مايك پومپېيو قازاقىستاننىڭ پايتەختى نۇرسۇلتاندا مەنسەپدىشى مۇختەر تىلەئۇبەردى بىلەن كۆرۈشتى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو قازاقىستاندا رەسمىي زىيارەتتە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مايك پومپېيو ئۇچرىشىشتىن كېيىن چاقىرىلغان قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توقايېۋنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات، دېموكراتىيەنىڭ كۈچەيتىلىشى ۋە خەلقنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان ئىشەنچىنى ئاشۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئىسلاھاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پىروگراممىسىنى مەمنۇنلۇق بىلەن قارشى ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

قازاقىستاننىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشتىكى تاللاش ئەركىنلىكىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن پومپېيو، بىراق ئامېرىكا شىركەتلىرى بىلەن بولغان شېرىكلىكنىڭ باشقا ھەرقانداق دۆلەتكە سېلىشتۇرغاندا ياخشى نەتىجىلەرنى بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مايك پومپېيو ئافغانىستاندا تىنچلىقنى بەرپا قىلىش ۋە ھەر قايسى تەرەپلەرنى مۇرەسسەلەشتۈرۈش تىرىشچانلىقلىرىنى قازاقىستاننىڭ قوللاپ – قۇۋۋەتلىگەنلىكى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتتى.

ئىراق ۋە سۇرىيەدىن چەت ئەللىك تېررورچىلار ھەمدە ئۇلارنىڭ ئائىلىلىرىنىڭ دۆلەتلىرىگە قايتۇرۇپ كېتىلىشىدە، قازاقىستاننىڭ باشلامچىلىق رولى ئوينىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، بۇ خىزمەتلەرنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە ئىلھام بولغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭمۇ شۇنداق قىلىدىغانلىقىدىن ئۈمىتلەنگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرىمۇ: «ئامېرىكانىڭ رايوندا ئۇزۇن مۇددەتلىك مەۋجۇتلۇقى ئوتتۇرا ئاسىيا ئىقتىسادىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە، سېلىنما ۋە تېخىنىكىلارنى جەلپ قىلىشتا مۇھىم ئاكتىپلاشتۇرۇش رولىغا ئىگە. دۆلەتلىرىمىزنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ياخشىلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ» دېدى.

ئۇچرىشىشتا خەلقئارانىڭ كۈنتەرتىپىدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغانلىقلىرىنى تەكىتلىگەن مۇختەر تىلەئۇبەردى، پومپېيونىڭ قازاقىستان زىيارىتىنىڭ ئۆزئارا كەڭ دائىرىلىك شېرىكلىك نۇقتىسىدا ھەمكارلىقنى داۋاملاشتۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

مەنبە: تۈركىيە ئاۋازى تورى