رۇسىيە ساياھەت مەقسىتىدە يولغا قويۇلغان خىتاي بىلەن ئۆزئارا ۋىزىسىز ساياھەت بەلگىلىمىسىنى ۋۇخەن ۋىرۇسى ئاپىتى سەۋەبىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇش قارارى ماقۇللىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە باش مىنىستىرى مىخائىل مىشۇستىن تەرىپىدىن ئىمزالانغان قارارنامىغا ئاساسەن، ۋۇخەن ۋىرۇسى ئاپىتى سەۋەبىدىن خىتاي بىلەن تۈزۈلگەن ۋىزىسىز ساياھەت كېلىشىمىنىڭ ۋاقىتلىق توڭلىتىپ قويۇلغانلىقى ئېلان قىلىندى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، خىتاي پۇقرالىرىغا خىزمەت ۋىزىسىنى بېرىشنىمۇ توختاتقانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
كرېملىن سارىيى باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋمۇ مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، خىتايدا تۇرۇشلۇق رۇسىيە پۇقرالىرىنىڭ 3 – ۋە 4 – فېۋرال كۈنلىرى قايتۇرۇپ كېلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، سېرگېي لاۋروۋنىڭ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىر ۋاڭ يى بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
سۆھبەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى ئاپىتىگە مۇناسىۋەتلىك يېڭى ۋەزىيەتنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، «بۇ جەھەتتە خىتاي بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقلارمۇ مۇزاكىرە قىلىندى» دېيىلدى.
رۇسىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى تاتيانا گولىكوۋا جۈمە كۈنى تۈمەن ۋە سىبرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ترانسبايقال رايونىدا ئىككى كىشىدە يېڭى تىپلىق ۋۇخەن ۋىرۇسى بايقالغانلىقىنى ۋە ھەر ئىككى كىشىنىڭ خىتاي پۇقراسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
رۇسيە بۇنىڭدىن ئىلگىرى ۋۇخەن ۋىرۇسى ئاپىتى سەۋەبىدىن خىتاي بىلەن چېگرالارنى تاقاش ۋە خىتاي پۇقرالىرىغا ئېلېكتىرونلۇق ۋىزا بىرىشنى ۋاقىتلىق توختىتىش قارارى ماقۇللىغان ئىدى.
بەزى رۇسيە شىركەتلىرىمۇ خىتايغا ئۇچىدىغان ئايروپىلان سەپەرلىرىنى چەكلىك ھالغا چۈشۈرگەن ئىدى.
مەنبە: تۈركىيە ئاۋازى تورى