خىياي ھەر ۋاقتتىكىدەك، بۇ قېتىم ب د ت ئېلان قىلغان ئۇيغۇر دوكىلاتىغىمۇ قارشى چىقتى. بىلسە، بۇ دوكىلات ، خىتاي ئۈچۈن بىر زەربە ئەمەس، جىنايىتىنىڭ سالمىقىنى تونۇشى ۋە ئۆزىگە كېلىدىغان زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن چوڭ بىر پۇرسەت. چۈنكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنىڭ قۇربانلىرى يالغۇز جىنايەتنىڭ ئوبيېكتىلا ئەمەس، سوبيېكتى ھەم شاھىتلىرىدۇر. بۈگۈن دۇنيا، خىتاينى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۈتكۈزدى دەپ ئەيپلىيەلىگەن بولسا، ئەتە بۇ جىنايەتنىڭ جازاسىنى بېرىشكىمۇ چۇقۇم قۇدرىتى يېتىدۇ.
ئىجدىمائىي تاراتقۇلاردىن كۆرۈپ تۇرىۋاتىمىز، ھەر كۈنى دېگۈدەك، لاگىردىن كېسەلچان چىققان بىمار ۋە جەسەتلەرنىڭ ئۇچۇرلىرى كېلىۋاتىدۇ. بۇ چىقىۋاتقانلار ، خىتاينىڭ قاتتىق ئاخبارات چەكلىمىسى، دۈلەت مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش ھەققىدىكى تەھدىتلىرى ئاستىدا پاش بولغانلار. لاگىر ۋە تۈرمىنىڭ شەرت-شارائىت ۋە قېيىن-قستاقلىرىنى، ئېغىر ئەمگەكلىرىنى بىر چەتكە قويۇپ تۇرايلى، 3 مىليون كىشى 6 يىل بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىغا سولاپ قويۇلسىمۇ- ئىللىق ئائىلىسىدىن، نورمال ھاياتتىن مەھرۇم قالدۇرۇلغىنى ئۈچۈن- كېسەللىنىشكە ۋە ئاخىرىدا ئۆلۈمگە مەھكۇمدۇر. شۇڭا 6يىللىق قاماقنىڭ يۈزمىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ جېنىغا زامىن بولغىنىنى ، شەخسەن مەن، شۇ خىتاينىڭ تۈرمە ھاياتىنى باشتىن كەچۈرگەن بىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن پەرەز قىلالايمەن. بۇ ساننىڭ ئاشكارىلانمىغىنى، بۇ جىنايەتنىڭ يۇيۇلۇپ كەتكىنى ئەمەس. خىتاي لاگىر ۋە تۈرمىلەردىكىنى قويۇپ بەرمىگىچە، بۇ سان ئاشىدۇ، بۇ ئاشقانسېرى خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئارىسىدىكى تارىخىي دۈشمەنلىك تېخىمۇ چوڭقۇرلايدۇ، خىتاينىڭ جاۋاپكارلىقى يۈكسىلىدۇ؛ جىنايەت يولىدىن ئارقىغا يېنىشى تېخىمۇ قېينلىشىدۇ.
بىلىمىز، خىتاي دائىرىلىرى، لاگىر ۋە تۈرمىلەردە تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى يەنە بەش يىل تۇتۇپ تۇرۇش ئارقىلىق، ئۇنىڭ تەڭدىن تولىسىنى تۈرمىدە چىرىتىپ تۈگەتمەكچى، قالغان قىسمىنى ئۈمىد ۋە جاسارەتتىن مەھرۇم تىرىك جەسەتكە ئايلاندۇرماقچى. ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنى 10 نەچچە يىل پارچىلانغان ھالەتتە تۇتۇپ تۇرۇش ئارقىلىق، ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى بەش مىليوندىن ئارتۇق نارەسىدە پەرزەنتىنى مىللىي كىملىكتىن مەھرۇم قىلماقچى.
ئىشىنىمەنكى خىتاي كومپارتىيەسى خىتاي مىللىتىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ، تەخمىن ۋە ئۈمىد قىلىمەنكى، كۆز ئالدىدىكى پاجىئەلەر سەۋەپلىك شەرقى تۈركىستاندا ياشاۋاتقان مىليونلارچە خىتاي كۆچمەننىڭ مۇتلەق كۈپ قىسمىنىڭ ۋىجدانى ئازاپتا؛ كادىر ۋە ساقچىلىرىنىڭ قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە شېرىك بولۇپ قېلىۋاتقىندىن بىئارام؛ ھەتتا مەكتەپلەردە ئۇيغۇر ساۋاقداشلىرىنىڭ يۈزلىرىدىن ئائىلىسىنىڭ پاجىئەىسنى كۆرۈپ تۇرىۋاتقان خىتاي ئۆسمۈرلىرىمۇ، بۇ جىنايەتنىڭ تالونىنىڭ كەلگۈسىدە ئۆزلىرىگە كېسىلىشىدىن ئەندىشە ئىچىدە. ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ھىچكىمگە پايدا ياكى ئارامچىلىق ئېلىپ كەلمەيدۇ.
خىتاينىڭ شۇنچە توسقۇنىغا قارىماي، ئۇيغۇر دوكىلاتىنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ ئۆزى، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنىڭ ھېساپسىز قالمايدىغانلىقىنىڭ دەسلەپكى بىر سىگنالى.
شۇڭا مەن خىتاي دائىرىلىرىنى دۇنيادا قولى قان بىر دۆلەتنىڭ ئۇلۇغ دۆلەت بولالمايدىغانلىقىنى تونۇشقا، ئۆز خەلقىنىڭ ۋە كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي مەنپئەئەتلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىدىن ۋاز كېچىشكە چاقىرىمەن.
ئۇيغۇر مىللىي ھەركىتى رەھبىرى، رابىيە قادىر