ۋۇخەندىكى جىنيىنتىان دوختۇرخانىسىغا توشۇپ كېلىنگەن «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغانلار. 2020-يىلى 21-يانۋار. ۋۇخەن.

2020-يىلى كىرگەندىن بۇيان خىتايدا تارقالغان «ۋۇخەن ۋىرۇسى» دىن يۇقۇملىنىش ۋەزىيىتى بارغانچە ئېغىرلىشىپ نۆۋەتتە پۈتكۈل يەرشارى خاراكتېرلىق ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كېسەل دەپ ئېلان قىلىندى. «ۋۇخەن ۋىرۇسى» يەنى كورونا ۋىرۇسى دەپ ئاتالغان بۇ خىل يۇقۇملىنىشقا نىسبەتەن ئۈنۈملۈك بىر ۋاكسىنىنىڭ تېخى ۋۇجۇتقا كەلمەسلىكى يەرشارى خاراكتېرنىڭ ئەندىشىنى كۈچەيتىپ، كېسەللىك ۋىرۇسىغا قارىتا يېزىلغان ئىنكاسلاردا ۋەھىمىلىك كەيپىياتلار ئىپادىلەندى.

«ۋۇخەن ۋىرۇسى» نىڭ پۈتۈن خىتاي بويىچە شىددەت بىلەن تارقىلىشى ۋە ئۇنىڭ خەتىرى ھەققىدىكى ئەندىشىلەر شۇنىڭدەك خىتاي بويىچە ۋە دۇنيا يۈزىدە ئېلىنىۋاتقان كېسەلدىن مۇداپىئەلىنىش چارىلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئىچى-سىرتىدىكى خىتاي ۋە باشقا خەلقلەر ئارىسىدىمۇ جىددىيلىك تۇيغۇسى پەيدا قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە خىتاي كومپارتىيەسى باش سېكرىتارى شى جىنپىڭ دەۋرىدە پارتلىغان بۇ خىل ئىنتايىن ئېغىر يۇقۇملۇق كېسەل ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋەتلىرى ھەققىدە چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە خىتاي مىللىتىدىن بولغان فالۈنگۇڭچىلار، خرىستىئان مۇرىتلىرى، بۇددىستلىرىمۇ ھەر خىل ئىنكاسلارنى يوللىماقتا. ئۇلارنىڭ تاراتقۇلارغا يوللىغان بىر قىسىم ئىنكاسلىرىدا، «بۇ خىل كېسەللىك ۋىرۇسى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىگە ئىلاھى كۈچ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئاپەت. بۇ، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ باستۇرۇشىغا يانتاياق بولغۇچىلارنىڭ جازاغا ئۇچرىشى» دېگەندەك ئىبارىلەرمۇ ئوتتۇرىغا چىقتى.

بولۇپمۇ بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، تۋىتېر، فەيسبوك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن يېزىلغان «خىتاي ھۆكۈمىتى بىر مىليوندىن 3 مىليونغىچە ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرنى ‹دىنىي رادىكاللىقنى يوقۇتۇش› دېگەندەك باھانىلاردا ئاتالمىش ‹قايتا تەربىيەلەش› نامىدا لاگېرلارغا قاماپ، ئۇلارنى ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىدا ئېتنىك ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بارغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار ئاللاھنىڭ جازاسىغا ئۇچرىدى. بۈگۈنكى كۈندە ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋەھىمىسىدە، خىتاي شەھەرلىرى قامال قىلىندى. مىليونلىغان خىتاي خەلقى ئۆيلىرىگە نەزەربەند قىلىنىش، يۇقۇملىنىش ۋە ئۆلۈم ۋەھىمىسىدە قالدى،» دېگەندەك ئىنكاسلارمۇ كۆزگە چېلىقىشقا باشلىدى.

لېكىن، يەنە بەزى ئىنكاسلاردا ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ئارسلان ھىدايەت قاتارلىق بىر قىسىم ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر تورداشلارنى خىتايدا تارقالغان «ۋۇخەن ۋىرۇسى يۇقۇمى» غا قارىتا ھېسداشلىق ۋە ياردەمگە چاقىرغان خىتاپلىرىغا قارىتا، ئۇلارنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ، ئۇلارغا رەددىيە بېرىش ئەھۋاللىرىمۇ كۆرۈلدى. دېمەك، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئىنكاسلاردا خىتايدىكى بۇ پاجىئەگە، جۈملىدىن تىنچ خىتاي ئاھالىلىرىغا قارىتا ھېسداشلىق قىلىش ئىپادىلىرى بىلەن بۇنىڭ كېلىپ چىقىشىنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قاتتىق قول ۋە مۇستەبىت سىياسىتىگە باغلاب ئەيىبلەشمۇ تەڭ كۆرۈلمەكتە.

خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى ھەققىدىكى مەخپىي ھۆججەتلەرنىڭ بىر قىسىمىنى خەلقئاراغا ئاشكارىلىغان گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ئاسىيە ئۇيغۇر خانىمنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل ئىنكاسلار ئۇزۇن مۇددەت ئېزىلىشكە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى ئەزگەن خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىياسىتىنى قوللىغان بىر قىسىم خىتاي پۇقرالىرىغا قارىتا نارازىلىقى ۋە قارشىلىقى ئىپادىلەنگەن نورمال پسىخىك ئىنكاسى دېيىشكە بولىدىكەن.

ئەمما ئاسىيە خانىمنىڭ قارىشىچە، پۈتكۈل خىتايدا ئەۋج ئېلىۋاتقان ھەتتا دۇنيادا ۋەھىمە قوزغىغان ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىش ئاپىتىگە قارىتا، بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئىنكاسلىرىدا ئاشكارە ھالدىكى ئۆچمەنلىك ھېسسىياتىنى ئىپادىلەيدىغان ئىبارىلەرنى قوللىنىشتىن ساقلىنىشى لازىملىقى، بۇنىڭ مەيلى ئىنسانلىق نۇقتىسىدىن بولسۇن، ياكى نۆۋەتتە غەرب دۇنياسىدا تونۇلۇشقا باشلىغان ئۇيغۇر دەۋاسى ۋەزىيىتىدىن بولسۇن، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن زىيانلىق ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىكەن.

گېرمانىيەدىكى «ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى» نىڭ باشلىقى ئەنۋەرجان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە بۇ خىل تەبىئىي ئاپەتلەر ئالدىدا، ئەنە شۇ ئاپەتكە ئۇچرىغان ئىنسانلارغا ھېسداشلىق ئىنكاسىنى بىلدۈرۈش ئەقەللى ئىنسانىي ئەخلاقتۇر. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» دا يۇقۇملانغان خىتاي پۇقرالىرىغا قارىتا ھېسداشلىق تۇيغۇسىنى ئىپادىلىشى مەيلى ئىنسانلىق نۇقتىسىدىن بولسۇن ياكى ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ چەتئەللەردىكى تەرەققىيات نۇقتىسىدىن بولسۇن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پايدىلىق مۇھىت يارىتىدىكەن.

ئەنۋەرجان ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدا داۋاملىشىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا قاماش ۋەزىيىتىنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن ئاڭلىتىلىشى، گۇۋاھلىق بېرىشى ۋە ئۇيغۇرلارنى يېقىندىن بىلىدىغان غەرب مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن خەلقئارا تاراتقۇلاردا قىززىق نۇقتىغا ئايلانغان، غەرپ دېموكراتىك دۆلەتلىرىدە ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىق كۈچەيگەن مەزگىلدە، ئۇيغۇرلارنىڭ تور بەتلەردە نامۇۋاپىق ئىنكاسلارنى بىلدۈرۈشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قارىلاش تەشۋىقاتى ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ، نۆۋەتتە غەرب دۆلەتلىرىدە ھېسداشلىققا ئېرىشكەن ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقارادىكى ئوبرازىغا ئېغىر نۇقسان يەتكۈزۈشى مۇمكىن.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى