خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارادا «كورونا ۋىرۇسى» دېگەن نام بىلەن تونۇلغان «ۋۇخەن ۋىرۇسى» دا ھازىرغا قەدەر 425 يۇقۇمدارنىڭ ئۆلگەنلىكى، 20مىڭ 438 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. خىتاينىڭ مەزكۇر سانلىق مەلۇماتى ئۇيغۇر رايونىدا بايقالغان 29 يۇقۇمدارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەرلىك دائىرىلەر مەزكۇر ۋىرۇسنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا كەڭ كۆلەملىك تارقىلىپ كېتىشىگە قارشى يېزا-كەنتلەرنى قامال، ئاممىۋى يىغىلىشلارنى بىكار قىلىپ، كىشىلەرنىڭ ئۆز-ئارا ئۇچرىشىشىنى ئازايتىش، پۇقرالارنى ئۆيلىرىگە بەند قىلىپ، قاتناشقا چەكلىمە قويۇش، مەكتەپلەرنى تاقاشتەك كەسكىن تەدبىرلەرنى ئالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، لېكىن چەتئەللىك تىببىي مۇتەخەسسىسلەر ۋىرۇسنىڭ مەزكۇر رايونغا يېتىپ كېلىشى لاگېردىكى تۇتقۇنلارغا زور خەۋپ قىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرماقتا.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ھازىر مەزكۇر رايوندا ئاز كەم 1600 نەپەر گۇمانلىق يۇقۇمدار كارانتىنغا ئېلىنغان.
لېكىن دائىرىلەر ھازىرغا قەدەر لاگېرلارنىڭ قانداق تەسىرگە ئۇچرىغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق سۆز قىلىپ باقمىدى. بۇ ئەھۋال چەتئەل تېببىي مۇتەخەسسىسلىرىدىكى ئۇنىڭ لاگېرلارغا تارقىلىپ كېتىش ئەندىشىسىنى كۈچەيتكەن. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن 2-فېۋرال كۈنى كانادادىكى تىببىي مۇتەخەسسىسلەر، پائالىيەتچىلەر، سىياسىيونلار ۋە ئۇيغۇرلار كانادانىڭ كالگارىي شەھىرىدە ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئەگەر بۇ ۋىرۇس لاگېرلارغا تارقىلىپ كەتسە ئۇنىڭ ئاپەت خاراكتېرلىك ئاقىۋەت پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. ئاخبارات يىغىنىدا مۇتەخەسسىسلەر دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ خىتاي بىلەن سۆزلىشىپ، رايوندىكى لاگېرلاردا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.
كانادادىكى «ئىنسانىي ياردەم» ناملىق مائارىپ ۋە سالامەتلىك تەشكىلاتى مەزكۇر ئاخبارات يىغىنىنى ئۇيۇشتۇرغان ئورگانلارنىڭ بىرى. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە ئىجرائىيە دىرېكتورى، دوختۇر فوزىيا ئالۋى خانىم 4-فېۋرال زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئەندىشىلىرىنى ئىپادىلىدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي ساياھەت چەكلىمىسى يولغا قويۇپ، مەكتەپ ۋە كىنوخانىلارنى تاقىدى. بۇ مەندە جازا لاگېرىدىكى ئۇيغۇرلار قانداق بولۇپ كەتتى، دېگەن سۇئال پەيدا قىلدى. ئۇلار لاگېردىكىلەرگە ھېچقانداق ئىش قىلمىدى. ئەگەر بۇ ۋىرۇس لاگېرلارغا تارقىلىپ كەتسە، ئۇ ياشانغانلارغا، بالىلارغا، ئىممۇنىتېت كۈچى ئاجىزلىشىپ كەتكەن كىشىلەرگە ئەڭ قاتتىق تەسىر قىلىدۇ. بىز بۇ لاگېرلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق خورلىنىۋاتقانلىقىنى بىلىمىز. ئۇلار ئاچ قالدۇرۇلدى، باسقۇنچىلىققا ئۇچرىدى، مۇۋاپىق ئوزۇقلىنالمىدى. ئۇلار ھېسسىيات، ئاڭ ۋە جىسمانىي جەھەتلەردە خورلاشقا ئۇچرىدى. شۇڭا بۇ كىشىلەر كورونا ۋىرۇسىنىڭ خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە.»
ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، لاگېردىكى تۇتقۇنلارنىڭ ھېچقانداق داۋالىنىشقا ئېرىشەلمەيدىغانلىقى ئۇلارنىڭ ئەڭ قاتتىق ئەندىشىگە سالماقتا ئىكەن. فوزىيا ئالۋى مۇنداق دېدى: «يەنە بىر مەسىلە، كىشىلەر كورونا ۋىرۇسىدا يۇقۇملىنىپ ئاغرىسا ياكى باشقا ھەرقانداق بىر زۇكام ۋىرۇسىدا يۇقۇملانسا ئۇلار ئۆپكە ياللۇغىغا دۇچار بولىدۇ. ئەگەر بىز ئۇلارغا تىببىي ياردەم بېرىپ، داۋالاش ئېلىپ بارساق ئۇلار ياخشىلىنىپ قالىدۇ. بىز ئۇلارنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزىۋالالايمىز. لېكىن بۇ لاگېردىكى تۇتقۇنلار ھېچقانداق داۋالاشقا ئېرىشەلمەيدۇ. مانا بۇ مەن ئەندىشە قىلىۋاتقان مەسىلە. شۇڭا مەن كانادادىكى دوختۇرلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، بۇ دەل بىزنىڭ ئورنىمىزدىن دەس تۇرىدىغان ۋاقتىمىز ئىكەنلىكىنى ئېيتتىم.»
مەزكۇر مەسىلە يەنە گېرمانىيەدىكى بەزى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى ئەندىشىگە سالغان. گېرمانىيەدىكى «تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى» بايانات ئېلان قىلىپ، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» نىڭ لاگېرلارغا تارقىتىلىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى تەكىتلىگەن. مەزكۇر تەشكىلات باياناتىدا لاگېرلاردىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنىڭ ئىنتايىن ئاجىزلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئەگەر بۇ ۋىرۇس لاگېردىكى بىر يېرىم مىليون كىشىنىڭ ئارىسىغا تارقىلىپ كەتسە، بۇنىڭ ئاپەتكە ئايلىنىدىغانلىقى»، بۇنىڭدىكى بارلىق ئاقىۋەتكە بۇ ئىنسانلارنى لاگېرلارغا يىغىۋالغان خىتاينىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ دىرېكتورى ئۇلرىخ دېلىيۇس 4-فېۋرال زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، لاگېرلار ھەققىدىكى ئۇچۇرلارغا ئېرىشىشنىڭ ھازىرقى ئەڭ مۈشكۈل مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خىتايدىن بۇ ۋىرۇس توغرىسىدا نۇرغۇن ئۇچۇرلار كېلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئىشەنچلىك ئەمەس. مېنىڭچە، ھەتتا مۇتلەق كۆپ قىسىم خىتايلارمۇ ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ۋىرۇس ھەققىدە ئىشەنچلىك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەۋاتقانلىقىغا ئىشەنمەيدۇ. مېنىڭچە، شەرقىي تۈركىستاندىن بۇ خىل ئۇچۇرلارغا ئېرىشىش تېخىمۇ مۈشكۈل. چۈنكى ئۇلار خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ لاگېرلاردا ۋىرۇس تارقىغانلىقىنى بايقاپ، ئۇنىڭغا دىققەت قىلىشىنى تېخىمۇ خالىمايدۇ. شۇڭا بىزنىڭ ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىقىمىز بۇ ھەقتىكى توغرا ئۇچۇرلارغا ئېرىشىش مەسىلىسىدۇر. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا دائىر ئۇچۇرلارنى تاشقىي دۇنيا بىلەن ئورتاقلىشىشنى خالىمايدۇ. مانا بۇ بىز دۇچ كېلىدىغان پەۋقۇلئاددە قىيىن ۋەزىيەتتۇر.»
ئۇلرىخ دېلىيۇسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئەھۋالدا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بۇ ئىشقا ئارىلىشىشى كېرەك ئىكەن. ئۇ مەزكۇر ئورگاننىڭ لاگېرلاردىكى يۇقۇم ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئۇلرىخ دېلىيۇس مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار) دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى( شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتى خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدىن پۈتۈنلەي پەرقلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇنىڭدا چىڭ تۇرۇشى كېرەك. بۇرۇن شەرقىي تۈركىستاندا يېزا-كەنتلەر بار ئىدى. لېكىن ھازىر يېزا-كەنتلەر قالمىدى. چۈنكى ئۇنىڭدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشىلەر لاگېرلارغا يىغىۋېلىندى. كىشىلەرنى بىر جايغا يىغىۋېلىش ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشى ئۈچۈن بەك خەتەرلىك. لاگېرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئۇچۇر ئېلىشنىڭ مۈشكۈل بولۇشتەك بۇ ئەھۋالدا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەزىيەت ھەققىدە ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشنى تەلەپ قىلىش مەسئۇلىيىتى بار.»
كانادانىڭ كالگارىي شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق دوختۇر تامەر ئەل مەيىس بۇ مەسىلىدە ئۇلرىخ دېلىيۇس بىلەن ئوخشاش قاراشتىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرىدۇر. ئۇ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ رايوندىكى لاگېرلارغا تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىپ، لاگېرلاردىكى يۇقۇم ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش چىقىشى ۋە شۇنىڭغا قاراپ تەدبىر ئېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ 4-يانۋار كۈنى بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «ھازىرقى شارائىتتا) خىتاي) دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ تېببىي خادىملىرىنى ئەۋەتىپ، ) لاگېرلاردىكى) ۋەزىيەتنى باھالاپ چىقىشىغا يول قويۇشى كېرەك. ئاندىن شۇ ئاساستا ۋىرۇس بۇ جايلارغا تارقالدىمۇ-تارقالمىدىمۇ شۇنىڭغا قاراپ بەزى تەدبىرلەرنى ئېلىش زۆرۈر. مانا بۇ خەلقئارا جەمئىيەت ھازىر قىلىشقا تېگىشلىك ئىش. خىتاي دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا يول قويۇشى كېرەك. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىمۇ بۇ ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم.»
دوختۇر ئەل مەيىسنىڭ كۆرسىتىشىچە، نۆۋەتتە دۇنيانىڭ لاگېردىكى تۇتقۇنلارنىڭ تەقدىرىدىن ئەندىشە قىلىشىغا يېتەرلىك سەۋەب بار ئىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭچە، دۇنيا لاگېردىكىلەرنىڭ ۋەزىيىتىدىن ئەندىشە قىلىشى كېرەك. بىز بۇ لاگېردىكىلەرنىڭ ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى بىلىمىز. بۇ لاگېرلارغا دائىر دوكلاتلاردا ئۇنىڭ تازىلىق ۋە داۋالاش شارائىتلىرىنىڭ بەك ناچارلىقى قەيت قىلىنماقتا. ئەگەر بۇ ۋىرۇس مەزكۇر لاگېرلارغا تارقالسا ئۇنىڭدىكى كىشىلەر خەۋپ ئاستىدا قېلىپ، تېخىمۇ ئىزتىراپ چېكىدۇ.»
«تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى» نىڭ باياناتىدا كۆرسىتىلىشىچە، لاگېرلاردىكى قاراۋۇللار، خادىملار، تەربىيەچىلەر ۋە باشقۇرغۇچىلار تۇتقۇنلارغا ۋىرۇس تارقىتىش ئىھتېمالى بولغان خەۋپلىك كىشىلەر ئىكەن. دوكلاتتا بۇ كىشىلەرنىڭ سىرت بىلەن بولغان ئىجتىمائىي ئالاقىسى سەۋەبلىك ۋىرۇسنى لاگېرلارغا ئېلىپ كىرىشى مۇمكىنلىكى، شۇڭا ھۆكۈمەتنىڭ ئۇلارنى كونترول قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى