ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئەپەندى قازاقىستان پايتەختى نۇرسۇلتاندا ئۇرۇق-تۇغقانلىرى خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامالغان ئائىلىلەرنىڭ ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلدى. 2020-يىلى 2-فېۋرال.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئەپەندى قازاقىستان پايتەختى نۇرسۇلتاندا ئۇرۇق-تۇغقانلىرى خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامالغان ئائىلىلەرنىڭ ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلدى. 2020-يىلى 2-فېۋرال.

 

29-يانۋاردىن 1‏-فېۋرالغىچە ئەنگلىيە، ئۇكرائىنىيە، بېلارۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى زىيارەتلىرىنى تاماملىغان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو 2-فېۋرال قازاقىستانغا يېتىپ كەلگەن. ئۇ قازاقىستان پايتەختى نۇرسۇلتانغا كەلگەن كۈننىڭ ئۆزىدىلا ئۇرۇق-تۇغقانلىرى خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامالغان ئائىلىلەرنىڭ ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلاردىن چوڭقۇر ھال سورىغان. ئۇ يەنە قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ زۇلۇمىدىن قېچىپ قازاقىستاندىن پاناھلىق ئىزدەپ كەلگەن بۇ كىشىلەرنى خىتايغا قايتۇرۇۋەتمەي ھىمايە قىلغانلىقىغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتقان.

قازاقىستاندىكى «ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى» تەشكىلاتىنىڭ ئىلگىرىكى رەئىسى سېرىكجان بىلاشئوغلىنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، پومپېيو بىلەن ئۇچرىشىشقا ئائىلە تاۋابىئاتلىرى لاگېرلارغا قامالغان، ئائىلىسى پارچىلانغان قازاقلاردىن بىرمۇنچە كىشى قاتناشقان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئايالى 3يىلدىن بۇيان لاگېردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان جېنگىز زارخان، ئائىلىسىدىن 4 ئادەم لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن ھاقىقەت خالىيوللا، ئېرىنىڭ مېيىپلىكىگە قارىماي لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن گۈلنۇر قوشبارماق ھەمدە ئېرى، قېينىئاتىسى ۋە ئىككى قىينىئىنىسى بولۇپ ئائىلىسىدىن تۆت ئادەم لاگېرغا قامالغان قاراقات ئەبدەش قاتارلىقلار بار ئىكەن.

سېرىكجان بىلەشئوغلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىرقىدەك بىر پەۋقۇلئاددە پەيتتە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ قازاقىستاننى زىيارەت قىلىشى ۋە خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ئائىلىلەردىن ھال سورىشى بۇ زۇلۇمغا ئۇچرىغان قازاقلارغا زور ئىلھام بولىدىكەن. ئۇ يەنە بۇنى لاگېرلار ھەققىدە مەتبۇئاتلارغا گۇۋاھلىق بەرگەنلەرنىڭ كۆرسەتكەن جاسارىتىگە بېرىلگەن بىر مەدەت ۋە بۇنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ رەسمىي ئېتىراپ قىلىنىشى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پومپېيونىڭ ئەسلى 1-ئاينىڭ باشلىرىدا ئېلىپ بارماقچى بولغان بۇ زىيارىتى ئوتتۇرا-شەرق كرىزىسى سەۋەبلىك كېچىكتۈرۈلگەن ئىدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر دىپلوماتى ئۆتكەن يىلى 12‏-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن پومپېيونىڭ ئوتتۇر ئاسىيا زىيارىتى ھەققىدىكى ئاخبارات يىغىنىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېگەن ئىدى: «بىز ئۇيغۇر مەسىلىسىنى دۇنيادىكى شېرىكلىرىمىز، ئىتتىپاقداشلىرىمىز ۋە بىز بىلەن پىكىرداش دۆلەتلەرگە داۋاملىق تەكىتلەيمىز. ئەلۋەتتە، مەزكۇر مەسىلە بۇ زىيارەتتە كۈنتەرتىپكە كېلىدۇ.»

دېگەندەك پومپېيو ئالدى بىلەن قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇختار تىلېربېردى، ئارقىسىدىن نۇرسۇلتان نازاربايېفلار بىلەن كۆرۈشۈش جەريانىدا ۋە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى، بولۇپمۇ مىليونلىغان ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنىڭ خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا دەھشەتلىك تۈردە دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ يەنە زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان بۇ خەلقلەرنىڭ باشقا ئىنسانلاردەك ھەق-ھوقۇقى ۋە غۇرۇرى بىلەن ياشاش ھەققى بار ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا پومپېيو يەنە ئىنسان ھەقلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال قىممەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئۇنى دەپسەندە قىلىشقا قاراپ تۇرۇشقا بولمايدىغانلىقىنى، بۇ مەسىلىدە قازاقىستاننىڭ ئامېرىكا بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

قازاقىستاندىكى پېشقەدەم ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلەردىن قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ بۇ زىيارىتىنى قازاقىستان مۇستەقىل بولغان 30 يىلدىن بۇيان ئامېرىكانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ قازاقىستاندا رەسمىي زىيارەتتە بولۇشى ھېسابلىنىدۇ، دېدى. ئۇ بۇنىڭ قازقىستاننىڭ خىتاي سىياسىتىدە ئۆزگىرىش ياساپلا قاماي، بەلكى يەنە قازاقىستان ۋە باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان پوزىتسىيەسىدىمۇ ئۆزگىرىش ياسايدىغانلىقىدىن بىر سىگنال بېرىدۇ، دېدى.

قازاقىستاندا ئائىلىسى ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلارغا قامالغان ياكى لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن خىتاينىڭ يول قويماسلىقى سەۋەبلىك قازاقىستاندا قالغان ئائىلىسى بىلەن جەم بولالمىغان ئۇيغۇرلارمۇ ئاز ئەمەس. گەرچە خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار بۇ نۆۋەت قازاقىستاندا مايك پومپېيو بىلەن كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ، پومپېيونىڭ ئۆزلىرىگە ئوخشاش زۇلۇمغا ئۇچرىغان قازاقلارنى قوبۇل قىلىپ، نۇتقىدا ئۇيغۇرلارنى مەخسۇس تىلغا ئېلىشى ئوخشاشلا ئۇيغۇرلارنىڭ يارىلانغان قەلبىگىمۇ مەلھەم بولغان ۋە ئۈمىد بەرگەن. 3 يىلدىن ئايالى مۇيەسسەر ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇرغا ئىگە بولالمىغان سەدىردىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، گەرچە ئۆزى پومپېيو بىلەن كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە ئىگە بولمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ قازاقىستاندىكى زىيارىتىنى خەۋەرلەردىن كۆرۈپ ئۆزىدە زور ئىشەنچ پەيدا بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكادىكى ئادۋوكات نۇرى تۈركەل مايك پومپېيونىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا قىلغان بۇ زىيارىتىنىڭ كۈچلۈك سىمۋوللۇق مەنىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى