تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىر خاكان فىدان 4 ‏- ۋە5‏-ئىيۇن كۈنلىرىدىكى ئۈرۈمچى ۋە قەشقەر زىيارەتلكىرى داۋامىدا، ئۇچراشقان ۋە ئۇچراشتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنى باغرىغا باستى، قىزغىن سالاملاشتى؛ سۆيۈندۇق. ئەمما، ئېغىزىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ رېئاللىقىنى توغرا ئەكس ئەتتۈرىدىغان بىر جۈملە سۆز چىقمىدى، ئېچىندۇق.
خاكان فىدان زىيارەت داۋامىدا ئۈرۈمچى شەھەر ئاساسى قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتىغا مەدھىيە ئوقۇپتۇ. ئەلۋەتتە خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى پۈتۈن دۇنياغا ئايان . بىز ئۇيغۇرلارمۇ، بۇ تەرەققىياتنى ھىچقاچان ئىنكار قىلىپ باقمىدۇق. مەسىلە، بۇ تەرەققىياتنىڭ ئۇيغۇرلارغا بايلىق، تېنچلىق ۋە بەخت-سائادەت ئەمەس، بالايى- ئاپەت ئېلىپ كەلگەنلىكى. خىتاي مۇشۇ ئىقتىسادىي كۈچىگە تايىنىپ تۇرۇپ، شەرقى تۈركىستاندا 380 ئورۇندا لاگىر ۋە تۈرمە تەسىس قىلدى، 3 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى بۇ جايغا سولاپ بېسىقتۇرالىدى. خىتاي مۇشۇ ئىقتىسادىي كۈچىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى مەسىلسىدە تۈرك-ئىسلام ئالىمىنىڭ ئېغىزىنى تۇۋاقلىدى.
خاكان فىدان رايوندا ئۇيغۇر تىل ۋە مەدەنىيىتىنىڭ قوغدالغانلىقىنى تىلغا ئاپتۇ. خىتاينىڭ كۈتكۈنى دەل شۇ جۈملە ئىىدى. چۈنكى بۇ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى يوق دېگەن ئىنكارچىلقىنىڭ باشقىچە ئىپادىسى. ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ نۆۋەتتىكى مەۋجۇت قىسمى خىتاينىڭ بۇزغۇنچىلىق ھەركبەتلىرىدىن ئامان قالغانلىرىدۇر. بۇ خىتاينىڭ مەرھىمىتىنىڭ ئەمەس، تىل ۋە مەدەنىيەتنىڭ تەبىىي قوغدۇنۇش خۇسۇسىيتىنىڭ نەتىجىسى. خىتاي بۇ قەدەمىي مەدەنيەتنىڭ مانا مۇشۇ ئامان قىلغان قىسمىنىمۇ يوق قىلىش ئۈچۈن، رايوندا ئاخىرقى چارە سۈپىتىدە، ئىشغالىيەتتىن بۇيانقى باستۇرۇش ھەركەتلىرىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق پەللىسىگە كۆتۈردى.
ئەلۋەتتە خاكان فىداننىڭ كۆك رەڭلىك گالاستۇكىدىن، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى قۇچاقلىشىدىن، ئۇيغۇر بوۋاي-مومايلار بىلەن ئەھۋاللىشىدىن باغرىمىز ئىللىدى.
ئەمما، خاكان فىدان ئۇچراشقان مۇھىتىدىن كېلىۋاتقان سىگنالنى توغرا چۈشىنەلىدىمۇ، بۇنى بىلمەيمىز. مەسىلەن، قەشقەردە ئۇ قولىنى سۆيگەن موماي نىمە ئۈچۈن يىغلايدۇ؟ » مەن ئۈچۈن دۇئا قىلىپ قويۇڭ» دېسە، نىمە ئۈچۈن دۇئا قىلالماي، بېشىنى تۆۋەن سېلىپ تۇرىۋالىدۇ؟ ئەگەر خاكان فىدان ئاشكارىلىنىپ قالغان « شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى»نى بىر ۋاراقلاپ باقسا ، پەقەت دۇئاقىلغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغان مىڭلارچە ئانىلار ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ كۆز ياشلىق رەسىملىرىنى كۆرىدۇ.
2012 ‏-يىلى رەجەپ تايىپ ئەردوغان ئۈرۈمچىدىكى چوڭ بازارنى زىيارەت قىلغاندا، كوچىنىڭ ئىككى تەرپىدە لىق ئۇيغۇرلار بار ئىدى. خاكان فىدان چۆلدەرەپ قالغان چوڭبازارنى ۋە ھېيتگاھنى ئايلىنىۋاتقاندا «قېنى ھېلىقى توپ-توپ ئۇيغۇرلار؟» دىيەلىگەن بولسا ئۈرۈمچىدە ئىگىز بىنا، كاتتا فابرىكىلارنى كۆرگەندە، بۇنىڭ قانچە پىرسەنتى يەرلىك خەلق بولغان ئۇيغۇرلارغا ئائىت ؟» دەپ سورىيالىغان بولسا، باراۋەر ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى زىيارەتنىڭ ھاۋاسىنى ھېس قىلغان بولاتتۇق. خىتاينىڭ دۆلەت پۈتۈنلىكى ۋە ئىگىلىكى ھوقۇقىنى قوللايدىغانلىقىنى يۈكسەك توندا بايان قىلغان خاكان فىداندىن، مۇشۇ پۇرسەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقى ھەققىدە، ئەگىتىپ، پۇرۇتۇپ بولسىمۇ، بىرەر جۈملە گەپ قىلىشىنى كۈتكەن ئىدۇق.
خاكان فىدان خالىي سۆھبەلەردە، بىز ئۈچۈن گەپ قىلغان بولۇشىمۇ مۈمكىن، ئەمما، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى دۇنيانىڭ كۆزى ئالدىدا ئاشكارا ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.
خىتايغا باش ئەگمەي كېلىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنىۋىي بىر يېتەكچىسى ۋە كۈرەشچىسى سۈپىتىدە، خاكان فىدانغا مۇنۇ كۆڭۆل سۆزلىرىمنى سۇنىمەن: خىتاي نازاكەتنى ئاجىزلىق دەپ بىلىدۇ، سىزنىڭ ئايىغىنىڭىزنى قورقۇنچاقلىق دەپ بىلىدۇ.
تۈركىيە بۇ دەرىجىدىكى ئېھتىياتچانلىقى بىلەن دىپلوماتىيەدىلا ئەمەس، سودىدىمۇ تەقەززا بولۇۋاتقان مەنپەئەتكە ئېرىشەلمەيدۇ. قەشقەردىكى موماي، سىزگە دۇئا قىلالمدى، مەن قىلىىمەن :تۈركىيەنىڭ بارلىق مەنپەئەتلىرىنى ئاللاھ قوغدىسۇن!

ئۇيغۇر مىللىي ھەركىتى رەھبىرى رابىيە قادىر