« 5 ‏-ئىيۇل»نى ھەم ئىپتىخار ھەم ئېچىنىش بىلەن ئەسلەيمىز

بۇنىڭدىن 15 يىل بۇرۇنقى مۇشۇ كۈندە، ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈرۈمچىدە نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن شاۋگۈەندە كالتەكلەپ ئۆلتۈرۈلگەن قېرىنداشلىرىنىڭ ھېساۋىنى سورىدى. ئەلۋەتتە بۇ ئاددىي بىر جاسارەت ئەمەس ئىدى. چۈنكى بىر يىل ئاۋۋالقى ئوليمپىك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ ئىجرائاتى تېخىچە داۋام قىلىۋاتاتتى. دوقمۇش-دوقمۇشتا ساقچى پونكىتلىرى بار ئىدى، كوچىلاردا تانكا-برونىكلار ھەيۋە كۆرسىتىپ مېڭىپ يۈرەتتى. يەنە شۇنىڭدىن بىر يىل ئاۋۋال قەشقەردە، ئاقسۇدا يۈز بەرگەن مىللىي قارشىلىق ھەركەتلىرى سەۋەپلىك، سوتسىز ئۆلۈم ۋە مۇددەتسىز قاماق جازالىرى ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئىدى. مانا مۇشۇنداق تېرور ھاۋاسى ئاستىدىمۇ توپلىنالىغان ، تەشكىللىنەلگەن، جاراڭلىق شۇئارلىرى بىلەن ئۈرۈمچىنى تەۋرىتەلىگەن قەھرىمان قىز-ئوغۇللىرىمىز خىتاينى چۆچۈتتى.
ئۇلارنىڭ قولىدا تۆمۈرنىڭ پۇچىقى يوق ئىدى، تەلەپلىرى شاۋگۈەن ۋەقەسىنى ئادىل بىر تەرەپ قىلىشتىن ئىبارەت تولىمۇ ئاددىي ئىدى. خىتاي نىمىدىن چۆچىدى؟ ئېنىقكى، بۇ نامايىشتا ئىپادىلەنگەن ئۇلاردىكى مىللىي ئاڭ، مىللىي ھىسسىياتتىن چۈچىدى. دەۋرلەردىن توختىماي باستۇرۇپمۇ بۇ مىللەتتىكى مىللىي روھنى سۇندۇرۇپ بوالالمىغانلىقى ئۈچۈن ئالاقزادە بولدى. شۇڭا بىز 5 ‏-ئىيۇل نامايىشىدا ئاكتىپ رول ئالغان گۈلمىرە ئىمىن قاتارلىق بارلىق قەھرىمان قىز-ئوغۇللىرىمزدىكى خىتاينى چۆچۈتكەن بۇ مىللىي روھتىن ئەبەدىي پەخىرلىنىمىز!!!
ئەلۋەتتە دۈشمىنىمىز، نورمال بىر دۈشمەن ئەمەس. نامايىشنى، ئادالەتنى، ھەققانىيەتنى چۈشىنىدىغان بىر كۈچ ئەمەس. شۇڭا نامايىشچىلارنى قانلىق باستۇردى: ماشىنىلىرىغا تارتىپ سۆرەپ بېسىپ قاماقخانىلىرىنى تولدۇردى، بىر قىسىمىنى تار-كوچىلارغا قىستاپ ئوققا تۇتتى، ئۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنلەردە توپ-توپ تۇتقۇن قىلىپ بىر قىسمىنى كەستى، ئىماممەمەت ئەلى قاتارلىق بىر قىسىمىنى ئىز-دېرەكسىز غايىپ قىلدى. بۇ قانلىق ئىجرائات يالغۇز خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ قولى بىلەنلا چەكلەنمىدى، شەھەردىكى خىتاي كۆچمەنلىرى كالتەك-توقماقلىرى بىلەن كوچىغا چىقىپ، ئالدىغا كەلگەن ئۇيغۇرنىڭ جېنىغا خىرىس قىلدى، قەست قىلدى. دېمەك دۈشمەن ئۆز تەبىئىتىنى، پەيلىنى ۋە شۇم نىيىتىنى يەنە بىر قېتىم بىزگە كۆرسىتىپ قويدى. بۇ ۋەھشىيلىكلەرنىڭ قۇربانى بولغان بارلىق قېرىنداشلىرىمىزنى چوڭقۇر ئېچىنىش بىلەن ئەسلەيمىز!!!
سەۋەبى، شۇئارى ۋە نامى نىمە بولۇشىدىن قەتئىنەزەر « 5‏-ئىيۇل»، خىتاي ئىشغالىيىتىدىن كېيىن باشلانغان مىللىي مۇستەقىللىق كۈرەش سەپىرىمىزنىڭ بىر پارچىسىدۇر. بۇ سەپەردە تۆلىگەن ھىچ بىر بەدەلنى ئۇنتۇمايمىز ۋە بۇ سەپەردىكى بارلىق شېھىد ۋە مەھبۇسلىرىمىزغا، ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرىغا ، بۇ خاتىرە كۈندە يەنە بىر رەت ھۆرمەت بىلدۈرىمىز!!!!
ئۇيغۇر مىللىي ھەركىتى رەھبىرى رابىيە قادىر