«ماسكا ئارقىسىدا» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم جۈمە كۈنى ۋىرگىنىيە ئىشتاتىدىكى ئۇيغۇر مەركىزىدە قويۇلغان. فىلىمدە جازا لاگېرىدا ھايات قالغان ئابدۇۋېلى ئايۇپنىڭ سابىق تۈرمە ساقچىسى بىلەن تىركەشكەنلىكى ۋە بۇ ئەھۋالنىڭ ئۇنىڭ ئائىلىسىگە بولغان تەسىرى بايان قىلىنغان. فىلىم تۈگىگەندىن كېيىن ، تاماشىبىنلار بىلەن سوئال-جاۋاب ۋە مۇنازىرە يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن.

ئۇيغۇر ئامېرىكا جەمئىيىتى (UAA) نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، بۇ ھۆججەتلىك فىلىمدە ، خىتاينىڭ تۈرمىسىدە يېتىپ  ھايات قالغان ئابدۇۋېلى ئايۇپنىڭ  باشتىن كەچۈرگەن كەچۈرمىشلىرى تەپسىلىي بايان قىلىنغان بولۇپ ، ئۇ تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن ، گېرمانىيەدە قىيناشقا قاتناشقان سابىق تۈرمە ساقچىسى بىلەن قايتا ئۇچرىشىدۇ ۋە بۇ ۋەقەلەرنىڭ بالىلىرىغا ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرلىرى بايان قىلىنىدۇ.

2023-يىلى رېژىسسور خاۋارد بوستنېس ئىشلىگەن 31 مىنۇتلۇق بۇ فىلىم خەلقئارا كىنو فېستىۋاللىرىدا نۇرغۇن  كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ۋە مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.

بۇ فىلىم كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىشىگە تۈرتكە بولغان.

مەنبە: https://www.devdiscourse.com/article/international/3041029-haunting-documentary-behind-the-mask-explores-uyghur-survivors-struggles