شىنزۇ ئابى مەزلۇمنىڭ دوستى، ئادالەتسىزلىكنىڭ دۈشمىنى ئىدى 
   ياپونىيېەنىڭ سابىق باش ۋەىزىرى شىنزى ئابىنىڭ ئۇشتۇمتۇم ۋە ئېچىنىشلىق  ئۆلۈم  خەۋىرىدىن مەن ۋە ئائىلەم قاتتىق قايغۇردۇق. 
     شىنزۇ ئابى ياپونىيەنى 10 نەچچە قېتىم زىيارەت قىلىشىمغا ، 30 نەچچە شەھەردە 100 مەيداندىن ئارتۇق نۇتۇق سۆزلىشىمگە پۇرسەت ۋە ئىلھام بەرگەن بىر رەھبەر ئىدى. شىنزۇ ئابى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلىكىنى، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ئاشاكارا شەكىلدە باشلىنىشتىن خېلى بېرۇنلا  ھېس قىلالىغان ۋە قىرغىنچىلىقنىڭ يۈز بېرىشىنى ئالدىن پەرەز قىلالىغان ئۆتكۈر بىر دۆلەت ئەربابى ئىدى؛ يەنى 2008 ‏-يىلى سابىق خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان؛ ئۇ چاغ،  ئۇيغۇر ۋەزىيىتى خەلقئاارادا بۈگۈنكىچىلىكمۇ بىلىنمىگەن مەزگىللەر ئىدى.  ئۇ يەنە 2019 ‏-يىلى قانخور شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندىمۇ ئۇيغۇر ۋبزىيىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان؛ بۇ چاغلار شى جىنپىڭ ھەددىنى بىلمەيۋاتقان، ئۆزىنى دۇنيادا تەڭداشسىز ھېس قىلىۋاتقان مەزگىل  ئىدى. 

  شىنزۇ ئابىنىڭ قوللىشى بىلەن ياپونىيە شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىق داۋاسىنىڭ چەتئەلدىكى مۇھىم بازىلىرىدىن بىرىگە، شىنزۇ ئابى ئۆزى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ يېقىن  دوستىغا ئايلانغان ئىدى. دۇنيادىكى ئەڭ  مەزلۇم بىر مىللەتنىڭ داۋاسىغا ئىگە چىقىش بىر دۆلەت رەھبىرىدىن كۈچلۈك بىر ئادالەت تۇيغۇسىنى تەلەپ قىلسا، دۇنيادىكى خىتايدەك  بىر ئەڭ  زوراۋان دۆلەتكە قارشى گەپ قىلىش يەنى ئۇنىڭ خاتالىقلىرىنى يۈزىگە سېلىش يۈكسەك بىر جاسارەت تەلەپ قىلىدۇ. شىنزۇ ئابى ئۆزىدە مانا مۇشۇ سۈپەتلەرنى يېتىلدۈرگەن، ياپونىيەنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈنلا ئەمەس، دۇنيانىڭ تېنچلىقى ئۈچۈنمۇ ھەسسە قوشقان بىر دۆلەت ئەربابى ئىدى. 
  مەنچە شىنزۇ ئابىدەك ئەقىللىق، ئادالەتلىك ۋە جەسۇر دۆلەت ئەربابلىرى كەم  بولمىغان دۇنيا- گۈزەل، باياشات، تېنچ ۋە ئادالەتلىك دۇنيادۇر. شۇڭا شىنزۇ ئابىنىڭ ۋاپاتى، ياپونىيە خەلقى ئۈچۈنلا ئەمەس، مەزلۇم ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈنمۇ بىر يوقۇتۇشتۇر؛ بۇ  دۇنيانىڭ تېنچلىقى ۋە ئادالىتى ئۈچۈنمۇ بىر بوشلۇقتۇر. شۇڭا مەن بۇ پۇرسەتتە ياپونىيە خەلقىغە،  جۈملىدىن، شىنزۇ ئابىنىڭ ئائىلە- تاۋاباتىغا سەۋر تىلەش بىلەن بىرلىكتە،  ئۇلارنىڭ مانا مۇشۇنداق قىممەتلىك دۆلەت ئەربابىمى يېتىلدۈرگىنىگە ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن.
          ئاخىرىدا،  ياپونىيەدە يەنە مىڭلىغان شىنزۇ ئابىلارنىڭ تۇغۇلىشى ۋە يېتىتىلىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.
   ئۇيغۇر مىللىي ھەركىتى رابىيە قادىر