ئامېرىكىدىكى بىر تۈركۈم پارلامېنت ئەزالىرى ئېلى لىلى ۋە پىفىزېر قاتارلىق بىر قانچە ئامېرىكا بىئولوگىيىلىك دورا شىركىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي ئارمىيىسى بىلەن كلىنىكىلىق سىناقتا ھەمكارلىشىۋاتقانلىقىنى پاش قىلىپ خەت يازغان .
بۇ خەتنى ئاۋام پالاتا ئەزاسى جون مولېنار (R-Mich.) ۋە قۇرۇلتاينىڭ باشقا ئەزالىرى بىرلىشىپ، ئاۋام پالاتاسى تاللاش كومىتېتى FDA كومىسسارى روبېرت كالىفقا يازغان بولۇپ، خەتتە پارلامېنىت ئەزالىرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ، شۇنداقلا بۇ ھەمكارلىق توغرىسىدىكى ئۆزلىرىنىڭ كىشلىك ئەخلاق ۋە بىلىم ھۇقۇقىغا دەخلى- تەرۈز ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
خەتتە ئېلى لىلىنىڭ ئۈچىنچى باسقۇچلۇق TRAILBLAZER-ALZ 5 نىڭ ئالزىمېر كېسەللىكى ۋە پىفىزېرنىڭ جىگەر قان تومۇر راكىغا گىرىپتار بولغان ئىنلىتا (axitinib) تەتقىقاتىنىڭ 2-باسقۇچلۇق تەتقىقاتىنىڭ ھەر ئىككىسىنىڭ ئازادلىق ئارمىيە باشقۇرىدىغان دوختۇرخانىلارغا چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇ تەتقىقاتلارنىڭ بەزى قىسىملىرى خىتاي ئارمىيىسىگە قاراشلىق دوختۇرخانىلاردا ئېلىپ بېرىلغان.
ئۇلار FDA دىن خىتاي ئارمىيىسىگە چېتىشلىق بۇ سىناقلار ۋە نەق مەيداندىكى ئىجرا قىلىش خىزمىتىگە ئائىت ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلغان . FDA چوقۇم 1-ئۆكتەبىرگىچە كومىتېتقا جاۋاب قايتۇرۇشى كېرەك .