رابىيە قادىر ، كۆك بايراق
خىتاي ب د ت كېچىكىپ ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلار توغرۇلۇق دوكىلاتتىكى خۇلاسە ۋە تەكلىپلەرنى يەنە رەت قىلدى. ئەسلىدە بىلسە، بۇ دوكىلات خىتاينىڭ ئۆز جىنايىتىنىڭ سالمىقى ۋە خەتىرىنى تونۇش ئۈچۈن بىر پۇرسەت ئىدى. چۈنكى ئىنسانىيەكە قارشى جىنايەتنىڭ قۇربانلىرى، بۇ جىنايەتنىڭ ئوبيېكتىلا ئەمەس، سوبيېكتى ۋە تاماشىبىنلىرىدۇر.
خىتاي ، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى مەسىلىسدە ، 3 ‏-دۇنيا ئەللىرىنىڭ ئېغىزىنى «زىيارەت» ۋە تەشۋىقاتلار بىلەن؛ غەرپ ئەللىرىنىڭ ئېغىزىنى تىجارەت بىلەن تۇۋاقلىماقچى. خىتاي بۇ نۇقتىدا ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي كۈچىنىڭ رولىنى بەك چوڭ، ئىنسانىيەتنىڭ ئەخلاقىي سەۋىيەسىنى بەك كىچىك چاغلاپ قالدى. خىتاي ئۇنتۇماسلىقى كېرەككى، ئۇنىڭغا زور كۈچ ئاتا قىلغان زامانىۋىي پەن-تېخنىكا ئىنسانلىق ئالىمىگىمۇ بىر نەرسىلەرنى ئاتا قىلدى؛ ئۇ بولسىمۇ توقلۇق، شەرەپ ۋە ئادالەت تۇيغۇسى. خىتاينىڭ شۇنچە چوڭ توسقۇنلۇقىغا قارىماي، ئۇيغۇر دوكىلاتىنىڭ ئېلان قىلىنىشى، ئىنسانىيەتتىكى ئەنە شۇ ئادالەت تۇيغۇسىنىڭ بىر مىۋىسى.
خىتاي ئالىي كومىسار باچېلېت خانىمنى » دۆلتىمىزنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتىگە ھەۋەس قىلدى» دەپ يازغان ئىدى. شۇنداق، خىتايغا ھېرىسمەن باچېلېتمۇ، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى مەسىلسىدە ئاخىرغىچە خىتاي تەرەپتە تۇرۇشقا بەرداشلىق بېرەلمىدى. بۇ، خىتاي ئۆتكۈزگەن جىنايەتنىڭ قورقۇنۇچلۇقلا ئەمەس يىرگىنىشلىك ئىكەنلىكىنىڭ بىر نەتىجىسى. خىتاي ئۇنتۇماسلىقى كېرەككى، دوكىلاتتا دىيىلگەنلەر، ئومۇمى قىرغىنچىلىقىنىڭ كىچىككىنە بىر پارچىسى.
بىز شۇنى بىلىپ تۇرۇپ تىمىز: خىتاي لاگىردى 3 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى يەنە بەش يىل تۇتۇپ تۇرۇش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى لاگىردا چىرىتىپ تۈگەتمەكچى، قالغىنىنى بولسا، ئۆمىد ۋە جاسارەتتىن مەھرۇم تىرىك جەسەتلەرگە ئايالندۇرماقچى.5 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر پەرزەنىتىنى يەنە 5 يىل يېتىم قالدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى ئۆلتۈرمەكچى.
شۇنچە قاتتىق ئاخبارات چەكلىمىسى ۋە دۆلەت مەخپىيەتلىكى تەھدىتلىرىگە قارىماي، لاگىردىن ئۆلۈم ۋە كېسەل خەۋەرلىرى توختىماي چىقىۋاتىدۇ. بىز ھازىرغىچە بولغان 6 يىلدا زور ساندا تۇتقۇننىڭ جان ئۈزۈپ بولغانلىقىنى تەخمىن قىلىمىز. بۇ ساننىڭ ئاشكارىلانمىغانلىقى، جىنايەتنىڭ ئۇنتۇلۇپ كەتكەنلىكىدىن بىشارەت بەرمەيدۇ. لاگىرلار تاقالمىغىچە، بۇ ئۆلۈملەر سانى تېخىمۇ كۆپىيىدۇ، خىتاينىڭ جىنايى جاۋاپكارلىقى تېخىمۇ ئاشىدۇ، جىنايەت يولىدىن كەينىگە چېكىنىشى تېخىمۇ قېيىنلىشىدۇ.
خىتاي ، بۇ دوكىلاتتىن دەرس ئېلىپ، جىنايىتىنى قانچە بالدۇر توختاتسا، بۇ ئۇيغۇر ئۈچۈنلا ئەمەس، خىتاي ئۆزى ئۈچۈنمۇ، ئىنسانىيەت ئۈچۈنمۇ پايدىلىقتۇر.
بىز شۇنى بىلىمىزكى، خىتاي كومپارتىەسى خىتاي خەلقىنىڭ ۋەكىللىرى ئەمەس، شۇڭا شۇنى ئۆمىد ۋە تەخمىن قىلىمىزكى، شەرقى تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭمۇ ۋىجدانى بەلكىم ئازاپتا؛ خىتاي ساقچى ۋە كادىرلىرىمۇ، ئۆزلىرىنىڭ جىنايەتكە شېرىك بولۇپ قېلىۋاتقىنىدىن بىئارام؛ خىتاي ئۆسمۈرلىرىمۇ چوقۇم، ئۇيغۇر ساۋاقداشلىرىنىڭ چېھرىدىن بىلىنىپ تۇرىۋاتقان ئائىلە پاجىئەلىرى سەۋەپلىك، بۇ ئىرقىي قىرغىنچلىقىنىڭ بەدىلىنى كەلگۈسىدە ئۆزلىرى تۆلەپ قېلىش ئېھتىمالىدىن ئەندىشىدە. ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھىچكىمگە ئارامچىلىق ئاتا قىلالمايدۇ.
خىتاي ئۇيغۇر دوكىلاتىنى توسۇپ قالالمىغانللىقىنىڭ ئۆزىدىن بىلىشى كېرەك: تەشۋىقاتچىلىق خىتايدىلا بازار تاپالايدۇ، خەلقاارادا ئەمەس؛ قولى قانلىق بىر دۆلەت دۇنياغا خوجا بولالمايدۇ. خەلقئاارا جامائەت بۇنىڭغا يول قويغۇدەك دەرىجىدە ئەخمەق ۋە بىپەرۋا ئەمەس. ئۇيغۇر دوكىلاتىنىڭ ئېلان قىلىنىشى، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنىڭ ھېساپسىز قالمايدىغانلىقىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى بىر سىگنالى.
شۇڭا بىز خىتاي تەرەپنى، ئۆزىنىڭ دۆلەت بىختەرلىكى ۋە پۈتۈنلىكىنى ئۇيغۇرلارنى يەر شارىدىن يوقىتىۋېتىش يولى بىلەن ساقلىماقچى بولۇشتەك خام خىيالىدىن ۋاز كېچىشكە ۋە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى دەرھال تاختىتىشقا چاقىرىمىز.