قاتىل  ۋە  مۇناپىق شېرىكلىكى روھىمىزنى سۇندۇرالمايدۇ

                                       رابىيە قادىر

 خىتاي دۆلىتى 9 ‏-يانۋاردىن 11 ‏-يانۋارغىچە  » دۇنيا مۇسۇلمان جەمىيەتلەر كېڭىشى»نى شەرقى تۈركىستاندا زىيارەت قىلدۇردى. مەقسەتلىرى  سىر ئەمەس: خەلقئاارا سەھنىدە ، داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى دۇنيادىن يوشۇرۇش.

  ئىشىنىمىزكى، خەلقاارا جامائەت ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى تونۇپ يېتىپ بولدى، گەر پوزىتسىيە بىلدۈرمەيۋاتقانلار بولسا، بۇ بىلمىگەنلىكتىن ئەمەس، جاسارەتسىزلىكتىن ياكى خىتايغا مۇھتاجلىقتىندۇر.

  شۇڭا، خىتاينىڭ ئىسلام دۇنياىسدىكى بۇنداق بىر قىسىم مەنپەئەت گۇرۇپلىرىنى خەلقاارا سەھنىدە ئويۇنغا سېلىشى، بىر تەرەپتىن ئۆزلىرىنى ئاقلاشتىكى  ئاجىزلىقىنى كۆرسەتسە، يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ سەھنىدە رول ئېلىۋاتقان شۇ مەنپەئەت گۇرۇپلىرىنىڭ رەزىللىكىنى  كۆرسىتىدۇ.

  ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل تەكشۈرۈپ باقماقچى بولغانلار، يالغۇز قاتىل گۇماندارىنىڭ بايانلىرىغىلا ئەمەس، زىيانكەشىككە ئۇچرىغۇچى تەرەپنىڭ ئەركىن پىكىر قىلىش ئىمكانى بولغان ۋەكىللىرىنىڭمۇ بايانلىرىغا قۇلاق سېلىش كېرەك.  قاتىل گۇماندارىنىڭ دوكىلاتىنىلا ئەمەس،   ب د ت نىڭ ئۇيغۇر دوكىلاتى، ئۇيغۇر سوتىنىڭ ھۆكۈمى، خىتاينىڭ ئاشكارىلانغان مەخپىي ھۆججەتلىرى چوقۇم بىر كۆزدىن كەچۈرۈش كېرەك. بۇنى قىلمىغانلارنىڭ، قىرغىنچىلىقنى تەكشۈرۈش ئەمەس، ئۇنى پەدەزلەشكە، تېخىمۇ توغرىسى قىرغىنچىلىققا شېرىكلىشىشكە بارغانلىقى ئېنىق.

  . شۇڭا  بىزنىڭ، نام-شەرىپى ئېنىق بولمىغان، دىكتاتور ھاكىمىيەلەرنىڭ قانىتى ئاستىدا تەرلاۋاتقان ،  تېرور دۆلىتى خىتاي بىلەن ئېغىز-بۇرۇن يالىشىپ ئۆتۈۋاتقان ھەرقانداق بىر » ئۆلىما»،  » ئاممىۋىي تەشكىلات » ۋە  » دىنىي ئۆلىمالارنىڭ «كۆڭۈل بۆلىشى»گە ئېھتىياجىمىز يوق.

 بۇ نۆۋەت ، شەرقى تۈركىستاننى زىيارەت قىلىش جەريانىدا  لاگىردا  يېتىۋاتقان 3 مىليون ئۇيغۇر ھەققىدە بىر ئېغىز گەپ قىلمىغان، چېقىلغان مەسچىلەرگە كۆز يۇمغان، كۆيۈدۈرلگەن قۇرئان ۋە جاينامازلارغا پەرۋا قىلمىغان ، پەقەت ، خىتاي تەييارلىغان سەھنىنى كۆرۈپ، خىتاي يېزىپ بەرگەن باياناتنى ئوقۇپ تۇرۇپ   ئۆزىنى» دۇنيا مۇسۇلمان جەمىيەتلىرى كېڭىشى» ئاتىۋالغانلارنى ئۆلۈما ۋە  مۇسۇلمان دەپ تونۇمايمىز، دىنىمىزنىڭ ھۆكمى بويىچە ئۇلارنى  مۇناپىقلار دەپ قارايمىز . مەزكۇر ئۆمەكنى ئاممىۋىتي تەشكىلات ئەمەس قاتىل شېرىكلىرى دەپ  تونۇيمىز. بىز مۇناپىقلارغا دەردىمىزنى ئېيتمايمىز ۋە ئۇلاردىن شاپائەت كۈتمەيمىز.  بۇ نومۇسسىز زىيارىتى بىلەن ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ يۈزىنى تۆككەن بۇ ئاتالمىش مۇسۇلمانلار كېڭىشىنىڭ جازاسىنى ئۇ دۇنيادا ئاللاھ، بۇ دۇنيادا ئىنسانلىق ئالىمىنىڭ بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

  خىتاينىڭ بۇ خىل زىيارەتلەرنى تەشكىللىشىدىكى يەنە بىر مەقسەت، خەلقىمىزنى خەلئاقارا جامائەتتىن ، بولۇپمۇ ، مۇسۇلمانلاردىن  ئۈمىدسىزلەندۈرۈش ، بۇ ئارقىلىق، ئېتىقادىنى سۇسلاشتۇرۇپ مەدەنىيەت جەھەتتىن خىتايلاشتۇرۇش، سىياسىي جەھەتتىن مۇستەقىللىق ئىرادىسىنى سۇندۇرۇپ ، راھىغا  قۇللۇقنى سىڭدۈرۈش.

 شۇنىمۇ ئىپتىخار بىلەن دىيەلەيمىزكى، بۇ خىل ساتقۇن زىيارەتلەر خەلقىمىزنىڭ ئېتىقادىنى تەۋرىتەلمەيدۇ؛ ئەكسىنچە خەقلىمىز ،  ئۆزلىرىنىڭ دىىني ئەقىدىسىنىڭ نە قەدەر ساپ ۋە توغرا ئىكەنلىكىنى چۈشىنىدۇ؛  تۈرمىدىكى دىنىي ئۆلىما ۋە تالىپلارنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغ ئىنسانلار ئىكەنلىكىنى  تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يېتىدۇ.

  6 يىلدىن بېرى ئىسكەنجە ماشىنىسى ئورنىدا ئىشلەۋاتقان لاگىر ۋە تۈرمىلەر گەرچە زور بىر تۈركۈم كىشىلىرىمىزنىڭ جېنىغا زامىن بولۇۋاتقان بولسىمۇ، ئامان قالغانلىرىغا، مىللىي دۆلەتنىڭ، مىللىي مۇستەقىللىقنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقمىز ئۈچۈن شەرت ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇتقىنىدەك، نۇ ساتقىن زىيارەتلەرمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئاارا سەھنىدە  دوست-دۈشمەننى ئايرىشىغا، ئاڭكۆڭۈل مۇسۇلمان جامائىتى بىلەن دىكاتور بيۇروكراتلارنى  ۋە ئۇلارنىڭ گۇماشتىلىرىنى پەرقلەندۈرۈشنى ،   خەلقاارا مۇناسىۋەتلەردە ئوبيېكتىپ  بولۇشنى ئۆگىتىدۇ؛  نەتىجىدە، سىياسىي تەقدىرىنى ھەل قىلىشتا ئۆز كۈچىگە تايىنىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونىتىدۇ.

 خىتاي ئۆزىنىڭ بۇ  بىر مەيدان ئويۇنىدىن-مۇسۇلمان ئۆلىمالىرىنى بىزگە قارشى سۆزلىتەلىگىنىدىن پەخىرلىنىشى، ئىرقىي قىرغىنچلىقى يولىنى تېخىمۇ كېڭەيتكەنلىكىنى  پەرەز قىلىشى  مۈمكىن.

  خىتاي  ئۇنتۇماسلىقى كېرەككى،  بىز-ئۇيغۇرلار-، شەرەپلىك سىياسىي ۋە مەدەنىيەت تارخى بولغان قەدىمىي  بىر مىللەتمىز، 21 ‏-ئەسىردە ياشاۋاتىمىز. خىتاي بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئارقىلىق  مىللىتىمىزنىڭ نوپۇسىنى  ئازايتىشى، باش كۆتۈرۈشىنى قېيىنلاشتۇرۇشى، تەرەققىايتىنى ئاستىلىتىشى مۈمكىن، ئەمما يەر شارىدىن يوق قىلىۋېتەلمەيدۇ.

 بىز يەنە تارىختىكى مۇستەقىل دۆلىتىمىزنى ئەسلىگە كەلتۈرىمىز، سەددىچىننىڭ سىرتىدا يەنە  قەددىمىزنى تىك تۇتۇپ ياشايمىز.

 شۇڭا مەن  خىتاي  تەرەپنى بۇ خىل ساختىپەزلىكلەر بىلەن ئۆزىنى ۋە دوستلىرىنى  رەسۋا قىلماسلىققا؛ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى مەغلۇبىيەتلىرىنى ئېتىراپ قىلىشقا ۋە  ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختۇتۇشنىڭ بىرىنجى قەدىمى  سۈپىتىدە  لاگىر ۋە تۈرمىلەردىكى ئۇيغۇرلارنى  دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىرىمەن.