تۈركىيە جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى بۇرجۇ كۆكسال خانىم.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ۋە غەرب ئەللىرىدە داۋاملىق كۈن تەرتىپكە كېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىشى تۈركىيە خەلقى ۋە تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ بەزى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىماقتا. تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئىككىنچى چوڭ پارتىيە – جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى بۇرجۇ كۆكسال خانىم ئۆتكەن ئاي تۈركىيە پارلامېنتىغا «شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇقنى تەكشۈرۈش كومىتېتى» قۇرۇش تەكلىپ لايىھەسى سۇنغان. بىز مەزكۇر تەكلىپ لايىھەسى توغرىسىدا كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن پارلامېنت ئەزاسى بۇرجۇ كۆكسال خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

«يېقىندا تۈركىيە پارلامېنتىغا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تەكلىپ لايىھەسى سۇنۇپسىز، بۇ ھەقتە قىسقىچە مەلۇمات بەرسىڭىز قانداق؟» دېگەن سوئالىمىزغا، ئۇ، مۇنداق جاۋاب بەردى:

«شۇنداق، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا بىر تەكلىپ لايىھەسىنى سۇندۇم، لېكىن تېخى پارلامېنتتا مۇزاكىرىگە قويۇلمىدى. كۈتۈۋاتىمىز، مۇزاكىرىگە قويسا بىز جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى پارلامېنت ئەزالىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن قوللايمىز. مەن سايلىنىپ چىققان يۇرتۇم ئافيون ۋىلايىتىدىمۇ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا چوڭ پائالىيەتلەر ئۇيۇشتۇردۇم. تۈركىيە پارلامېنتىدا ھەر قايسى پارتىيەلەرنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىدىن تەركىب تاپقان بىر كومىتېت قۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشىمىز كېرەك. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا دوكلاتلارنى تەييارلاپ كۈن تەرتىپىگە قويۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ بۇ مەسىلە توغرىسىدا ھېچ نېمە قىلماسلىقى توغرا ئەمەس. بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر ئىشلار قىلىشىمىز كېرەك. چۈنكى، بىز ئۇيغۇرلار بىلەن قېرىنداش ھەمدە دىنداش. ھەممىدىن مۇھىمى ھەممىمىز ئىنسان»،

قىممەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، 97 يىللىق تارىخقا ئىگە جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئوخشاش ۋاقىتتا، يەنى1923-يىلى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇستافا كامال ئاتاتۈرك تەرىپىدىن قۇرۇلغانىدى.

بۇرجۇ كۆكسال خانىم، «پارتىيەڭىزدىكى بەزى پارلامېنت ئەزالىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىرماقتا. لېكىن پارتىيە رەئىسىنىڭ بۇ ھەقتە ھازىرغىچە بىر باياناتى ئېلان قىلىنمىدى، بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟» دېگەن سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «بىز كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى تۇرۇۋاتقان پارتىيە. دۇنيانىڭ قەيىرىدە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بولسا ئۇنىڭغا قارشى چىقىدۇ، بىز، زۇلۇمغا قارشى ھەر دائىم ئېزىلگەن خەلقلەرنى قوللاپ كېلىۋاتقان پارتىيە. شەرقىي تۈركىستاندا بولۇۋاتقانلار ھەممىمىزگە مەلۇم. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتلىرىدىمۇ بۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى. لاگېردا يېتىپ چىققانلارنىڭ ئاڭلاتقانلىرىنىمۇ ئاڭلىدۇق. بۇنداق تۇرۇقلۇق خىتاينىڭ بېسىم سىياسەتلىرىنى پارتىيەمىزنىڭ كۆرمەسلىككە سېلىشى مۇمكىن ئەمەس».

پارلامېنت ئەزاسى بۇرجۇ كۆكسال خانىم، «سىز ھەر دائىم ئۇيغۇر خانىم-قىزلار دۇچار بولۇۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تەكىتلەۋاتىسىز؟. بۇ ھەقتە نېمە قىلماقچىسىز؟» دېگەن سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى:

«ئىسكەنجە ۋە بېسىم سىياسىتىدىن ئەڭ كۆپ زىيانغا ئۇچراۋاتقانلار ئاياللار. ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان زۇلۇم ھەقىقەتەن ئادەمنى چۈچۈتىدۇ. مەن ئۇيغۇر ئاياللار دۇچار بولۇۋاتقان زۇلۇمنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بىر ئايال بولۇش سۈپىتىم بىلەن بەكلا ئىچىم ئاغرىدى. خىتايدا ناھايىتى ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بار. پارتىيەمىز بۇنىڭغا قارىتا قاراپ تۇرالمايدۇ. تۈركىيە پارلامېنتىدا ‹شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇقنى تەكشۈرۈش كومىتېتى› قۇرۇلسا بارلىق كۈچىمىز بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلەيمىز.»

قىممەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ئۆتكەن يىلى «ئىيى»، يەنى ياخشى پارتىيەسى «شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇقنى تەكشۈرۈش كومىتېتى» قۇرۇش توغرىسىدا تەكلىپ لايىھەسى سۇنغاندا ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ھۆكۈمەتنى قوللاۋاتقان مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ قارشى چىقىشى بىلەن ماقۇللۇقتىن ئۆتمىگەنىدى.

بىز مەزكۇر لايىھىنىڭ بۇ قېتىم پارلامېنتتىن ئۆتۈش-ئۆتمەسلىك مەسىلىسىنى سورىغىنىمىزدا، بۇرجۇ كۆكسال خانىم مۇنداق جاۋاب بەردى: «ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىگە شۇنى دېمەكچىمەنكى، مېنىڭ بۇ تەكلىپىمنى قوللاڭلار تۈركىيە پارلامېنتىدىكى 4 پارتىيەنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىدىن تەركىب تاپقان ‹شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇقنى تەكشۈرۈش كومىتېتى» قۇرايلى. بۇ مەسىلىگە مىللىي مەسىلە دەپ قارايلى. ھەممىمىز ئۇلار ئۈچۈن ئاۋازىمىزنى چىقىرايلى، شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن ياردەم قولىمىزنى سۇنايلى. شەرقىي تۈركىستان ھازىر بولۇۋاتقان ئىنسان تراگېدىيەسىنىڭ بالدۇرراق ئاخىرلىشىپ، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىشى ئۈچۈن ھەممە بىردەك كۈچ چىقىرايلى».

«سىزنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بۇنداق قىزىقىشىڭىز قاچان، قانداق باشلانغان؟» دېگەن سوئالىمىزغا جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى بۇرجۇ كۆكسال خانىم مۇنداق جاۋاب بەردى: «بۇ مەن ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بىر مەسىلە. لېكىن، پارلامېنت ئەزاسى بولغاندىن كېيىن ئاۋازىڭىزنى تېخىمۇ كۆپ ئادەم ئاڭلايدۇ. نورمال بىر پۇقرا بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن نامايىشلارغا قاتنىشالايسىز، شوئار توۋلايسىز، لېكىن پارلامېنت ئەزاسى بولسىڭىز پارلامېنتتا مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويالايسىز، تەسىرىڭىز كۈچلۈك بولىدۇ، ماڭا ئۇيغۇر ئاياللىرى دۇچار بولۇۋاتقان زۇلۇم بەك تەسىر قىلدى. تۈركىيەدە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقە قىلالمايۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللار بار، بالا-چاقىلىرى خىتاي لاگېرلىرىدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللىرى بار، مەن ئۆزۈمنى ئۇلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ تۇرۇپ، ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىمەن. شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ، ئەركىن ياشىشىنى ئارزۇ قىلىمەن».

بۇ تەكلىپ لايىھىسىنى باشقا پارتىيەلەر قوللامدۇ؟ دېگەن مەسىلە بويىچە «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندىنى زىيارەت قىلىپ سورىدۇق. ئۇ، بۇ ھەقتىكى كۆز-قارىشىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا قايسى پارتىيە تەكلىپ لايىھىسى سۇنسا پارتىيەمىزنىڭ بارلىق پارلامېنت ئەزالىرى قوللايدۇ. مەيلى ئاق پارتىيە بولسۇن، مەيلى مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى ياكى جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى بولسۇن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە ھەممىسىنى ياخشى پارتىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن قوللايمىز».

ئۆتكەن يىلى «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى سۇنغان «ئۇيغۇر دىيارىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى» قۇرۇش لايىھەسى رەت قىلىنغانىدى. فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن سۇنغان لايىھەنى ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئاق پارتىيە رەت قىلدى، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى قوللىمىدى. ئەگەر مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى قوللىغان بولسا ماقۇللانغان بولاتتى.»

ئۇيغۇر مەسىلىسىنى بۇرۇندىن تارتىپ تۈركىيەدىكى ئوڭچى پارتىيەلەر قوللايتتى. جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىدەك سول پارتىيەنىڭ قوللىشىنى قانداق چۈشىنىشىمىز كېرەك؟ ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى مۇدىرى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالاشقانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ھازىر، تۈركىيە پارلامېنتىدا 650 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى بار بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپى ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىدۇر. مەزكۇر لايىھە ماقۇللىنىشى ئۈچۈن پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشى كېرەك. بۇ قېتىم مەزكۇر لايىھەنى ئاق پارتىيە ۋە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ قوللاش-قوللىماسلىقى تېخىچە ئېنىق ئەمەس.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى