بۈگۈن يەنى 2024-يىلى 31-ئاۋغۇست كانادا يەر شارى ئىشلىرى تارمىقى ب د ت نىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇققا ئېغىر دەخلى-تەرۇز قىلىش دوكلاتى ئېلان قىلىنغىنىغا ئىككى يىل بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ بايانات ئېلان قىلدى:
دوكلاتتا شەرقىي تۈركىستاندا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئېغىر دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىغانلىقىنى ھەمدە جۇڭگونىڭ بۇ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى تۈزىتىش ئۈچۈن زۆرۈر تەدبىر قوللانمىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
كانادا بۇ دوكلاتتا يەنە ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنى خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇشنىڭ خەلقئارالىق جىنايەتلەرنى ، بولۇپمۇ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
كانادا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئېغىر ئەندىشىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك تەدبىر قوللانمىغانلىقىنى ۋە ب د ت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كىرىشىگە يول قويمىغانلىقىنى بايان قىلدى. شۇنداقلا كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مېلانى جولى بۇ مەسىلىدىكى ئەندىشىلەرنى جۇڭگو دائىرىلىرىگە يەتكۈزگەنلىكىنى بايان قىلدى.
دوكلاتتا مۇنۇلار تىلغا ئېلىنغان:
«ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستان ۋە جۇڭگونىڭ باشقا جايلىرىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە ئۇچرايدۇ. دىنىي ئادەت ، بولۇپمۇ ئىسلام دىنى قاتتىق چەكلەنگەن ۋە مەسچىتلەر ئاساسلىق نىشان سۈپىتىدە چېقىۋېتىلگەن.»
«ب د ت مۇتەخەسسىسلىرى يەنە بالىلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە جۇڭگونىڭ باشقا جايلىرىدىكى دۆلەت قارمىقىدىكى ياتاقلىق مەكتەپلەرگە مەجبۇرىي ئەۋەتىلىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. جۇڭگو بۇ مەسىلىلەرنى ئوچۇق-ئاشكارە ھەل قىلىشنىڭ ئورنىغا ، بۇ نەتىجىنى رەت قىلدى ۋە ئۇلارنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىكى مۇنازىرىسىنى توستى.»
دوكلاتتا يەنە كانادا يەر شارى مىنىستىرلىكى ب د ت نىڭ باھالاشتىن ئىككى يىل ئۆتۈپ كەتكەنل بولسىمۇ ، جۇڭگونىڭ بۇ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى تۈزىتىش ئۈچۈن زۆرۈر تەدبىر قوللانمىغانلىقىنى تەكىتلىدى. كانادا جۇڭگو ھۆكۈمىتىنى ب د ت نىڭ تەۋسىيەلىرىنى ئىجرا قىلىشقا ، ب د ت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كىرىپ مۇستەقىل تەكشۈرۈشكە يول قويۇشقا ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا چاقىردى. شۇنداقلا كانادانىڭ خەلقئارا شېرىكلىرى بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىپ ، جۇڭگونىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.