خىتاينىڭ تەڭرىتاغ خەۋەرلەر تورىنىڭ 21- ئىيۇندىكى خەۋىرىدە، خىتاي جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى قەشقەردىن شياڭگاڭغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ ئىشق كىرىشتۈرۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. خەۋەردە دېيلىشىچە، بۇ قەشقەردىن شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن رايونىغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان تۇنجى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى بولۇپ، قەشقەر بىلەن چوڭ قولتۇق رايۇنىنى تۇتاشتۇرۇشنى تېخىمۇ قولايلاشتۇرۇشنى نىشانلىغان.
خەۋەردە يەنە ئېيتىلىشىچە، بۇ يىلدىن بۇيان، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى قەشقەردىن ئىسلامئابادقا، قەشقەردىن شاڭخەي پۇدۇڭغا، قەشقەردىن جېڭجوۋغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان كۆپلىگەن ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى يېڭىدىن ئاچقان.
خىتاينىڭ 14-بەش يىللىق پىلانىدا «ھاۋادىكى يىپەك يولى» قۇرۇلۇشى ئەڭ مۇھىم خىزمەت پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ يېڭىدىن ئېچىلغان ھاۋا لىنىيەلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غەربكە كېڭىيىش ۋە دۇنياغا ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي خوجا بولۇش پىلانى بولغان «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە «خىتاي چۈشى» نىڭ روياپقا چىقىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقى ئېنىق.
مەنبە: http://uy.ts.cn/system/2024/06/21/036915980.shtml