خەلقئاارادىكى ئۇيغۇر دوستلىرىغا چاقىرىق
ھۆرمەتلىك ئەپەندىم خانىم
خىتاي شەرقى تۈركىستاندا  بىر ئايدىن بېرى يولغا قويغان قامال تۈزۈمى،  ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن ھالسىرىغان خەلقىمىزگە يەنە بكىر دەرت قاتتى، ئۇ بولسىمۇ ئاچارچىلىق.
ئىجدىمائىي تاراتقۇلاردا ئىككى ھەپتىدىن بۇيان چىقىۋاتقان ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولىشىچە، شەرقى تۈركىستاننىڭ ئىلى ۋىلايىتىدە، بىر تۈركۈم ئاھالىلەر ئاچلىق كرىسىسىغا دۇچ كەلگەن.
بۇ كرىسىز، ياشانغانلارنىڭ ۋە سالامەتلىكىدە مەسىلە بارلار كىشىلەرنىڭلا ئەمەس، ئۆسمۈر بالىلارنىڭمۇ ھاياتىغا تەھدىت شەكىللەندۈرگەن.
رايوندىكى ئىجدىمائىي ئاخباراتلاردا 2017 ‏-يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنىڭ ئاساسەن ئۆچكەنلىكى ۋە سىمۋوللۇق شەكىلدە نارازىلىقلارنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقى كۆزدە تۇتۇلسا نۆۋەتتىكى ئىنكاسلار سانى ۋە مەزمۇنى بىلەن رايوندىكى ۋەزىيەتنىڭ خەتىرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ.
ئەمما خىتاي ئاخباراتىدىمۇ، خىتاي ھۆججەت ئۇقتۇرۇشلىرىدىمۇ، بۇ مەسىلىگە كۆڭۆل بۆلۈۋاتقان بىر يۈزلىنىش يوق.
بىزنىڭ ئەندىشىمىز شۇ:
خىتاي يەنە بۇرۇنقىدەكلا، ئۆز ئوبرازىنى قوغداش ئۈچۈن «پۇقرالىرى»نىڭ  ئامانلىقىنى خەتەرگە ئىتتىرىۋاتامدۇ؟ ياكى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھايات-ماماتلىق كۈرەش دەپ قارىغىنى ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆلۈمى ئۇلارنىڭ دىققەت ۋە قىززىقىشىنى قوزغىيالمايۋاتمادۇ ۋە ياكى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىش ۋە كۆلىمىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، بۇ ئاچارچىلىققا كۆز يۇمۇۋاتامدۇ ۋە ياكى قەستەن شەكىللەندۈرىۋاتامدۇ؟
سەۋەپ نىمە بولۇشىدىن قەتئىنەزەر،  ھەر بىر ئائىلىدە 2-1 ئەازسى تۈرمە لاگىردا بولغان ئۇيغۇر جەمىيىتى ئۈچۈن مۇددىتى 30 كۇندىن ئاشقان قامال تۈزۈمى ھەقىقەتەن ئاقىۋەتلىرى ئېغىر بولغان زىييان-زەخمەتلىك بىر ئىجرائاتتۇر.
بىزنىڭ  – ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتىن چارچىغان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر- بۇ ئەھۋالنى كىمگە قانداق ئاڭلىتىشتا بېشىمىز قېتىپ تۇرۇپتۇ.
بۇ پۇرسەتتە،  ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ يېقىن دوستلىرى  بولغان سىزلەرگە يەنە ھاجىتىمىز چۈشتى. تەلىۋىمىز،
مۈمكىن بولسا،  ھۆكۈمىتىڭىزگە بىر تەكلىپ سۇنۇپ ياكى خەلقااراغا بىر بايانات بېرىپ ، ھىچ بولمىدى دېگەندە دوستلىرىڭىزغا بىر تۋىت يوللاپ ، خەلقىمىزنىڭ بۇ دەردىنىڭ  دۇنياغا ئاڭلىنىشىغا  ياردەمچى بولسىڭىز. بۇ ئاۋاز، خىتاينى ھۇشىنى تېپىشقا، شەرقى تۈركىستندا، بۇ ئاپە ت خارەكتىرلىك قامالنىڭ ئاخىرلىشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ دەپ ئۈمىد قىلىمىز.
ئۇيغۇر مىللىي ھەركىتى رەھبىرى رابىيە قادىر