شەرقىي تۈركىستان مىللىي ھەرىكىتى (ETNM) خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە مىراسلىرىنى سىستېمىلىق بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى، خەلقئارالىق جەمئىيەت، كىشلىك ھۇقۇق ئورگانلىرى ، شۇنداقلا خەلقئارالىق سىياسىي پائالىيەتچىلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىگە قارشى كەسكىن تەدبىر قوللىنىشى كېرەكلىكى ھەققىدە چاقىرىق قىلىپ بايانات ئېلان قىلغان.
شەرقىي تۈركىستان مىللىي ھەرىكىتىنىڭ ETNM (تۋىتتېر) دا ئېلان قىلغان باياناتىدا ،خىتاي ھۆكۈمىتىنى 16 مىڭدىن ئارتۇق مەسچىتنى چېقىۋەتكەن ۋە باشقا دىنىي سورۇنلارنى قاۋاقخانا ۋە كۇلۇبقا ئايلاندۇرغان دەپ ئەيىبلىگەن. باياناتتا يەنە مۇنداق دېگەن :«خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشلىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ كىملىكىنى يوقىتىش، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىش ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن قوللانغان ئىستراتېگىيى. خىتاي ھۆكۈمىتى تارىخىمىزنى، مەدەنىيەت يىلتىزىمىزنى تۈپتىن يوق قىلىۋىتىش ئۈچۈن 16 مىڭدىن ئارتۇق مەسچىتنى ۋەيران قىلىۋەتتى ، مەسچىتلىرىمىزنى قاۋاقخانىلارغا، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق مۇقەددەس جايلىرىمىزنى بۇلغىدى، نۇرغۇن ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى چېقىۋەتتى»
بۇ تەشكىلات يەنە مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان دۆلەتلەر ، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بارغان بۇ ھەرىكىتىگە سۈكۈتتە تۇرغانلىقىنى ئەيىبلىدى. شۇنداقلا بۇ ئورگانلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بىرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا كۆز يۇمغانلىقىنى ھەتتا خىتاينى قوللاپ باياناتلارنى بەرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ، دۇنيانىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئىتراپ قىلىشقا ۋە ئۇيغۇرلارنى قوللاشقا چاقىرغان.