ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى چارلىز مىشېل(Charles Michel) ۋە غۇۋا ئارقا كۆرۈنۈشتە ياۋروپا كومىسسىيونىنىڭ رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن(Ursula von der Leyen) ياۋروپا كېڭىشى بىناسىدا گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل(Angela Merkel) بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن توردا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا. 2020-يىلى 14-سېنتەبىر، بىريۇسسېل، بېلگىيە.

خىتاي-ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلىرىنىڭ 14-سېنتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبىتىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى بېيجىڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشى ۋە بازىرىنى ئېچىۋېتىشىنى تەلەپ قىلىپ، بۇ ئىككى نۇقتىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى تۈپ تەلەپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. يىغىننىڭ ئەڭ دىققەت قىلارلىق نۇقتىسى بولسا ياۋروپا رەھبەرلىرىنىڭ خىتاي باش سېكرېتارى شى جىنپىڭنىڭ خەلقئارا مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇشىنى يۈز نۇرانە تەلەپ قىلىشىدۇر.

ياۋروپا كېڭىشىنىڭ پرېزىدېنتى چارلېز مىشېل 14-سېنتەبىر ئېلان قىلغان باياناتىدا، «بىز خىتاينىڭ شىنجاڭ ۋە تىبەتتىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە تۇتقان مۇئامىلىسىگە بولغان ئەندىشىمىزنى قايتا تەكىتلىدۇق»، «بىز مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدۇق»دەپ كۆرسەتكەن. بۇ، ھازىرغا قەدەر تاراتقۇلارغا مەلۇم بولغان چەتئەل رەھبەرلىرىنىڭ شى جىنپىڭغا شەرقىي تۈركىستانغا مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش تەلىپىنى يۈز نۇرانە قويۇشىدۇر.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكىتلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭشەرقىي تۈركىستاندا مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا بولغان پوزىتسىيەسىدىكى بىر بۇرۇلۇش ئىكەن. فىرانسىيەدىكى نوپۇزلۇق خىتايشۇناس مارىيە خولىزمان خانىم لاگېرلار ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇرۇلۇش ياسىشىدىكى ھالقىلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، يىغىندا شى جىنپىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئالدى بىلەن ئۆز ئىشلىرىغا ئىگە بولۇشى، باشقىلارنىڭ ئۆزلىرىگە نىسبەتەن كىشىلىك ھوقۇق توغرىسىدا تەنقدىتتە بولۇشىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئىككى خىل ئۆلچەمگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

بۇ نۆۋەتلىك خىتاي-ياۋروپا ئىتتىپاقى سۆھبىتى ياۋروپا كېڭىشىنىڭ پرېزىدېنتى چارلېز مىشېل، ياۋروپا كومىسسىيەسىنىڭ رەئىسى ئۇرسۇلا فون دېر لەيەن، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل بىلەن خىتاي باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى سۆھبەت مەزگىلىدە بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ يىغىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى جاۋابكارلىققا تارتىشنىڭ مۇھىم پۇرسىتى ئىكەنلىكى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۆز پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، خىتايغا قارشى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

 

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى