فرانىسيە پرېزدېنتى ماكرون خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنى پارىجزدا قىزغىن كۈتىۋالدى. ماكرون سۆھبەتتە كانياك سودىسىنى ئاساسى تىما قىلغاندىن باشقا، ئۇكرائىنىيە مەسىلسىدە شى جىنپىڭنىڭ مۇرەسسەچىلىك قىلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. شى جىنپىڭ ئۇكرائىنىيە ئۇرۇشىدىكى ئىككى تەرەپنى ئۆزئارا سۆبەتكە دەۋەت قىلدى. دۇنيانىڭ ئەڭ ئەركىن دۆلەتلىرىدىن بىرىنىڭ پرېزندېتى، دۇنيانىڭ ئەڭ دىكتاتور بىر ھۆكۈمدارىدىن تېنچلىق ھەققىدە دەرس ئاڭلىدى. بۇ بىر مەسخىرىلىك ۋە ھاقارەتلىك بىر سەھنىدۇر.
ئەسلىدە شەرقى تۈركىستاندا 3 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى لاگىرغا سولاپ چىرىتىۋاتقان شى جىنپىڭنىڭ تېنچلىق ۋە دىيالوگدىن ئېغىز ئېچىش سالاھىيىتى يوق ئىدى. فرانسىيە پارلامېنتىمۇ 2012 ‏-يىلى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىجرائاتلىرىنى قىرغىنچىلىق دەپ تونىغان ئىدى. ماكروننىڭ شى جىنپىڭنى ئۇكرائىنىيە مەسىلىسىدە ئەلچىلىككە دەۋەت قىلىشى، ماھىيەتتە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىش، خەلقئاارا سەھنىدە ئۇنتۇلدۇرۇش ۋە شى جىنپىڭنى قىرغىنچىلىقنى داۋام قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

خىتاينىڭ ئۇكرائىنىيە مەسىلىسىدە روسىيەنى تېخىچە ئىشغالچى دەپ ئاتىمىغانلىقى، غەرپنىڭ روسىيەگە قارىتا ئىقتىسادىي ئىمبارگولىرىنى رەت قىلغانلىقى ۋە روسىيە بىلەن سودىسىنى 64% ئاشۇرغانلىقى دۇنياغا ئايان بىر رېئاللىق. بۇ دېمەك خىتاي ئۇكرائىنىيە ئۇرۇشىدا تەرەپسىز بىرسى ئەمەس، بۇ ئۇرۇشتىن كاتتا پايدا ئېلىۋاتقان ئۇرۇشنىڭ ئىچىدىكى بىرسىدۇر. ئۇرۇشنىڭ بىر تەرەپدارىدىن ئەلچىلىكنى كۈتۈش ئەقىلسىزلىقتۇر.
ماكرون شى جىنپىڭ بىلەن سۆھبىتىدىكى بۇ ئەقلىي، ئەخلاقىي ئاجىزلىقىنى » دىپلوماتىيە»، «ئىستراتىگىيە»، «دۆلەت مەنپەئەتى دېگەندەك» سۆزلەر بىلەن پەدەزلىشى مۈمكىن. ئەمما سۆھبەتنىڭ شى جىنپىڭنىڭ خورىكى ئۆستۈرگەنلىكى ئەتىسىلا ئاشكارىلاندى. شى جىنپىڭ فرانىيەدىن ئايرىلىپ بېلگرادقا كەلگەندە غەرپكە قارشى ئىنتىقام باناياتى ئېلان قىلدى: 25 يىل بۇرۇن ناتونىڭ خىتاينىڭ بېلگراددىكى ئەلچىخانىسىنى پارتىلاتقانلىقىنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئەلچىخانا ھۇجۇمغا شۇ كۈنلەردىمۇ خىتاي بۇنچىلىك قاتتىق بايانات بېرىشكە جاسارەت قىلالمىغان ئىدى.
خىتاينى تېخىچە چۈشۈنۈپ بولالمايۋاتقان، تېىخىچە ئۇنىڭدىن تېنچلىقتا ئەلچىلىكنى كۈتىۋاتقان ماكرون قاتارلىق دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ سەمىگە شۇنى سالماقچىمەن:
خىتاي سوقۇشىۋاتقان ئىككى قوشنىسىنى ئەپلەشتۈرمەيدۇ، ئۇلارنىڭ ئۇرۇشىنى تاماشا قىلىدۇ، بىرى ئۆلۈپ، يەنە بىر ئاجىزلىغاندا، ئەنە شۇ ئاجىزلىغانغا ھۇجۇم قىلىدۇ. بۇ مېنىڭ سۆزلىرىم ئەمەس، خىتاينىڭ » سۈنزى بىڭفا» دەپ ئاتىلىدىغان ھەربىي دەستۇرىدىكى كۆرسەتمىلەر. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۈگۈن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي بۇ جىنايىتىنى يوشۇرۇش ۋە ئۇنتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، دۇنيادا يەنە ئاز دېگەندە 10 يەردە ئۇزۇرۇش بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ.
ماكرون كانياكنى ئىنسان ھاياتىدىن ئۈستۈن تۇتتى، فرانسىيە خەلقىنىڭ مەدەنىيىتىگە ۋە ئىرادىسىگە خىلاپ ئىش قىلدى. ئىشىنىمەنكى، فرانسيە خەلقى ماكروندىن بۇ قىلمىشىنىڭ ھېسابىنى ئالىدۇ.
ئۇيغۇر مىللىي ھەركىتى رەھبىرى، رابىيە قادىر