2005.01.28

رابىيە قادىرنىڭ خەلقئارا رافتو مۇكاپاتىنى ئائىلىسىدىكىلەرگە تەقدىم قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن، 26 – يانۋار كۈنى كەچتە ۋاشىنگتوندىكى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ رېيبېن سارىيى، نورۋىگىيىدىكى رافتو فوندى جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىللىرى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە دۆلەت مەجلىسىدىكى كىشىلىك ھوقۇق، جۈملىدىن ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار، ئامېرىكىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار ھەمدە ئۇيغۇر داۋاسىغا قىزىقىدىغان چەتئەللىكلەر بىلەن تولدى. يىغىن زالىدا يەنە، رابىيە قادىرنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن تەشۋىق ۋاراقلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا دائىر ماتىرىياللار قاتناشقۇچىلارغا تارقىتىلدى.
بۇ، مەن ۋەكىللىك قىلىدىغان بۇ ھۆكۈمەتنىڭ ۋەدىسى
مەزكۈر مۇراسىمغا قاتناشقان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ شەرقىي ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى راندال شرايۋېر (Randall Schriver) ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ رابىيە قادىر مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ھەمدە بۇ ھەقتە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە يەنە، ئۆزىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن، بۇنداق قىلىشلارنىڭ ھەرگىزمۇ خىتاينىڭ ئاچچىغىنى كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:
مەن بۈگۈنكى بۇ مۇراسىمدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان، بىزنىڭ مەزكۇر مەسىلىنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە قايتا قويۇشىمىز كېرەكلىكى توغرىسىدىكى تەلەپلەرگە جىددىي قارايمەن. ھەمدە بىزمۇ شۇنداق قىلىمىز. بۇ، مەن ۋەكىللىك قىلىدىغان بۇ ھۆكۈمەتنىڭ ۋەدىسى
«بىز بۇلارنى خىتاينىڭ ئاچچىغىنى كەلتۈرۈش ئۈچۈن ياكى بىزنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى يىرىكلەشتۈرۈش ئۈچۈن قىلمايۋاتىمىز. بىز پەقەت بىرىنچىدىن، بۇنىڭ بىر توغرا ئىش بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىككىنچىدىن، دۇنيادا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىمىز ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلىۋاتىمىز.»
راندال شرايۋېر سۆزىدە يەنە، ئۆزىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن بۇ مۇراسىمغا قاتناشقانلىقىدىن تولىمۇ پەخىرلىنىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا بۇ يەردە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىر-تەلەپلەرگە جىددىي مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى:
«مەن بۈگۈنكى بۇ مۇراسىمدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان، بىزنىڭ مەزكۇر مەسىلىنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە قايتا قويۇشىمىز كېرەكلىكى توغرىسىدىكى تەلەپلەرگە جىددىي قارايمەن. ھەمدە بىزمۇ شۇنداق قىلىمىز. بۇ، مەن ۋەكىللىك قىلىدىغان بۇ ھۆكۈمەتنىڭ ۋەدىسى».
داۋاملىق خەت يېزىڭلار

مۇراسىمغا قەدەم تەشرىپ قىلغان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋە دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى فرەنك ۋولف (Frank Wolf) رابىيە قادىرنىڭ خەلقئارا رافتو مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە، ئامېرىكىنىڭ خىتايدىكى ۋەكىلىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە بېرىپ، تۈرمىدە يېتىۋاتقان رابىيە قادىرنى يوقلىشىنى تەلەپ قىلىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى:
«بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلارنىڭ ھەممىسى، خىتاي ھۆكۈمىتىگە ۋە ئامېرىكىنىڭ خىتايدىكى باش ئەلچىسى كلارك رەند (Clark T. Randt) كە داۋاملىق خەت يېزىپ، ئۇنىڭ بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ كۈچ چىقىرىشىنى تەلەپ قىلىشى كېرەك. شۇنداقلا مەن بۇ مەسىلىنى يېڭىدىن تەيىنلەنگەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندولىزا رايسقا سۇنىمەن. ھەمدە سىلەرمۇ شۇنداق قىلىشىڭلار كېرەك. سىلەر رابىيە قادىرنىڭ مەسىلىسىنى بۇش ھۆكۈمىتىگە داۋاملىق سۇنغاندىلا، ئاندىن بۇش ھۆكۈمىتى خىتايغا بۇ ھەقتە بېسىم ئىشلىتەلەيدۇ».
سىلەر رابىيە قادىرنىڭ مەسىلىسىنى بۇش ھۆكۈمىتىگە داۋاملىق سۇنغاندىلا، ئاندىن بۇش ھۆكۈمىتى خىتايغا بۇ ھەقتە بېسىم ئىشلىتەلەيدۇ
فرەنك ۋولف يەنە، خىتايغا بارىدىغان ھەر قايسى ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ بۇ مەسىلىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدىغا قويىشى كېرەكلىكىنى، ھەمدە شۇ سەۋەپتىن ھەر قايسى تەشكىلاتلارنىڭمۇ بۇ مەسىلىدە بۇش ھۆكۈمىتىگە قايتا-قايتا خەت يوللاپ تۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
سىلەر رابىيە قادىرنىڭ ئائىلىسىگە قەرزدار
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى شۆبىسىنىڭ دېرىكتورى ت كۇمار (T. Kumar) مۇراسىمدا قىلغان سۆزىدە، ئۇلارنىڭ رابىيە قادىر مەسىلىسىگە داۋاملىق كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن تەن-سالامەتلىكى ياخشى بولمايۋاتقان رابىيە قادىرنى قويۇپ بېرىشنى كۈچلۈك تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە بۇش ھۆكۈمىتىنى، بۇ مەسىلىنى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە مۇھىم ئورۇنغا قويۇشقا چاقىرىپ مۇنداق دەيدۇ:
«بىز يەنە، پرېزىدېنت بۇشنىڭ ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندولىزا رايسنىڭ بۇ مەسىلىگە جىددىي قارىشىنى تەلەپ قىلىمىز. چۈنكى سىلەر راب &# xFBE9;يە قادىرنىڭ ئائىلىسىگە قەرزدار. رابىيە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشكىلى كېتىۋاتقاندا قولغا ئېلىنغان. شۇڭا بۇنىڭدا سىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىڭلار بار. بۇنىڭدىن ئۆزەڭلارنى قاچۇرماڭلار. ئەمەلىي ھەرىكەت بىلەن ئۇنى قۇتۇلدۇرمىغىچە، كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدە نۇتۇق سۆزلىگەننىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى بولمايدۇ».

بۇ قېتىملىق مۇر &# xFE8D;سىمنى نورۋىگىيىدىكى رافتو ف &# xFEEE;ندى جەمئىيىتى بىلەن ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل رابىيە قادىر ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان تەشكىلات ۋە شەخسلەرگە تەشەككۈر ئېيتىش بىلەن بىرگە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رابىيە قادىرنى دەرھال ۋە شەرتسىز قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.
پىلانلىق تۇغۇت بويىچە قانۇن لايىھە ماقۇللىشىنى تەلەپ قىلىمەن
ئاخىرىدا رابىيە قادىرنىڭ يولدىشى سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى رابىيە خانىمغا ۋاكالىتەن رافتو مۇكاپاتىنى، رافتو كىشىلىك ھوقۇق فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئارنې لىنگارد (Arne Lynngard) نىڭ قولىدىن تاپشۇرۇپ ئالدى. شۇنداقلا ئۇ مۇراسىمدا قى &# xFEE0;غان سۆزىدە، رابىيە قادىر ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىۋاتقانلارغا كۆپ رەھمەت ئېيتتى ھەمدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ م &# xFEEA;سىلىگە تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلىشىنى تەلەپ قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«مەن تەلەپ قىلىمەن، پىلانلىق تۇغۇت بويىچە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى توغرىسىدا ئامېرىكا كوڭگەرىسىنىڭ قانۇن لايىھە ماقۇللىشىنى تەلەپ قىلىمەن. پرېزىدېنت بۇش ئەپەندىنىڭ بۇ قانۇن لاھىيىسىنى كوڭگەرىسقا قايتۇرىۋەتمەي، ئىمزا قويۇشىنى تەلەپ قىلىمەن. نورۋىگىيە خەلقى ۋە نورۋىگىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە داۋاملىق قاتتىق كۆڭۈل بۆلۈشىنى تەلەپ قىلىمەن».
مەزكۈر مۇراسىمغا يەنە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىدىن ئىلېنا روس-لېتىنېن خانىم، دونالد پېين ۋە ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىنى زىي &# xFE8E;رەت قىلىپ كەلگەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىغا مەسئۇل سابىق ياردەمچى مىنىستىرى لورېن كرېينېر قاتارلىقلارمۇ قاتنىشىپ، رابىيە قادىر ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆز قىلدى.
يىلدا بىر تارقىتىلىدىغان رافتو كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى نورۋىگىيىلىك ئاتاغلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى پروفېسسور سورولف رافتو (Thorolf Rafto) نى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ 1986 – يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن. شۇنداقلا رافتو مۇكاپاتى، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدىكى، ئىنسان ھەقلىرى بىلەن شوغۇللانغان ۋە بۇنىڭغا زور تۆھپە قوشقان شەخسلەرگە بېرىلىدۇ. ئادەتتە بۇنىڭغا ئېرىشكەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئارقىدىنلا نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغىمۇ ئېرىشكەن. (پەرىدە)