پراففىسور تومويا ئوبوكاتا ئەپەندى  ب د ت غا يوللىغان دوكىلاتىدا   ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكىنىڭ قۇللۇققا ياتىدىغانلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندىرىدىغالىقىنى مەلۇم قىلدى. بۇ بىر ئىلمىي ئەمگەكنىڭ، كەسپىي تىرىشچانلىقنىڭ مىۋىسى بولۇپلا قالماستىن، مۈشكۈلات ۋە تەھىتلەرگە باش ئەگەمەسلىك ۋە ئۇنىڭغا  جەڭ ئېلان قىلىشتەك بىر ھەقىقەتچىلىكنىڭ مىۋىسىدۇر.

   كۆردۇقكى، ب د ت مۇتەخەسىسى   ئالىنا دوخەن  خانىم، 200 مىڭ دوللار پۇل ئۈچۈن، ئۇيغۇر مەسىلىسىدە  خىتاينىڭ تەشۋىقات سەھنىسىدە رول ئالدى؛ كىشىلىك ھوقۇق كومىسيونىنىڭ ئالى كومىسارى  بولغان  مىشەل باچېلېتمۇ  شەرقى تۈركىستاننى زىيارىتى داۋامىدا خىتاينىڭ سىزىقىدىن چىقالمىدى. ھەتتا، خىتاي تەرەپ ، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى بۇرمىلاپ خەۋەر قىلسىمۇ،  بۇ پرىنسىپال خاتالىقىنى  تۈزۈتۈشكە جاسارەت قىلمىدى. چۈنكى خىتاي قۇدرەتلىك بىر دۆلەت، ئۇ  ئۆز نوپۇزىنى  ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تەدبىرچىلىكتە ۋاستە تاللىمايدۇ. ھەر خىل يوللار بىلەن ھەقنى سۆزلىگۈچىلەرنى ئالدايدۇ، ئازدۇرىدۇ ۋە ياكى قورقىتىدۇ.  باچېلېتنىڭ چارىسىزلىقى بىلەن ۋە ئالىنا دوخەن خانىمنىڭ پارىخورلۇقى، ئۇشتۇمتۇت بولغان ئەمەس، خىتاي تەرەپنىڭ  ئەنە شۇ مېتودلىرىنىڭ  نەتجىسىدۇر.

    50 يىل خىتاي ھاكىمىيىتى ئاستىدا ياشىغان، خىتاي ھاكىمىيەت قاتلىمىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن، خىتاي دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ فونكىتسىيەسىنىڭ قانداق ئىشلەيدىغانلىقىنى بىلىدىغان بىر شەخىس سۈپىتىدە تەخمىن قىلىمەنكى، تومويا ئوباكاتۇ ئەپەندىمۇ، بۇ دوكىلاتىنى ھازىرلاش ۋە ئېلان قىلىشنىڭ ئالدى كەينىدە، چوقۇم خىتاي تەرەپنىڭ ھەر خىل شەكىلدىكى » كۆڭۈل بۆلۈشلىرى»دىن ، » تەكلىپ ۋە تەۋسىيە»لىرىدىن خالىي بولالمىدى. خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن  چارشەنبە كۈنى تومويا ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكى ھەققىدىكى خۇلاىسىسىنى رەت  قىلدى ۋە «خىتايغا قارشى كۈچلەرگە يان باستى» دەپ ئەيىپلىدى.  ئەلۋەتتە، رەزىل كۈچلەر، دۇنياغا رەزىللىلەر كۆزئەينىكى بىلەن قارايدۇ ۋە شۇ بويىچە ھەركەت قىلىدۇ، شۇڭا دىيەلەيمىزكى، تويومانىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكىنى شەكلى ئۆزگەرگەن  قۇل ئەمگىكى دەپ ئېلان قىلىشى، ئۇنىڭ ھەقىقەت ئۈچۈن كۈرىشىنىڭ باشلانغۇچىدۇر.

  يەنە شۇنىڭغىمۇ شاھىد بولدۇق،  خىتاينىڭ تەكلىپى بىلەن  ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى تەكشۈرۈشكە بارغان تەتقىقاتچى ئولسى يازىچى، زىيارەتتىن كېيىن دۇنياغا ھەقنى ئاشاكرىلىغانلىقى ئۈچۈن ،  خىتاينىڭ قول تىقىشى  بىلەن ئالبانىيەدىكى خىزمەت ئورنىدىن ئايرىلىپ قالدى؛ ۋاسكىتبول چولپانى ئەنەس كارتەر ، پۇتبول چولپانى  مەسئۇت ئۆزئىلمۇ   ئۇيغۇر مەسىلىسىدە مەزلۇمغا يان باسقىنى ئۈچۈن ، خىتاي تەھدىتى بىلەن  توپ ساھەسىدىن ئۇزاقلاشتى.

 شۇڭا، پراففېسور تومويا ئوبوكاتانىڭ ، ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە ھەقنى سۆزلىشى  ئاڭلىق ھالدا  بىر مەيدان خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشتۇر. ئۇنىڭ دوكىلاتىدىكى توغرا خۇلاسە،  كەسپىي ئىقتىدارنىڭلا كۈچى ئەمەس ، بەلكى، جاسارەتنىڭ؛  ئىنسانىي مەسئۇلىيىتىنى تونۇش ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشتىن ئىبارەت ئىنسانىي پەزىلەتنىڭ كۈچىدۇر.

 شۇڭا،  بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، پراففىسور  تومويا ئوبوكاتا ئەپەندىگە، ئۇنىڭ خىزمەت ئورنى بولغان  كىل  ئونۋېرسىتىغا، مەزلۇم ئۇيغۇر خەلقى نامىدىن  ئالاھىدە رەخمىتىمنى بىلدۈرىمەن.  

ئۇيغۇر مىللىي ھەركىتى رەھبىرى رابىيە قادىر