىيە گۇرۇھى» نىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى باستۇرۇشلاردا زور رول ئوينىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئەسقەر جان 5-فېۋرال زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «يىغىندا بىزگە 10 مىنۇتلۇق سۆز ھەققى بەردى. بىز ئۇلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ، زېمىنىس خىتاينىڭ ئېلېكترون تېخنولوگىيە گۇرۇھى دېگەن شىركەت بىلەن ماسلىشىپ ئىشلەيدۇ. ھالبۇكى، بۇ شىركەت خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي ئارمىيەسىگە بىر ئەپ ياساپ بەرگەن. بۇ ئەپ ئۇيغۇرلار توغرىلىق مەلۇماتلارنى تەكشۈرۈپ تۇرىدىغان، كۆزىتىپ تۇرىدىغان ۋە بىر مەركەزدە قاچىلاپ ساقلايدىغانلىقى، زېمىنىسنىڭ مانا مۇشۇ كارخانا بىلەن ماسلىشىپ ئىشلەۋاتقانلىقى، بۇ كارخانا ئۇيغۇرلارنىڭ باستۇرۇلۇشى، ھەق-ھوقۇقىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىدا چوڭ رولى بولغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتۇق.»

لېكىن يىغىندا زېمىنىس شىركىتىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى جوي كەيزېر ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ئېلېكترون تېخنولوگىيە شىركىتى بىلەن بولغان ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ئاقلاپ، بۇ شىركەتنىڭ ئىنسان ھەق-ھوقۇقلىرىغا ئەمەل قىلىشىغا دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەسقەر جان ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، جوي كەيزېر زېمىنىسنىڭ خىتاي شىركىتىگە بەرگەن تېخنىكىسىنى ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ياساپ چىققان ئەپكە ئىشلىتەلمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

نۆۋەتتە گېرمانىيە شىركەتلىرىنىڭ خىتاي ئېلېكترون تېخنولوگىيە گۇرۇھىدەك شىركەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى گېرمانىيەدە مۇنازىرە قوزغىماقتا. خاننو شەدلېرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ۋە پارلامېنتىنىڭ قانۇن چىقىرىپ، بۇ جەھەتتىكى نازارەتنى كۈچەيتىشى كېرەك ئىكەن. ئۇ 5‏-فېۋرال زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «گېرمانىيە ھۆكۈمىتى شىنجاڭ ياكى شەرقىي تۈركىستاندىكى گېرمانىيە شىركەتلىرىنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشىنى تەلەپ قىلىشقا، ئۇلارنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتكە شېرىك بولۇۋاتقان خىتاي شىركەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى قانداق بىر تەرەپ قىلىۋاتقانلىقىنى سوراشقا تامامەن ھەقلىق. نۆۋەتتە گېرمانىيە مەھسۇلات تەمىناتى ھەققىدە مۇنازىرە بولۇۋاتىدۇ. بىز گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ۋە پارلامېنتىنىڭ بۇ مەسىلىگە قارىتا ئەخلاقىي ئۆلچەم بېكىتىپلا قالماي، يەنە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتكە شېرىك بولغان شىركەتلەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا قانۇن چىقىرىش مەسئۇلىيىتى بار، دەپ قارايمىز.»

گېرمانىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تەنقىد قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ گېرمانىيە شىركەتلىرىنىڭ رايوندىكى پائالىيىتىگە قارىتا ئىزچىل مۈجمەل پوزىتسىيە تۇتۇپ كەلدى. گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلنىڭ باياناتچىسى ستېفېن سېيبېرت ئۆتكەن يىلى 12‏-ئايدا ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا: «ھېچقانداق ئېمبارگو قويۇلمىغان ئەھۋالدا. . . مەزكۇر رايوندا داۋاملىق سودا قىلىش-قىلماسلىق شۇ شىركەتنىڭ ئۆزىگە باغلىق،» دېگەن ئىدى.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى