«ۋۇخەن ۋىرۇسى» تارقالغان مەزگىلدە بېيجىڭ ئايروپورتىدىن ئامېرىكىنىڭ لوس ئانگېلىس شەھىرىگە ئۇچۇش ئۈچۈن ئۆچىرەت تۇرۇۋاتقان خىتاي پۇقرالىرى. 2020-يىلى 30-يانۋار، بېيجىڭ.

«ۋۇخەن ۋىرۇسى» تارقالغان مەزگىلدە بېيجىڭ ئايروپورتىدىن ئامېرىكىنىڭ لوس ئانگېلىس شەھىرىگە ئۇچۇش ئۈچۈن ئۆچىرەت تۇرۇۋاتقان خىتاي پۇقرالىرى. 2020-يىلى 30-يانۋار، بېيجىڭ.

 

دۇنيا ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر خىتايدا «ۋۇخەن ۋىرۇسى»، يەنى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن خىتايغا قوشنا ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرىدە، شۇ جۈملىدىن قازاقىستاندا ئۇنىڭغا قارشى ھەر خىل تەدبىرلەر قوللىنىلماقتا.

شۇلارنىڭ بىرى قىرغىزىستاندا مەخسۇس تېز ھەرىكەت قىلىش مەملىكەتلىك شتابى قۇرۇلۇپ، بۇنىڭغا باغلىق تەدبىرلەر قوللانماقتا.

«سپۇتنىك» ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان «خىتايدىكى قورقۇنچلۇق ۋىرۇس: كېسەلنىڭ زەھەرلىنىش يوللىرى ۋە بەلگىلىرى» ناملىق ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، «ماناس» خەلقئارا ئايرودرومىدا ئۈمۈمچىدىن كەلگەن بارلىق يولۇچىلار تەكشۈرۈلمەكتىكەن. خىتاي يېڭى يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن 23-يانۋاردىن 1-فېۋرالغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۈرۈمچى-بىشكەك ھاۋا يولىنى تاقىغان. قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتايدىكى قىرغىز پۇقرالىرى ۋە خىتايغا بارماقچى بولغان پۇقرالىرىنى ئېھتىيات قىلىشقا چاقىرغان.

«ئازادلىق» رادىيوسىنىڭ تاجىكىستان بۆلۈمى ئېلان قىلغان «تاجىكىستان دائىرىلىرى خىتايدىكى تاجسىمان ۋىرۇسى سەۋەبىدىن چېگرالاردىكى كونترولنى كۈچەيتتى» ناملىق ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، تاجىكىستان خىتاي بىلەن قويۇق سودا-ئىقتىسادىي ئالاقىلەردە ساقلاپ كېلىۋاتقان مەملىكەت ئىكەن. تاجىكىستان باش مىنىستىرىنىڭ ئورۇنباسارى ئەزىم ئىبراھىم خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ئالاقىلەر مۇناسىۋىتى بىلەن ۋىرۇسنىڭ تاجىكىستانغا كىرىش خەۋپىنىڭ بار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ھازىر مەملىكەتنىڭ خىتاي بىلەن بولغان بارلىق ھاۋا يوللىرى ئېتىۋېتىلگەن بولۇپ، مەملىكەتتە قاتتىق تەدبىرلەر كۆرۈلمەكتىكەن.

«قازاق ئاخبارات» ئاگېنتلىقى تاراتقان ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 3-فېۋرالدىن باشلاپ ئالمۇتادا خىتايدىن كېلىدىغان بارلىق ھاۋا يوللىرى بېكىتىلگەن. بۇنىڭغىچە ئۇچۇپ كەلگەن يولۇچىلار مەخسۇس ئاجرىتىلغان بۆلۈملەردە قاتتىق تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن. بۇنىڭغا قازاقىستان ھۆكۈمىتى چوڭ خىراجەت ۋە مۇتەخەسسىسلەرنى ئاجراتقان.

ئالمۇتا شەھىرى ۋە ئالمۇتا ۋىلايىتى ئۇيغۇر ئېلى بىلەن چېگراداش چوڭ ئوبلاست بولۇپ، بۇ رايوندىمۇ مەخسۇس شتاب قۇرۇلغان. ھازىر ئالمۇتا شەھىرىدە خىتاي پۇقرالىرى ئىشلەۋاتقان بارلىق ئورۇنلاردا كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى كۆرۈلمەكتە. بۇنىڭدىن تاشقىرى يەنە 2-فېۋرالدا ۋۇخەندە ئىشلەۋاتقان ھەم ئوقۇۋاتقان 83 قازاقىستانلىق مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن ۋەتىنىگە يەتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇلار 14 كۈنلۈك تېببىي كونترولدىن ئۆتكەن. جىددىي تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن تاجسىمان ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار ھازىرچە ئېنىقلانمىغان.

«تېڭرىنيۇس» ئاگېنتلىقىدا بېرىلگەن «تاجسىمان ۋىرۇسى سەۋەبىدىن قازاقىستان چېگرا ۋە ئايرودروملاردىكى كونترولنى كۈچەيتىدۇ» ناملىق ماقالىدا دېيىلىشىچە، قازاقىستان بارلىق ئەللەر بىلەن بولغان چېگرالاردىكى كونترولنى كۈچەيتكەن. مەملىكەتنىڭ سالامەتلىكنى ساقلاش مىنىستىرى ئېلجان بىرتانوف 6-يانۋاردىن باشلاپ خىتايدىن ئۇچۇپ كېلىۋاتقانلارنىڭ مەخسۇس تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، قازاقىستانلىقلارنى مەزكۇر ۋىرۇس ھەققىدە دەلىللەنمىگەن ئاخباراتلارنى تارقاتماسلىققا چاقىرغان.

ئىگىلىشىمىزچە، خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا تاجسىمان ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتايدىكى بۈگۈن شەكىللەنگەن ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ قوشنا مەملىكەتلەرنىڭ ئىچكى ۋەزىيىتىگە ھەمدە ئۇلارنىڭ تاشقى سودا-ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا قانچىلىك دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن، دېگەن مەسىلە ئەتراپىدا بەز-مۇنازىرىلەر كۈچەيمەكتە.

«نۇر قازاقىستان» ئاخبارات ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان «خىتايدىكى ۋىرۇس-قاتىلى قازاقىستان سودىسى ۋە ئىقتىسادىغا تەسىر قىلدى» ناملىق ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، خىتايدا تاجسىمان ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشى سەۋەبىدىن بولۇپمۇ قازاقىستاندىكى تىجارەتچىلەر ھەم ئومۇمەن قازاقىستان ئىقتىسادى زەرداب چەكمەكتىكەن. ھازىر خىتاي بىلەن ئىشلەۋاتقان قازاقىستانلىق تىجارەتچىلەرنىڭ ئۆز شېرىكلىرى بىلەن بولغان ئالاقىلىرى ئۈزۈلۈپ، خىتايدىن كېلىۋاتقان توۋارلارنىڭ قىسلىقى بايقالماقتا. بۇنى ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ پانفىلوف ناھىيەسىدىكى خىتاي بىلەن چېگراداش «قورغاس» ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ ۋاقىتلىق يېپىلىشى دەلىللىمەكتىكەن.

ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، چوڭ نېفىت شىركەتلىرىمۇ بۇنىڭدىن زىيان تارتماقتا. نېفىتنىڭ بىر باررېلى 60 دوللارغىچە چۈشۈپ كەتكەن. شۇنىڭغا باغلىق قازاقىستان تەڭگىسىنىڭ نەرخى ئۆزگەرگەن. خىتاي ۋىرۇسى قازاقىستاندىكى ساياھەت ئاگېنتلىقلارنىڭ ئىشىغىمۇ قاتتىق تەسىر قىلغان.

«كۇرسىۋ» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «تاجسىمان يۇقۇملۇق كېسىلى قازاقىستان ئىقتىسادىغا زەربە بېرىشى مۇمكىن» دېگەن ماقالىدا دېيىلىشىچە، «ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسلار مەركىزى» نىڭ چوڭ شېرىكى ئولجاس خۇدايبېرگېنوف خىتايدا تاجسىمان ۋىرۇسى ئەھۋالىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ كەسكىنلىشىشىنىڭ خىتاي ئىقتىسادىنى ھالسىزلاندۇرىدىغانلىقىنى ھەم بۇنىڭ قازاقىستانغا ياخشىلىق ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئولجاس خۇدايبېرگېنوفنىڭ پىكرىچە، ئىككى ئايدىن كېيىن بۇ ۋىرۇسنىڭ مەسىلىسى ھەل قىلىنىدىكەن.

«ك ت ك» تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان «تاجسىمان ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشى ئىقساتىساد ھەم بىزىنېسقا تەسىر قىلىدۇ» ناملىق ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر كېسەلنىڭ تارقىلىشى سۆزسىز قازاقىستان ئىقتىسادىغا ۋە بىزىنېسىغا تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىنكەن. ماقالىدا «قورغاس» ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ يېپىلىشى بىلەن خىتاي توۋارلىرى باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كەتكەنلىكى ئېيتىلغان.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قازاقىستانلىق كۆزەتكۈچى پيوتر سۋويىك ئەپەندى خىتايدىكى ۋەزىيەتنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنىڭ ئىقتىسادىغا سۆزسىز تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «سەۋەبى كېسەل ئۆز ئالدىغا بىر مەسىلە. ئەمدى ئۇنىڭ سىياسىي ئاقىۋەتلىرى ئىنتايىن كۆپ. بۇ يەردە تېببىي مەسىلىنىڭ سىياسىي مەسىلىگە ئايلىنىپ كېتىش ئېھتىماللىقى بار. بەزىدە ۋەزىيەتنى كۆپتۈرۈۋېتىش ئەھۋاللىرىمۇ ئۇچرايدۇ. شۇنداقتىمۇ بۇ ۋەزىيەت كىشىنى كۆپ ئويلاندۇرىدۇ. ئەمدى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ساياھەت بىزىنېسىغا كېلىدىغان بولساق، بۇ ئىشمۇ توختاپ قالدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ۋىرۇس ۋەزىيىتىنىڭ بۇ بىزىنېسقا تەسىر قىلىشىدا گۇمان يوق. ھازىر پۈتكۈل دۇنيادا خىتايغا قارىتا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى قوللىنىلىۋاتىدۇ. قازاقىستان خىتايغا قوشنا بولغانلىقتىن بىزدىمۇ قاتتىقراق تەدبىرلەر قوللانمىسا بولمايدۇ. يەنە بىر قېتىم تەكرارلايمەنكى، بۇ يەردىكى تېببىي مەسىلە بارغانسېرى چوڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىگە ئايلىنىدۇ.»

قىرغىزىستانلىق سىياسەتشۇناس ئادىل تۇردۇقۇلوف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «خىتاي بىزنىڭ پەقەت ئاساسلىق قەرز بەرگۈچى دۆلىتىمىزلا ئەمەس، بەلكى ھەم سودا شىرىكىمىزدۇر. قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان خىتايغا قوشنا مەملىكەتلەر بولغانلىقتىن خىتايدىكى ھازىرقى ۋەزىيەت بىزگە تەسىر قىلىدۇ. مېنىڭ پىكرىمچە، مەركىزىي ئاسىيا ئەللىرى بىرلىشىپ خىتايدىكى ۋىرۇس ھەققىدە بىزگە كىرىۋاتقان ساختا ئۇچۇرلارنى چەكلىشى لازىم. سەۋەبى بۇ خىتايغا قارشى ياسالما قارشىلىقنى ھاسىل قىلىشى مۇمكىن. مەركىزىي ئاسىيادا ياشاۋاتقان خەلقلەر مۇشۇ كۈنگىچە خىتايغا ھەم خىتاينىڭ مەركىزىي ئاسىيادىكى سىياسىتىگە گۇمان بىلەن قارايدۇ.»

ئەل-فارابى نامىدىكى قازاق مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شېرىپجان نادىروف ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتايدىكى تاجسىمان ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشى پۈتكۈل دۇنيا ئىقتىسادىغا تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن ئىكەن. ئۇنىڭ تەسىر دائىرىسى تېخىمۇ كېڭىيىپ، ۋاقىتنىڭ قانچىلىك سوزۇلىدىغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم ئىكەن. شېرىپجان نادىروف بۇ ئەھۋالنىڭ تەپسىلىي تەتقىق قىلىنىش لازىملىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «قازاقىستاننىڭ ساياھەتچىلىك ساھەسىگە، يېمەك-ئىچمەك سانائىتىگە ۋە باشقا ساھەلەرگە تەسىرى خېلى يۇقىرى بولىدۇ. ئېكسپورت قىلىنىدىغان قارا ۋە رەڭلىك مېتال رۇدىلىرى، نېفىت ساھەلىرىدە تەسىرى كۆپ بولمايدۇ. يەنە بىر ئېغىر ئەھۋال ئېكولوگىيە مەسىلىسى. خىتايدىكى يەر ئۈستى ۋە يەر ئاستىدىكى سۇلار پاسكىنىلىشىپ كەتكەن.»

شېرىپجان نادىروف تاجىسمان ۋىرۇسى تەسىرىنىڭ يەنە ئىككى-ئۈچ ئايغا سوزۇلىدىغانلىقىنى، تېگىشلىك خىزمەت ئورۇنلىرىنىڭ ئۇنىڭغا قارشى چارىلەر كۆرۈش لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى