خىتاينىڭ خۇبېي ئۆلكىسىگە قارشلىق خۇاڭگاڭ شەھىرىدە جازاغا تارتىلغان 337 نەپەر ھۆكۈمەت ئەمەلدارىدىن 6 كىشىنىڭ ۋەزىپىسدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

خۇبېي ئۆلكىسىدە 337 نەپەر ھۆكۈمەت ئەمەلدارى ۋىرۇس ئاپىتى سەۋەبىدىن جازاغا تارتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي مەتبۇئاتلىرىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ مەركىزى ھېسابلىنىدىغان خۇبېي ئۆلكىسىگە قاراشلىق خۇاڭگاڭ شەھىرىدە 337 نەپەر ھۆكۈمەت مەسئۇلى يۇقۇملۇق كېسەللىك ئاپىتىگە قارشى كۈرەشتە بوشاڭلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ جازاغا تارتىلغان.

خۇبېي ئۆلكىسىگە قارشلىق خۇاڭگاڭ شەھىرىدە جازاغا تارتىلغان 337 نەپەر ھۆكۈمەت ئەمەلدارىدىن 6 كىشىنىڭ ۋەزىپىسدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقى بىلدۈرۈلگەن بولسىمۇ، بىراق قالغانلىرىغا قايسى خىل جازالارنىڭ بېرىلگەنلىكى ھەققىدە ھېچ قانداق مەلۇمات بېرىلمىگەن. 

مەنبە: تۈركىيە ئاۋازى تورى