ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ۋە ئىنسانىيەكە قارشى بىر جىنايەتكە قارىتا ئىنكاس ۋە جازانىڭ ئەسلىدە قانداق بولۇشى كېرەكلىكى ھىچكىمگە سىر ئەمەس. ئەمما ب د ت قاتارلىق خەلقئاارا ئورگانلارنىڭ ئىجرائىيە كۈچىنىڭ ئاجىزلىقى، دۇنيادا كۆپ ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ تېخىچە ئۆز خەلقىنىڭ ئاساسى تۇرمۇش ئېھتىياجلىرىنى قامداش كويىدا ئىكەنلىكى، بولۇپمۇ خىتاينىڭ ئادالەتسىز رىقابەت ۋە ئەخلاقسىز سودا تىجارەت يول بىلەن ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئىلگىرى بېسىپ كېتىشى، دۇنياۋىي ئادالەتنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى. خىتاي 3 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى 4 يىلدىن بۇيان يىغىۋېلىش لاگىرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئائىلىۋىي ھاياتىنى بەربات قىلدى، بىر قىسمىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى، يەنە بىر قىسمىنى ئۆلۈم گىردابىغا ئەكىلىپ قويدى. بۇ مەزلۇم خەلقنىڭ يىغلىشىغىغۇ پۇرسەت بولمايۋاتقان، نارىسىدە ئەۋلاتلىرىمۇ بالىلار لاگىرىدا ئىزتىراپ چېكىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە، خىتاي ھىچ ئىككىلەنمەي ئولىمپىكقا ساھىپخانلىق ئۈچۈن تەييارلىقىنى قىلىۋاتىدۇ. ئەسلىدە ئەنە شۇنداق بىر چوڭ جىنايەتنىڭ جازاسى يالغۇز دىپلوماتىك بايقۇت بولماسلىقى كېرەك ئىدى. ئەمما مەۋجۇت شارائىتلار سەۋەپلىك، ئامېرىكا ھۈكۈمىتىنىڭ بۇ يېتەرسىز ۋە ئاجىز تەدبىرىنى ئالقىشلايمەن ، جازانىڭ بۇنىڭلىق بىلەن توختاپ قالماسلىقىنى تەلەپ قىلىمەن.

مەلۇمكى ، بۇ دۇنيا ، بەلگىلىك بىر قانۇن-ئىنتىزام بىلەن يارالغان. خىتايغا ئوخشاش تەنىئەت ۋە جەمىيەتنىڭ قانۇنىيەتلىرىگە خىلاپ ھەركەت قىلىۋاتقان رەزىل كۈچلەرنىڭ زەربىسىگە بىزلا ئەمەس، يەر شارىدا ياشاۋاتقان بارلىق مىللەتلە ر بەلگىلىك نىسبەتتە ئۇچرايدۇ. بىز بۇ قانۇنىيەتنى كوۋىد 19 ۋاباسىدا كۆردۇق. دۇنيا خىتاينىڭ قاتتىق ئاخبارات چەكلىمىسىگە، ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ مۇستەقىل ھەركەت قىلالماسلىقىغا سۈكۈت قىلغانلىقى ئۈچۈن، ۋابا دەل ۋاقتىدا كونترول قىلىنمىدى، دۇنياغا يېيىلدى، ۋە تېخىچە، ۋابانىڭ يىلتىزىنى بىلەلىگىنى ۋە زىيىنىنى توختىتالىىنى يوق. بۇ نۇقتتىدىن ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى سەۋەپلىك ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىش قارارى، ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ھەق تەرەپتە تۇرۇش مەسىلىسلا ئەمەس، دۇنيانىڭ تېنچلىقى نۇقتىسىدىنمۇ ئەھمىيەتكە ئىگىدۇر.
مەن باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشقا كۈچى يەتمىگەن تەقدىردىمۇ، ئولىمپىك قاتارلىق مۇارسىملارغا قاتنىشىش يولى بىلەن خىتاينى جاسارەتلەندۈرمەسلىككە ۋە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ تېخىمۇ شىددەتلىنىشىگە ۋەسىلە بولماسلىققا دەۋەت قىلىمەن.
ئۇيغۇر مىللىي ھەركىتى رەھبىرى رابىيە قادىر