ۋۇخەن شەھىرىنىڭ باشلىقى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بايقىلىپ جىددىي ھالەت ئېلان قىلىنىشتىن ئاۋۋال 5 مىليوندىن ئارتۇق ۋۇخەنلىكنىڭ ۋۇخەندىن ئايرىلىپ بولغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى. كۆزەتكۈچىلەر 2003-يىلى خىتايدا سارس ۋىرۇسى تارقالغان ۋاقتىدا بۇ ۋىرۇرسنىڭ ئۇيغۇرلارغا تەسىر كۆرسىتەلمىگەنلىكى، شۇڭا ۋۇخەندىن قاچقانلارنىڭ خېلى بىر قىسمىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا قېچىش مۇمكىنچىلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشكەن ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا ئاتۇشتىكى ياشىڭ مېھمخانخانىسىنىڭ كارانتىن ئورنىغا ئۆزگەرتىلگەنلىكى، كارانتىن قىلىنغان ۋۇخەنلىكلەرنىڭ بۇ مېھمانخانىغا سىغماي قالغانلىقى ئاشكارىلاندى. مەلۇم بولۇشىچە، ياشىڭ مېھمانخانىسىنىڭ ئۆزىدىلا 99 نەپەر ۋۇخەنلىك كارانتىن قىلىنغان.
«جەنۇبى خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتى» نىڭ26 -يانۋار كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» رەسمىي بايقالغاندىن كېيىن ۋە ۋۇخەندە جىددىي ھالەت يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن 5 مىليون ۋۇخەنلىك ۋۇخەندىن چىقىپ كېتىپ بولغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ سانلىق مەلۇماتنى ۋۇخەن شەھىرىنىڭ باشلىقى جو شيەنۋاڭ25 -يانۋار كۈندىكى ئاخبارات يىغىنىدا ئاشكارىلىغان.
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى خەۋەرلەردىمۇ ۋۇخەندىن باشقا جايلارغا ھاۋا قاتنىشى توختىغاندىن كېيىنمۇ ئۈرۈمچىگە قاتناشنىڭ توختىمىغانلىقى ۋە قاتناشنىڭ باشقا جايلاردىكىگە نىسبەتەن كېچىكىپ توختىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. يەنە ئىجتىمائىي ئاخبارات ۋاستىلىرىدا دېيىلىشىچە، 2003 -يىلى خىتايدا سارس ۋىرۇسى تارقالغاندا ئۇيغۇر رايوندىكىلەر تەسىرگە ئۇچرىمىغانلىقى ئۈچۈن خىتاي پۇقرالىرى ئارىسىدا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» دىن مۇداپىيەلىنىشتە ئۇيغۇر رايونى ئەڭ مۇۋاپىق جاي دېگەن قاراش تارقالغان. مۇشۇ سەۋەپتىن كۆزەتكۈچىلەر ۋۇخەندىن قاچقانلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىغىمۇ كۆپلەپ بېرىش ئېھتىماللىقىنى پەرەز قىلىشقان ۋە ئەگەر بۇ ۋىرۇس لاگېرلارغا تارقىلىپ قالسا، ئەڭ ئېچىنىشلىق پاجىئەلەرنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكەن ئىدى.
بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا ئاتۇشتا ئالاقىدار خادىملاردىن بىرى ئۈرۈمچىدىن قايتىپ كەلگەن بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» دىن يۇقۇملىنىش گۇمانى بىلەن ئۆيىدىن ئەكىتىلگەنلىكى ۋە ئاتۇش شەھەر ئىچىدىكى ياشىڭ مېھمخانىسىغا سىغمىغانلىقى ئۈچۈن شەھەر سىرتىغا ئېلىپ چىقىپ كېتىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئەمما بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ كىملىكى ۋە ياشىڭ مېخمانخانىسىدا قانچىلىك كىشى بارلىقى ۋە بۇلارنىڭ كىملىكى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.
بىز ياشىڭ مېھمانخانىسىغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا مېھمخانىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بىر ساقچى خادىمى بۇ مېھمخانىدا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» گۇمانى بىلەن كارانتىن قىلىنغانلار بارلىقى ۋە مېھمانخانىدا بوش ئورۇن يوقلۇقىنى ئېيتتى. يەنە بىر خادىم بۇ مېھمانخانىدا كارانتىن قىلىنغانلارنىڭ 99 كىشى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۈچىنچى خادىم بۇ مېھمانخانا نامىنىڭ «ياشىڭ مېھمانخانىسى» دىن «ياشىڭ كارانتىنخانىسى» غا ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى ئاشكارىلاش بىلەن بىرلىكتە بۇ كارانتىنخانىدا مەخسۇس ۋۇخەندىن كەلگەنلەر بارلىقىنى دەلىللىدى. بۇ خادىم يەنە بۇ ۋۇخەنلىكلەرنى شەھەرلىك جىددىي قۇتقۇزۇش قوماندانلىق مەركىزىنىڭ ئۆزلىرىگە تەقسىملەپ بەرگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. بىز بۇنىڭغا ئاساسەن تەقسىملەنگەن ۋۇخەنلىكلەرنىڭ باشقا مېھمخانىلاردىمۇ بولۇش ئېھتىماللىقىنى پەرەز قىلىپ، ئاتۇشتىكى يەنە بىر مېھمانخانىغا تېلېفون قىلدۇق. بۇ مېھمانخانا خادىمى دەسلەپتە ئۆزلىرىدە كارانتىن قىلىنغانلار بارلىقىنى تىلغا ئالغان بولسىمۇ، ئارقىدىن ئۆزلىرىنىڭ ئوبلاستقا قاراشلىق بىر ھۆكۈمەت مېھمانخانىسى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، بۇ مېھمانخانىدا كارانتىن قىلىنغان ۋۇخەنلىكلەر بارلىقىنى رەت قىلدى.
بىر ھەپتىنىڭ ئالدىدا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان ۋە ئۇيغۇر رايونىدىكى بىر دوختۇرخانا خادىمىغا ئائىت ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بىر سىن خاتىسرىدە ۋۇخەندىن ئۇيغۇر رايونىغا قېچىپ چىققانلار سانىنىڭ 12 مىڭدىن ئارتۇق ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. ئاتۇشتىكى ياشىڭ مېھمانخانىسىدىلا 99 ۋۇخەنلىكنىڭ بارلىقى، يۇقۇم گۇماندارلىرىنىڭ بۇ مېھمانخانىغا سىغماي قالغانلىقى يۇقىرىقى سانلىق ئۇچۇرنىڭ ئاساسسىز ئەمەسلىكىنى ئىشارەتلىمەكتە.
ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، ئىجتىمائىي ئاخباراتلاردىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئۆلكىلىرىدە ۋۇخەنلىكلەرنى بايقىسا ۋە مەلۇم قىلسا 200 يۈەن نەق پۇل بىلەن مۇكاپاتلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇشلار تارقىتىلغان. ئەمما بىر مېھمانخانىغىلا 99 ۋۇخەنلىك سولانغان ئاتۇشتا ئاھالىلەرگە بايقالغان ۋە كارانتىن قىلىنغان ۋۇخەنلىكلەر بارلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىلمىگەن.