«ۋىرۇس لاگېردىكىلەرگە تەھدىت» ھەرىكىتىنىڭ خەشتەگ سۈرىتى.

«ۋىرۇس لاگېردىكىلەرگە تەھدىت» ھەرىكىتىنىڭ خەشتەگ سۈرىتى

مۇخبىرىمىز «ۋۇخەن ۋىرۇسى» نىڭ ئۇيغۇر رايونىغا تارقىلىش ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن رايوندىكى ھەر دەرىجلىك سەھىيە تارماقلىرىغا تېلېفون قىلدى. كۆپىنچە خادىملار بۇ ھەقتە ئۇچۇر بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرسە، يەنە بەزى خادىملار بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنىڭ «دۆلەت مەخپىيەتلىكى» گە ياتىدىغانلىقىنى ئاشكارا تىلغا ئالدى. ئامېرىكادا ياشاۋاتقان تىببىي مۇتەخەسىس مەمەت ئىمىن ئەپەندى بۇ خىل جىددىي شاراكتېرلىق يۇقۇم ئۇچۇرلىرىنى يوشۇرۇشنىڭ مېدىتسىنادا توغرا تەدبىر دەپ قارالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ خىتاينىڭ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبلىك ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنىڭ خەلقئارادا قايتىدىن قىزىق نۇقتىغا ئايلىنىپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، پۈتۈن دۇنيادا ۋەھىمە پەيدا قىلغان ۋە ئومۇمىيۈزلۈك مۇداپىيە تەدبىرلىرى ئېلىنىۋاتقان «ۋۇخەن ۋىرۇسى» نىڭ ئۇيغۇر رايونىغا تارقىلىش ئەھۋالىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن رايوندىكى ھەر دەرىجلىك سەھىيە تارماقلىرىغا تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان قەشقەردىكى«120» جىددىي قۇتقۇزۇش ئەترىتى بۇ ھەقتە سەھىيە ئىدارىسىدىن مەلۇمات ئېلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى. قۇمۇل ۋىلايەتلىك جىددىي قۇتقۇزۇش ئەترىتى ئۆز تەۋەلىكىدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» دىن يۇقۇملانغانلارنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلماسلىق بىلەن بىرلىكتە بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىشتىن ئۆزلىرىنى قاچۇردى.

نۆۋەتتە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» تارقىلىشچانلىقىنىڭ تېزلىكى، ئۆلۆم خەتىرىنىڭ زورلىقى ۋە تېخىچە داۋاسى تېپىلماسلىقىدەك ۋەھىمىسى بىلەن دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدە ئالاقىدار تارماقلارنى جىددىيلەشتۈرمەكتە. ۋىرۇسقا قارىتا قوللىنىۋاتقان تەدبىرلەردىن بىرى كەڭ-كۆلەمدە ئۇچۇر ئورتاقلىشىش، بۇ ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ۋىرۇسقا قارىتا سەزگۈرلىكىنى ئاشۇرۇش، مۇداپىيەلىنىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش ۋە خەلقئاراۋىي ھەمكارلىقنى شەكىللەندۈرۈشتۈر. ئەمما خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بولۇپمۇ ئۇيغۇر رايونلۇق دائىرىلەرنىڭ بۇ ئېقىمغا ماسلاشمايۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. سانجىدىكى بىر ئالاقىدار خادىم بۇ ھەقتە ئۇچۇر بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئوچۇق ئېيتتى.

نۆۋەتتە ئامېرىكادا تىببىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان دوكتور مەمەت ئېمىن ئەپەندى بۇ خىل ئۇچۇرلارنى يوشۇرۇشنىڭ مېدىتسىنادا توغرا تەدبىر دەپ قارالمايدىغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرلىكتە بۇ خىل ئۇچۇر كونتروللىقىنىڭ كىشىلەرنى كېسەل ئاپتىگە قارىتا بىخۇتلاشتۇرىدىغانلىقى ۋە مۇداپىيەدىن مەھرۇم قالدۇرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى جىددىي قۇتقۇزۇش قوماندانلىق مەركىزىنىڭ خادىملىرى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» دىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ناھىيەدە 7 خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇلغانلىقى ۋە بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغا قەدەر قانچە بىمارنىڭ بايقالغانلىقى ۋە قايسىي دوختۇرخانىدا تەكشۈرۈلىۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى. ئۈرۈمچىدىكى ئالاقىدار خادىملاردىن بىرى بۇ ئۇچۇرلارنىڭ «دۆلەت مەخپىيەتلىكى» گە ياتىدىغانلىقىنى ئاشكارا تىلغا ئالدى.

دوكتور مەمەت ئېمىن ئەپەندى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ «دۆلەت مەخپىيەتلىكى» قاتارىدا كۆرۈشىنىڭ سەۋەبلىرى ئۈستىدە توختالدى. ئۇ خىتاينىڭ ئاساسلىقى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ئۇچۇرلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنىڭ خەلقئارا خەۋەرلەردە قايتىدىن قىزىق نۇقتىغا ئايلىنىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.