نيۇ-يورك پورتىدىكى ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش (CBP) خادىملىرى خىتايدىن كىرگەن، ئۇيغۇر رايونىدىكى تۈرمە ياكى  جازا لاگېردىكىلەرنىڭ ئەمگىكى بىلەن ياسالغان دەپ گۇمان قىلىنغان يالغان چاچ ۋە قوشۇمچە بۇيۇملارنى تەكشۈرمەكتە. 2020-يىلى 29-ئىيۇن.

ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى 14-سېنتەبىر دۈشەنبە كۈنى «بەش خىل تۇتۇپ قېلىش بۇيرۇقى» (WRO) ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىپ، بەش خىل مەھسۇلاتلارنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا دۆلەت قوللىغان مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر خەلقى ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان سىستېمىلىق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى سەۋەبلىك بېكىتىلگەنلىكىنى ئىزاھلاندى.

1. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى لوپ ناھىيىسى 4-كەسپىي ماھارەت تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ ئەمگەك كۈچى بىلەن ئىشلەنگەن بارلىق مەھسۇلاتلىرى؛

2. خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى لوپ ناھىيەلىك چاچ مەھسۇلاتلىرى سانائەت باغچىسىدا ياسالغان چاچ مەھسۇلاتلىرى؛

3. خىتاي جوۋۋەن كىيىم-كېچەك ئىشلەپچىقىرىش چەكلىك شىركىتى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى باۋدىڭ LYSZD سودا-سانائەت چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقارغان كىيىم-كېچەكلەر؛

4. خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى شىنجاڭ جۇڭغار پاختىسى ۋە لىنەن چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقارغان ۋە پىششىقلاپ ئىشلىگەن پاختىلىرى؛

5. خىتاينىڭ ئەنخۇي ئۆلكىسى خېفېي بىتلاند ئۇچۇر تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقارغان كومپيۇتېر زاپچاسلىرى؛

ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خېفېي بىتلاند ئېلېكترون ۋە ئۇچۇر تېشنىكا شىركىتى مەھۇلات ئىشلەپچىقىرىشتا تۈرمە ۋە مەجبۇرىي ئەمگەكنى قوللىنىدىكەن.

ئامېرىكانىڭ بارلىق پورتلىرىدىكى تاموژنا خادىملىرى بەش خىل تۇتۇپ قېلىش بۇيرۇقى بويىچە، خىتاي «كەسپىي ماھارەت تەربىيەلەش مەركىزى» دەپ ئاتاۋاتقان لاگېرلاردىكى زاۋۇتلاردا، تۈرمە كارخانىلىرىدا ۋە ياكى باشقا ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلىرىدا ئۇيغۇرلارنى قۇل ئىشچى ئورنىدا مەجبۇرىي ئىشلىتىش بەدىلىگە كەلگەنلىكى ئىسپاتلانغان يۇقىرىقى تاۋارلارنى تۇتۇپ قالىدىكەن.

باياناتتا ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى سودا ئىشخانىسىنىڭ ئىجرائىيە ياردەمچى كومىسسارى برېندا سىمىسنىڭ «CBP نىڭ خىتايدىن كىرىۋاتقان ئىمپورت مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا ئېلىپ بارغان بىر يۈرۈش تەكشۈرۈشلىرى خىتاي كارخانىلىرىدا ئىنسانىي ئەخلاققا خىلاپ ئىنتايىن ناچار ئەمگەك شارائىتىنىڭ كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە، CBP بۇنىڭغا ھەرگىز كۆز يۇممايدۇ،» دېگەن سۆزلىرى ئورۇن ئالغان.

DHS نىڭ مۇۋەققەت مۇئاۋىن سېكرېتارى كېن كۇچىنېللى مۇنداق دېگەن: «DHS بۇ تەدبىر ئارقىلىق خىتايدىكى قانۇنسىز ۋە ئىنسان قېلىپىدىن چىققان مەجبۇرىي قۇل ئەمگىكىگە قارشى تۇرىدۇ. خىتايدا بۇنداق زامانىۋى قۇللۇقنىڭ بىر تۈرى بويىچە ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلار ئامېرىكىغا ئىمپورت قىلىنغاندا، بۇ تەمىنلەش زەنجىرىمىزدىكى بارلىق ئامېرىكالىق ئىشچىلارنى ۋە كارخانىلارنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ.»

ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «پرېزىدېنت ترامپ ۋە بىزنىڭ ئىدارىمىز ئامېرىكا ئىشچىلىرى ۋە كارخانىلىرىنى داۋاملىق تۈردە بىرىنچى ئورۇنغا قويىدۇ. بىز يەنە ئامېرىكا پۇقرالىرىنى بۇ خىل كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە باغلىنىپ قېلىشىدىن قوغدايمىز.»

CBP نىڭ مۇۋەققەت كومىسسارى مارك ئا. مورگان مۇنداق دېگەن: «ترامپ ھۆكۈمىتى چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ ئاجىز ئەمگەكچىلەرنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇن بىلەن باشقۇرۇش قاتارلىق نۇقتىلاردا ئۇلارنىڭ ئامېرىكا كارخانىلىرىغا زىيان سېلىشىغا قەتئىي يول قويمايدۇ. بۈگۈنكى تۇتۇپ قېلىش بۇيرۇقى خەلقئارا جەمئىيەتكە ئامېرىكانىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ قانۇنسىزلىقىنى، ئىنسانىي ئەخلاققا خىلاپ لىقىنى شۇنداقلا ئامېرىكانىڭ ئېكسپىلاتاتسىيە قىلمىشلىرىغا ھەرگىزمۇ يول قويمايدىغانلىقىنى ئېنىق جاكارلايدۇ.»

2020-يىلى 14-سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو مەخسۇس بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ: «ترامپ ھۆكۈمىتى دۇنيانى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭدىكى ۋەھشىيانە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە دىققەت قىلىشقا يېتەكلەپ كەلمەكتە. بىز بۇنىڭغا لايىق ئەمەلىي تەدبىرلەرنى قوللاندۇق. بۈگۈن ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش (CBP) ئىدارىسىنىڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدە ئىشلەپچىقىرىلغان بەزى تاۋارلارغا بەش يېڭى تۇتۇپ قېلىش بۇيرۇقى (WRO) تارقاتقانلىقى بۇ تەدبىرلەرنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنىڭ بىر بەلگىسى،» دېگەن.

ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسىنىڭ تورىدا ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «2020-يىللىق مالىيە يىلىدا CBP مىسلى كۆرۈلمىگەن 12 تۈرلۈك ‹چېگرادا تۇتۇپ قېلىش› بۇيرۇقى تارقاتتى. بۇنىڭ ئىچىدە خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا مۇناسىۋەتلىك 8 ئايرىم بۇيرۇق چىقىرىلغان. بۇ تۇتۇپ قېلىپ بۇيرۇقلىرى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ياسالغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكاغا ئىمپورت قىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.»

باياناتتا يەنە تەكىتلىنىشىچە، يېقىندا تارقىتىلغان تۇتۇپ قېلىش بۇيرۇقلىرى پاختا، كىيىم-كېچەك، كومپيۇتېر زاپچاسلىرى ۋە چاچ مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق مەھسۇلاتلارغا مەركەزلەشكەن ئىكەن. ئامېرىكا بۇ تەدبىرلەر ئارقىلىق خىتايغا «دۆلەت قوللىغان مەجبۇرىي قۇل ئەمگىكىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغان ۋە ھەممە ئادەمنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىدىغان پەيت يېتىپ كەلدى» دەپ ئېنىق سىگنال بېرىشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

 

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى