ئۇيغۇر ھوقۇق تەشكىلاتى بولغان شەرقىي تۈركىستان شىۋىتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتى (SUK) يەكشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا خىتاينىڭ  ئۇيغۇرلارغا قىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئەيىبلىگەن.

باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن : ب د ت بالىلار ھوقۇقى ۋە بالىلارنى قوغداش قانۇنى،  «بالىلار ھوقۇقى ئەھدىنامىسى» يەنىلا شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراپ ئازابلىنىپ ياشاۋاتقان بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر بالىسىنىڭ ئاساسىي ھوقۇقىنى قوغدىيالمىدى.

بۇ تەشكىلات باياناتىدا يەنە مۇنداق دېگەن: ««بالىلار ھوقۇقى ئەھدىنامىسى» خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق قانۇنىنىڭ ئۇل تېشى بولۇپ ، دۇنيا مىقياسىدا بالىلارنىڭ ئاساسىي ھوقۇقىنى قوغداشنى مەقسەت قىلىدۇ. ھالبۇكى بۇ قانۇن  خىتاي ئىشغالىيىتى ، مۇستەملىكىسى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئاستىدا ياشاۋاتقان  بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر بالىسى دۇچ كېلىۋاتقان ۋەھشىيلىكلەرگە قارشى ئۆزىنىڭ كۈچىنى كۆرسىتەلمىدى ۋە بۇ قانۇننى ئىجرا قىلىشتىكى  مەغلۇبىيىتىنى  ئاشكارىلىدى ».

باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر بالىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئائىلىسىدىن مەجبۇرى ئايرىۋىتىلىپ ، بالىلار جازا لاگىرلىرىغا قامالدى. ئائىلە مۇھىتىدىن مەھرۇم قالغان بۇ ھىمايىسىز  بالىلار جىسمانىي ۋە پسىخولوگىيىلىك قىيناش ، مەجبۇرىي ئەمگەك ، ئىچكى ئورگانلىرىنى يىغىۋېلىش ، جىنسىي زوراۋانلىق ۋە سىستېمىلىق مېڭە يۇيۇش قاتارلىق ۋاستىلەر ئارقىلىق ئۇلارنىڭ كىشلىك ھۇقۇقى ئېغىر دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرايدۇ . ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە دىنىي كىملىكىنى ئۆچۈرۈپ ، ئۇلارنى سېستىمىلىق تەربىيلەپ ، ئۆزلىرىنىڭ سادىق پۇقرالىرىغا ئايلاندۇرىدۇ ».

باياناتتا يەنە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ ۋەھشىيلىكلەر ئالدىدا سۈكۈت قىلماسلىقىنى،  تېگىشلىك دىپلوماتىك ، ئىقتىسادىي ، قانۇنىي تەدبىرلەر ئارقىلىق بالىلارنىڭ قانۇنىي ھەق – ھۇقۇقىنى قوغداشنى  ۋە بۇ جىنايەتلەرنىڭ سۈرۈشتۈرۈلۈپ ، خىىتايدىن بۇ جىنايەتنى توخىتىش ھەققىدە چاقىرىق قىلىش تەلەپ قىلغان.

مەنبە: https://www.indianarrative.com/world-news/uyghur-rights-organization-bashes-china-for-atrocities-in-xinjiang-159809.html