ئۇيغۇر دىيارىدا دائىرىلەر ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋىرۇستىن مۇداپىئەلىنىش تەشۋىقاتىدىن كۆرۈنۈش. 2020-يىلى يانۋار.

 

«ۋۇخەن ۋىرۇسى» نىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى تارقىلىش ئەھۋالى ۋە دائىرىلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن مۇخبىرىمىز رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئورگانلار ۋە ئاھالىلەرگە تېلېفون قىلدى. ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا قەشقەر كېرەمباغ دوختۇرخانىسى، ئالتاي ۋىلايەتلىك بىرىنچى دوختۇرخانا ۋە شىخەنزە 2-دوختۇرخانىلارنىڭ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغانلار ئۈچۈن مەخسۇس ئورۇن ئاجراتقانلىقى مەلۇم بولدى. ئاتۇشتىكى ئاھالىلەردىن بىرى يولغا قويۇلۇۋاتقان جىددىي ھالەتتىن كېيىن يەرلىك دائىرىلەرنىڭ كوچا دوقمۇشلىرىنى سىم-توسۇقلار بىلەن توسۇپ ئاھالىلەرنى ئۆيدىن چىقماسلىققا بۇيرۇغانلىقى، ئەمما جىددىي ھالەتتىن ئاۋۋال ئاھالىلەرگە ئۆيلىرىگە ئوزۇقلۇق توپلىۋېلىش پۇرسىتى بەرمىگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

خىتاي ئاخباراتى 31-يانۋاردىكى خەۋەرلىرىدە ئۇيغۇر رايونىدا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ 17 نەپەر ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان ئىدى. بىز بۇ ساننىڭ توغرا ياكى خاتالىقى ۋە يۇقۇملانغانلارنىڭ قايسى دوختۇرخانىدا ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇر رايونىدىكى ھەرقايسى سەھىيە ئورگانلىرىغا تېلېفون قىلدۇق. خادىملاردىن بىرى قەشقەردە بۇ تۈر يۇقۇمدارلارنى كۆزىتىش ۋە داۋالاش ئۈچۈن قەشقەر كېرەمباغ دوختۇرخانىسىدا مەخسۇس ئورۇن ئاجرىتىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئەمما كېرەمباغ دوختۇرخانىسىنىڭ ھازىرغا قەدەر بىر يۇقۇمدارنى بايقىغان ياكى بايقىمىغانلىقى مەلۇم بولمىدى.

بورتالادىكى سەھىيە تارماقلىرى ئۆزلىرىدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» يۇقۇمدارلىرىنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلمىدى، ئەمما ئۇلار بۇ ھەقتە ئالدىراپ مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئىجرا قىلىنىۋاتقىنىغا ئوخشاشلا ئۇيغۇر رايونىدىمۇ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» دىن مۇداپىيەلىنىش ئۈچۈن جىددىي ھالەت يولغا قويۇلغان. ئاتۇشنىڭ چەت-ياق يېزىلىرىدىمۇ كوچا دوقمۇشلىرى سىم توسۇقلار بىلەن توسالغان. ئاھالىلەر ۋىرۇستىن قوغدىنىش ھەققىدە جىددىي ئاگاھلاندۇرۇلغان. ئاھالىلەر كەنت كادىرلىرىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسەن «ۋۇخەن ۋىرۇسى» نىڭ ئۇيغۇر رايونىغا تارقىلىش ئەھۋالىدىن بەلگىلىك دەرىجىدە خەۋەر تاپقان.

ئىجتىمائىي ئاخباراتلاردا، ھەتتا خەلقئارا ئاخباراتلاردا دېيىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» يۇقۇمدارلىرىنىڭ سانى ۋە ئۆلۈمى ھەققىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى يوشۇرماقتا. بىز ھەقىقىي ئەھۋالنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئالتايدىكى ئالاقىدار تارماقلارغا ئىزچىل ھالدا تېلېفون قىلدۇق. خادىملار ۋىلايەتلىك1 ‏-دوختۇرخانىدا بۇ ۋىرۇس يۇقۇمدارلىرى ئۈچۈن مەخسۇس بۆلۈم ئاجرىتىلغانلىقىنى ئاشكارىلىسا، شىخەنزەدىكى دائىرىلەر شىخەنزە 2‏-دوختۇرخانىسىنىڭ مەخسۇس ئايرىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
ئاتۇشتىكى ئاھالىلەرنىڭ دېيىشىچە، دائىرىلەر ئاھالىلەرنىڭ سىرتقا چىقىشىنى شۇ دەرىجىدە قاتتىق توسقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىگە يېتەرلىك ئوزۇقلۇق توپلىۋېلىشىغا پۇرسەت بەرمىگەن. دائىرىلەر بۇ جىددىي ھالەتنىڭ 20 كۈنچە داۋام قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋۇخەن شەھىرىنىڭ باشلىقى بۇ ۋىرۇس تارقالغانلىقى ۋە خەۋپى ھەققىدىكى ئۇچۇرنىڭ كېچىككەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان. ئەمما مەسئۇلىيەتنى مەركىزى ھۆكۈمەتكە ئارتقان، يەنى خىتاينىڭ قانۇن بويىچە مەركەزدىن ئۇقتۇرۇش كەلمەي تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ بۇنداق بىر ۋابا ھەققىدە ئېغىز ئاچالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتايدا، جۈملىدىن ئۇيغۇر رايونىدا ئۆيلىرىگە قاپسالغان كىشىلەرنىڭ قانچىلىك ۋاقىت بەرداشلىق بېرەلەيدىغانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى